قاينامى:كەل،ئەي ئادەم!

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 22:05:59

كەل،ئەي ئادەم!…ئىككى قولۇمنى كېسىشكە تەييار بولدۇم،كەچتىم روھى مەجرۇھ تەننىڭ ساقلىقىدىنقىپقىزىل يۈرىكىمنى يوللارغا چېچىپ بولدۇم،سەن ماڭىدىغان يوللارغابىھۇدىلىك يامغۇرلىرىنى ئۈستۈمگە تۆكۈۋات...



     

    كەل،ئەي ئادەم!…

     

    ئىككى قولۇمنى كېسىشكە تەييار بولدۇم،كەچتىم روھى مەجرۇھ تەننىڭ ساقلىقىدىن

    قىپقىزىل يۈرىكىمنى يوللارغا چېچىپ بولدۇم،سەن ماڭىدىغان يوللارغا

    بىھۇدىلىك يامغۇرلىرىنى ئۈستۈمگە تۆكۈۋاتقان بۇلۇتلاردىن كەچتىم

    كەچتىم چۆللەردە كۆزلىرىمنى يۇمۇلۇشقا ئېلىپ كېتىۋاتقان ئالتۇن قوڭغۇراقلاردىن

    كەچتىم كەچمىشلىرىمدىن مېنىڭ ساختا قاسراقلىرىمغا سىزىلغان رەسىملەردىن

    چىقتىم ئىچىمدىكى زىنداندىن...

     

    ئاۋازىمىز چوڭقۇر ھاڭلاردىن ئاڭلانسىمۇ

    سەن سورىغان گۈل-چىمەنلەر چەيلەنگەن بولسىمۇ

    بۇلبۇلنىڭ خۇشخەۋەرلىرى بىزنى ئۆلۈمگە باشلىغان بولسىمۇ

    قېرىنداشلىرىم مېنى قۇدۇققا تاشلىغان بولسىمۇ

    كەل،ئەي ئادەم!

    تىنىقىم تېخى توختىمىدى...

     

    كۆرىسەن،ئانىلارنىڭ كىرپىكلىرىدىكى يۇلتۇزلىرى قۇرىغان

    زارىدىكى دەريا دولقۇنلىرى قىرغاقتا ئۇخلاۋاتقان

    قىزلارنىڭ ئۈزۈك سېلىنمىغان قوللىرى كېسىپ تاشلانغان ئەخلەتخانىلاردا...

     

    كۆرىسەن

    ئاتىلارنىڭ بەللىرىدىكى يا ئوقلىرى سۇنغان

    ساقاللىرى يۇلۇنۇپ قۇدۇق قازغان يىڭنىلەرنىڭ تۈشۈكلىرىگە ئۆتكۈزۈلگەن

    ئۇلارنىڭ كىچىك-كىچىك لاي ھەيكەللىرى ياسىلىپ

    شاھمات پېچكىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن...

     

    بالىلار رىۋايەت ياسىماقتا ئاتىلارنىڭ ئىزىدىن ئۈنگەن تىكەنلەرگە دەسسەپ

    كۆرىسەن ئۇلارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى قانغا بۇيالغان مەيداننى چۆرگىلەپ ئويناۋاتقان

    ئەي،ئادەم!

    ئاڭلايسەن ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئۈمىد دەرەخلىرىدە پۈچەك مېۋە بەرگەن

    كۆرىسەن ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى قاراڭغۇ ئۆيلىرىنى

    كۆرىسەن ئۇلارنىڭ چۈشلىرىنى ئۇسسىغان بېلىقلاردەك

    قونىدىغان يەر تاپالماي ھالسىراۋاتقان قۇشلاردەك

    كۆرىسەن ئۇلارنىڭ چىراقلىرىنى كۈندۈزلەرگە يېقىپ قويغان…

     

    يۈزلىرىمنى ئەسكەن شاماللارغا پىچىرلىدىم

    سۆزلىدىم كۆك قەرىدە ئۇچقان قۇشلارغا

     

    ئىچىمدىكى زىنداندىن چىقتىم،ئۇنتۇدۇم بۇرۇنقى بىلگەنلىرىمنى

    ئۆتمۈشۈمنى تاشلىدىم قايغۇ دەرياسىغا

    كەل،ئەي ئادەم

    بىز كۈندۈز دەۋاتقان قاراڭغۇلۇققا…

    2011-5-28

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قاينامى كەل ئەي ئادەم _