پارچىلار

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-14 19:26:00

ئىلان پوستىنى تاشلايدۇ ، ئەمما تاشلىمايدۇ خۇلقى - پەيلىنى . قۇشخانىغا ئۆگەنگەن ئىتلار، ئۈزەلمەيدۇ قاندىن مەيلىنى . **************** كۆپىنچە ۋاقتىلاردا ياخشى ئادەم ، ئۆزىنى تۇتالايدۇ يامانلىقتىن . ئىن...

    ئىلان پوستىنى تاشلايدۇ ، ئەمما

    تاشلىمايدۇ خۇلقى - پەيلىنى .

    قۇشخانىغا ئۆگەنگەن ئىتلار،

    ئۈزەلمەيدۇ قاندىن مەيلىنى .

    ****************

    كۆپىنچە ۋاقتىلاردا ياخشى ئادەم ،

    ئۆزىنى تۇتالايدۇ يامانلىقتىن .

    ئىنساننىڭ مەن - مەن دېگەن داناسىمۇ ،

    ھېچقاچان ساقلىنالماس نادانلىقتىن .

    ****************

    ئىگىسىز بىچارە قوينىڭ ئۆلمىگى ،

    گۆش خۇمار يىرتقۇچ ئۈچۈن بەزمە ئىكەن .

    تولغىنىپ خورلۇقتا ياتقان بەندىنىڭ ،

    ھەسىرىتى ، ساتقىن ئۈچۈن نەزمە ئىكەن .

    **********************

    ئامراق سېغىزخان شوخلىنىپ ماختانغىلى ،

    سازاڭ مۆكەر كۈن نۇرىدىن ساقلانغىلى.

    شۆھرەت تەلەپ قىلمايدۇ بۈركۈت ھېچقاچان ،

    تەييار لېكىن قۇزغۇنغا دەل ئاتلانغىلى .

    **********************

    بىۋاپا يار ئالدىدا سۆز ئاقمىدى ،

    يۈرىگىم ئۆرتەندى -يۇ ، ياش ئاقمىدى .

    چىرمىماستا مېنى ئىشقنىڭ زەنجىرى ،

    ئېيتقىنا ، رەڭگىم قىرودەك ئاقمىدى .

    ******************

    دۇنيا ئەسلى بولغاندا بىنا ،

    ئەپچىللەرگە تەئەللۇق ئىدى .

    كۆپلەر بىلمەي تۇغۇلۇپ قالدى ،

    سۆرەلمىگە ئورۇن يوق ئىدى.

    ********************

    بۇ جاھاننىڭ ھىكمىتى شۇ دوستلىرىم سالغىن قۇلاق ،

    تەلىيى ئوڭلارغا جەننەت ، تەلىيى كاجغا دوزاق .

    ئەجرى تۆككەنگە سېخىدۇر ، ئەھلى يالقاۋغا بېخىل ،

    بىئەقىللەرگە باياۋان ، زېھنى بارلارغا بۇلاق .

    ********************

    ساپ دىل بولسا ئىنسان بالىسى ،

    راست سۆزلىسە ، يالغان قاتمىسا.

    غورۇر بىلەن ئۆتسە جاھاندىن ،

    باش كەتسىمۇ ۋىجدان ساتىمىسا .

    *********************

    تا ئەزەلدىن ئىشتىياق دېگەن ،

    ۋىجدانى پاك ئىنسانلارغا خاس.

    ئىشتىياقتىن خالى كۆڭۈلدە ،

    ئۆمۈرۋايەت ئىستەك تۇغۇلماس.

     

    ئاپتور : مەمتىمىن ھەزرەت .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق