كەلسە نورۇز

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-24 18:23:31

كەلسە نورۇزساداقەتجان ھاجىكەلسە نورۇز، كەلسە ئالەمگە گۈزەل بىر دىلرابا؛كەلسە ئىشقىمنى بىدار ئەيلەپ مۇھەببەتلىك سابا؛كەلسە نورۇز، ئېرىسە مۇز، ئاقسا سۇلار مەۋج ئۇرۇپ،كەلسە ئىلھام، كەلسە روھ...



    كەلسە نورۇز


    ساداقەتجان ھاجى


    كەلسە نورۇز، كەلسە ئالەمگە گۈزەل بىر دىلرابا؛
    كەلسە ئىشقىمنى بىدار ئەيلەپ مۇھەببەتلىك سابا؛

    كەلسە نورۇز، ئېرىسە مۇز، ئاقسا سۇلار مەۋج ئۇرۇپ،
    كەلسە ئىلھام، كەلسە روھىمدا ياساپ تاشقىن زىيا؛

    كەلسە نورۇز، چاقنىسا نۇر، چاقنىسا ۋەسلى باھار،
    بالقىسا ئاي، بالقىسا كۈن، بالقىسا نۇرلۇق ساما؛

    كەلسە نورۇز، كەلسە شىرىن چۈشلىرىم، خىياللىرىم،
    كەلسە ۋىجدانىم بۈيۈك ئارمانغا ئەيلەپ جانپىدا؛

    كەلسە نورۇز، يەردە تۇلپار بەيگىلەردىن تاپسا قۇت،
    كۆكتە شۇڭقار شەمشىرىگە شان-شەرەپ بەرسە قىيا؛

    كەلسە نورۇز، كۆرسە كۈللى كائىنات ھەق قۇدرىتىن،
    ھەقتائالا سەنئىتىگە بولسا كۆزلەر مەھلىيا!

    كەلسە نورۇز، ياغسا يامغۇر، ياغسا رەھمەت، ياغسا نۇر،
    يانسا دىلدا چىن غۇرۇر، سۆيگۈ-مۇھەببەت، رەببەنا!

    كەلسە نورۇز، كەلسە قۇشلار، كۈيلىسە زەۋقى بىلەن،
    ساھىبى ئالەمگە ئەيلەپ قەلبىدىن ھەمدۇ-سانا!

    كەلسە نورۇز، كەلسە ھۆرلەر، ئەل ئىماندىن كۆكلىسە،
    ھەقتائالا ئەيلىسە ئۇيغۇرغا نورۇزنى راۋا!

    كەلسە نورۇز، كۈلسە بوستان، كۈلسە ئاسمان، كۈلسە يەر،
    كۈلسە كۆڭلۈم ياڭرىتىپ نورۇزدا ئوتلۇق كۈي-ناۋا؛

    چاچسا گۈللەر خۇشپۇراق قوزغاپ دىلىمدا ئىشتىياق،
    بۇلدۇقلىسا نورۇزبۇلاق دەردىمگە ئەيلەپ بىر داۋا؛

    چىن يۈرەكتىن چىن سالام، نورۇزغا بولسۇن ئىھتىرام،
    كەلسە كۆك كوزىدا شەربەت، كەل ئىچەيلى دىلرابا!

    ★★★★★
    (2003-يىل 3-ئايدا قەشقەردە يېزىلدى. 2012-يىلى 3-ئايدا تولۇقلاپ يېزىلدى.)
    ★★★★★

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.