يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا(ئوسمانجان ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 07:14:55

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭائوسمانجان ساۋۇتبەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا. بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا. سەن ئۈچۈن جۇش ...

    يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا
    ئوسمانجان ساۋۇت



    بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
    سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا.
    بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
    كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا.
    سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
    زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا.
    ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
    خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا!
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    سايىدەك خىياللار قوزغىغان ھەۋەس،
    بىر قىيا قاراتسا گەر مېنى ياتقا.
    بىقارار جاپالار سەۋرىمنى يىڭىپ،
    قىستىسا ئوكۇنۇش ، نالە - پەرياتقا ؛
    گۇزەردە قارىسام تەئەجقۇپ ئىچرە،
    زەر لىباس ئەجنەبى ياكى سەيياھقا.
    قۇيۇلغاي كۆزلىرىم بولۇپ گۇناكار،
    ئىنسانلىق سۈپىتىم چىقسۇن بەرباتقا!
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    چىگرىسىز ئۆيۈمنىڭ چېگرىسى پولات،
    غەيرىي ئۆي ئۇرۇلسا بولۇر ئۇ تالقان.
    ئېزىتقۇ جىلۋىلەر ئۈزگەن ئوقلارغا،
    سەن بەرگەن مۇھەببەت بولىدۇ قالقان.
    بەلگىسىز يۇتكۈچى ئۆمرۈمگە بەلگە،
    سىنىڭدە ئاققان تەر،قاپار غان ئالىقان.
    سەندىكى ھەر تاڭغا پۈتۈلگەن بەختىم،
    ھاياتى نۇرلارنى ۋەسلىگە تاڭغان!
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    تاج - تىللا گۈل قىلىپ ئىگەلمەس مېنى،
    ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنى ھەم جىلاسى سەندە.
    قۇللۇقنى سۆكسەممۇ قاغاپ، قارىلاپ،
    قۇلۇڭمەن ئەبەدىي، بىرساڭا بەندە.
    تەبەسسۇم تارىتاي يۈلتۇزلارغا مەن،
    يالاڭ گۈل كەبىمەن قىلىمەن خەندە.
    نەپىسىم ئايرىلماس ئىپار ھاۋاڭدىن،
    دىمەككى تاغدەك زور قۇدرەت بار مەندە.
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    بەختىچۈن مىزان بار ھەركىمدە تەھقىق،
    بۇچىگىش، مىڭ پۇتاق، تالاي خىل بىراق.
    ئىشرەتتە ئۆلچەيدۇ بەزىلەر ئۇنى،
    بەختتىن قىقىلىپ ئاسمانچە يىراق.
    بەزىلەر دەيدۇكى، بەخت دېگەن شۇ،
    ئاينىمۇ لەت قىلغان ئاي تەن، ئاي سىياق.
    ئالەمنىڭ ھىكمىتى ئالەمنى ئېمىش،
    ئۆزگىسى تاڭلايغا تاشلايدۇ قىياق.
    مەن دەيمەن بەخت دەپ سىنىڭ ۋەسلىڭنى ،
    ئىشقىمنى تاۋلايدۇ سەن سالغان پىراق.
    بەختتۇر كىچىلەر باسقاندا سىنى،
    جىسمىمنى پىلىك قىپ ياندۇرسام چىراغ.
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    مەڭگۈلۈك رىزقى بار سەندە ئەۋلادنىڭ،
    ھاۋا، سۇ باغرىڭدا ياتقان، پاك پەۋەس.
    مېشىمدە كۆمۈر ئەمەس يانار يۈرىكىم،
    ھەتتاكى ئاۋايلاپ ئالىمەن نەپەس.
    بىھۇدە تۆككەنلەر تامچە سۈيۈئۇڭنى،
    بىلىمەن، ۋاپادار پەرزەنتىڭ ئەمەس.
    كۆرەلمەس سەندىكى چىن گۈزەللىكنى،
    نەپسىنىڭ كويىدا يۈرگەن مەست - ئەلەس.
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئامانلىغىڭچۈن
    بەرمىنى قازاغا، بەرگىن خەيرىگە.
    ئوغلۈڭمەن تۇغۇلغان بەختىڭچۈن جەڭگە،
    خېرىدار ئەمەسمەن بەزمە، سەيلىگە.
    ئاق يوللۇق قەسەمبۇ ئاق نىيەت تۇغقان،
    ئوخشايدۇ قاردىكى ئاپپاق لەيلىگە.
    ئازارلار يىسەممۇ پەي مىجەزلەردىن،
    پۈكمەسمەن قەددىمنى باقماي مەيلىگە.
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    ئېرىمەس قەھرىمنى ئالار پەقەتلا
    يات ئىقلىم ئىشقىدا ئۆرتەنگەن ساياق.
    ئۆلگىنى ھەركىمنىڭ ياقا يەرلەرگە
    سىنىڭدىن قول ئۈزۈپ تاشلىسا ئاياق.
    كەلگىندى ئاتىلىپ كەلگىندىلىكتە،
    تاپقان زەر، جەزمەنكى، باشقا دەرد - تاياق.
    مىڭ ئەلا توزىدىن خەقنىڭ، سەندىكى
    قۇشقاچلار شاخلارغا تاشلىغان ماياق.
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

    شۇ مىنىڭ ئەقىدەم، ئۆتەر ئىلكىدە،
    ئۆمرۈمنىڭ ھەر بەرگى - دەقىقەم ، سوتكام.
    مىڭ جەننەت راھىتىدىن بېرىدۇ ماڭا،
    لاي سۇۋاق ئۆيۈم ۋە قىيشايغان بوتكام.
    بايلىقىم - دىلدىكى ساڭا مۇھەببەت،
    ۋە سادىق ھەمرايىم قەلەم، چىش چوتكام.
    خەقلەرنىڭ مىننەتلىك ئېشىدىن ئەلا،
    ئۆزۈمنىڭ قازىنى بەرگەن ئاش، بوتقام.
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.