قاينامى:مېنىڭ ھېكايەم..

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-11 15:12:51

مېنىڭ ھېكايەممېنىڭ ھېكايەمئېتىز قىرلىرىدىن باشلىنىدۇكېسىلگەن باشاقلارنىڭ رىۋايىتىدەكراستتىنلا مۇقەددەسلىك بار دېيىلگەن تۇپراقنىڭ ئاۋازىدىنتەزىم بىلەن يول بۇشىتىپ تۇرغان چىشى دەرەخلەرنىڭ يا...

    مېنىڭ ھېكايەم

     

    مېنىڭ ھېكايەم

    ئېتىز قىرلىرىدىن باشلىنىدۇ

    كېسىلگەن باشاقلارنىڭ رىۋايىتىدەك

     

    راستتىنلا مۇقەددەسلىك بار دېيىلگەن تۇپراقنىڭ ئاۋازىدىن

    تەزىم بىلەن يول بۇشىتىپ تۇرغان چىشى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرىدىن

    ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىلنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدىن

    `ئېتىز ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلارنىڭ قايغۇلۇق چىللاشلىرىدىن

    چىقىدۇ بىر ھېكايە سۇغا چىلاشقان...

     

    يەنە بىر يۈزىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى

    يۈگرىگەنچە ئۆلۈمگە كىرىپ كەتتى

    مەن ئۇنىڭ تېنىدىكى قاراڭغۇلۇقنى ساناپ بولغىچە...

    تېنىمدىكى ئاي پاتتى

    ئۇ مېنىڭ دىلىمدىكى ئۆلۈمنى ئەسلەپ بولغىچە

     

    ئەي مېنىڭ ئوقۇرمىنىم تېخى تۇغۇلمىغان

    بالىياتقۇنىڭ تاملىرىنى تېشىش ئۈچۈن تىرناقلىرىنى ئۆستۈرىۋاتقان

    بەلكى سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەشۇ ئايالنىڭ تېنىدىدۇر

    ئۇ ئايالنىڭ نامراتلىق،ئاچلىق،زارلىقتىن كۆزلىرى قاتقان...

    ئۇنىڭ قوللىرى جانسىز مىدىرلاپ سۆزلەۋاتقان

    پۇتلىرى قىسقا ئۆمرىنى ئاستا-ئاستا ئۆلچەۋاتقان...

     

    بەلكى سەن بىر كۈن كېلەرسەن

    بەلكىم بىز ئۇچرىشارمىز ئۆلۈم بىلەن تۇغۇم ئارىسىدا

    بەلكىم بىر-بىرىمىزنى تونۇماسمىز

    ئۆتۈشۈپ كېتەرمىز ھازىرقى ئادەملەردەك گۇمانىي قاراشتا

     

    بەلكى سەن كەلگەندىن كېيىن،مەن كېتىپ

    ئاختۇرارسەن مېنىڭ ھېكايەمنى  ئورۇلۇپ بولغان بۇغداي ئېتىزلىرىدىن

    چانالغان قۇناق مايسىلىرىدىن

    قۇرۇق خاماندىكى ھەسرەتلىك‹‹لاي-لاي››لاردىن...

    سۇلارنىڭ خوشياقمىغاندەك ئېرىق قىرلىرىدا ئولتۇرۇشىدىن

    قۇشلارنىڭ ئاچ قالغان ئاۋازىدىن

     

    لېكىن سەن بىلمەيسەن،ئەي ناتۇنۇش ئوقۇرمىنىم

    مېنىڭ ھېكايەم ئاللىبۇرۇن يىرتىپ تاشلانغان پەيلاسوپلارنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدا

    ئۇ ياشاشنىڭ كارىدىن پۈتكەن ئازگاللارنىڭ چوڭقۇرىدا

    ئۇ يېزىقلارنىڭ ئۆزگەرگەن،سېسىغان ھەيۋىتىدە باشلانغان قاراڭغۇلۇقتا

    ئۇ بىر تالاي باشسىز چەۋەندازلارنىڭ ياغاچ قىلىچىنىڭ ئۇچىدا

    ئۇ يىرتىلىغان يېڭى ئىدىيەلەرنىڭ ساھىپجامال  شاماللىرىدا

     

    ئەي سۆيۈملۈك ناتۇنۇش ئوقۇرمىنىم

    مېنىڭ ھېكايەم

    مېنى كۈتۈپ تۇرار قەبرەم ئىچىدە...

    2011-5-9

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.