دېڭىزدىكى كوچىدىن(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 22:55:06

دېڭىزدىكى كوچىدىنئادىل تۇنىيازئۇيغۇربۇبىر يېشىل قەۋىمنىڭ ئسمى،سۇبىلەن قۇمئارىسىدىكى.كىلىپ قالار ئۆمىلەپ قۇملۇقبۇسۇغىسىغا مەلىنىڭ بەزەن.ئاق تېرەكلەر ئىگىز ۋەروھلۇقمەسچىتلەردىن ياڭرايدۇ ئەزەن....

    دېڭىزدىكى كوچىدىن
    ئادىل تۇنىياز



    ئۇيغۇر
    بۇبىر يېشىل قەۋىمنىڭ ئسمى،
    سۇبىلەن قۇم
    ئارىسىدىكى.

    كىلىپ قالار ئۆمىلەپ قۇملۇق
    بۇسۇغىسىغا مەلىنىڭ بەزەن.
    ئاق تېرەكلەر ئىگىز ۋەروھلۇق
    مەسچىتلەردىن ياڭرايدۇ ئەزەن.

    ئسمىمىزنى چاقىردى بىرسى،
    بېشىمىزنى كۆتەرسەك
    ھىچكىم يوق
    ئاسماندىن بۆلەك.

    قۇياش ئۈزۈپ ئاسماندا،
    ئالتۇن قاسىراق تۆكمەكتە،
    ۋالىلدىغان بىرسۆز ئالقاندا.

    ئاستا -ئاستا چۆكمەكتە
    ئسمى ئەمەس،
    بىرتال چېچكى.
    بىز ھەممىمىز نىمجان بېلىقتەك
    كۈرۈنگەندە ۋاقىتنىڭ تىگى.

    سۇنغان ئەينىكىدە ۋاقىتنىڭ
    بىر ئادەم ۋەسان ساناقسىز يۈز،
    بىز تۇغۇلۇپ تەكرا ئۈلۈمىز.

    قۇتراپ تۇرغان ياۋايى كۈچنى
    ساقلاپ بىركۈن ئەينەك شىشىدە
    ئاندىن ئۇنى ئاچتىم كېچىدە،
    ماناشۇنداق تۇغۇلدى شېئر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.