قەشقەردىكى يەر شارى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 06:00:13

قەشقەردىكى يەر شارىئادىل تۇنىيازسالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش، سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ، قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىر گە. يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە، پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە، ...

    قەشقەردىكى يەر شارى
    ئادىل تۇنىياز



    سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش،
    سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ،
    قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىر گە.

    يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە،
    پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە،
    بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە.
    بۇ يەردىكى ئادەملەر
    پەرۋاز قىلار يۈرەكلىرىدە.

    ئات قوشۇلغان
    قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
    تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن،
    جىرىڭلىتىپ قوڭغىرىقىنى.
    سېۋىتىنى قويۇپ بېشىغا
    گىردە سېتىپ يۆرگەن بىر بالا
    تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
    قۇشلار،
    ھارۋا،
    سۇمبۇل چاچلىق ئايال،
    يەنە بىر ئايال،
    كۆز،
    ئەتلەس كۆڭلەك،
    ساقال
    تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
    مەن
    كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان،
    مۇڭدىشىۋاتقان،
    يۆتەلگەن،
    چەينەك چوغىسىنى
    پىيالىگە تەككۆزۆپ
    چاي قۇيغان،
    چاي شامىسىنى پۆۋلەۋاتقان،
    كىشىلەر
    بىر - بىرىگە بېقىپ
    گەپلەشكەن،
    سەنلەشكەن
    قايناق بىر چايخانا ئالدىدىن ئۆتكەچ،
    كىملىكىنى بىلىندۆرمەستىن
    كۆيۆۋاتقان مەخپىي ئاشىقتەك
    ئوغرىلىقچە كۆيۆپ يۆرىمەن.
    كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە
    قاراپ - قاراپ يەنىلا تويماي
    نۇردەك ئۆنسىز سۆيۆپ يۆرىمەن.
    سۆيىمەن
    ئاي نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى،
    جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگىسىنى،
    ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگىسىنى.
    سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى،
    ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى،
    ئۆنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى.
    ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا
    نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى.
    سۆيىمەن مەسچىتتىن قايتار ۋاقىتتا
    خۇدانىڭ قوللىرىدىن ئاققان يامغۇرنى.
    سۆيىمەن
    ئۇندىكى قارنى،  شامالنى.
    چىملىقلاردا،  ئېرىق بويىدا
    سازاڭ تېرىپ يۆرگەن باھارنى.
    12-ئاينى،  12 ئاينى،
    چوڭ كوچىنى،  خالتا كوچىنى،
    تىلەمچىنى،  پالچى ئايالنى،
    تەشتەكلىك،  تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى،
    سېنى ھەم ئۇنى.
    سۆيىمەن
    مىلادىدىن بۇرۇنقى
    ۋە كېيىنكى تارىخنى،
    سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۆسىنىمۇ.

    بېكەت ئىچىدە
    بايا ماڭا ئەنجۆر ساتقان چال
    (ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك )
    ئەنجۆر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت.
    بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە
    ئەنجۆردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت.
    تونۇشمەنن بۇ مۇھەببەت بىلەن
    تونۇشلارغا،  نا تونۇشلارغا،
    كوچىدىكى ئاپتوبۇسلارغا.
    ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون سىمىدەك
    تۇتۇشارمەن مۇھەببەت بىلەن
    قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا.
    لاتۋىيىگە،  فىرانسىيىگە،
    شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا،
    ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى
    يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا.
    ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى
    غارغالتىغا،  بېلىقچى قىزغا.
    يىراق چىلى ئورمىنىدىكى
    يېنىك،  جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا.
    سۇ ئۆستىدە كەچكى شەپەق
    قىزىلگۆل بولۇپ ئېچىلىپ قالغان
    گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا.
    مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ
    تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بولۇپ
    كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ.

    مەن ئالتاي ئورمىنىدىكى بىر يۇلتۇز بولۇپ
    بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا
    مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يورۇتۇپ.
    مەن
    بەخت تىلەيمەن ئەيسا تىلىدا
    كرېست كۆتۆرۆپ ئىرۇسالىمغا
    كېتىۋاتقان ياش يەھۇدىيغا.
    مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز تومۇز پەسلىدە
    سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە،
    ياۋروپانىڭ يېشىل رەڭگىگە.
    ھاۋا بولۇپ كۆلۆمسىرەيمەن
    كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە.
    مەن نۇر چېچېپ تۇرغان بىر چېكىت،
    يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە.
    قەشقەر
    ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر.

    2. ھېيىتگاھ بازىرى

    جىمجىت يۆرەكتەك
    جىمجىتقىنا مەسچىت مۇنارى.
    كۆز
    سۆزلىيەلەيدىغان كۆز.
    خۇدا
    بەندىسىز خۇدا.
    دۇنيا
    ئاغزى دۇنيا.
    ناخشا
    ئېيتىلمىغان ناخشا.

    ھېيىتگاھ بازىرى ئالامەت بازار،
    ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار.
    ئاشىقلار گۆل ئالغىلى كېلەر،
    كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر،
    سۆكۆتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر.
    ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ،
    ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال.
    يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
    يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش،
    كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا،  قىيپاش.
    بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،
    چوڭلار ئۆرە - تۆپە بولۇپ تۇشمۇتۇش
    شۇ ھامان كۆيدۆرمەك بولار ئۆستىباش.
    گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا
    ئادەملەر يۆرىكىدىن كۆرۆنەر قۇياش.
    ھېيىتگاھ مۇنارى،
    ئۆنسىز دۆپۆلدەۋاتقان
    يۆرەككە ئوخشاش.

    3. ساقىنامە

    بىر توپ ئورۇق پەرىشتىلەردەك
    مەغرۇر بىز ھەم،
    بىچارە بىز ھەم.
    توختىماي جىرىڭلار كۆڭۆل تېلېفونى،
    ئىھ،  ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم …
    قات - قات غېرىبلىق
    مىڭلىغان سۆپسۆزۆك ئادەملەر ئارا …

    ئۇزاتقىن ساقى
    تولدۇرۇپ قەدەھكە دەل - دەرەخلەرنى،
    يامغۇرنى،  پاتقاقنى،  ئاينى.
    قەشقەرنىڭ ئاي تۇغقان كوچىلىرىنى،
    ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان بېكەتنى.
    توشقۇزۇپ ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭغا
    بوراننى قەدەھكە سالغاندەك سېلىپ
    دىۋىدەك سۇنۇپ بەر قەدەھنى ماڭا.
    ئۇزاتقىن ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭنى …
    بىر نۆۋەت ئەپۇ قىل لوگىكا شۇناس،
    بىزنىڭ ساقىمىز
    ئۇزاتسۇن بىر قەدەھ بىمەنە خىيال،
    غالجىرلىق كەم بولدى بىزدە ئېھتىمال.
    ئۇچرىتىپ قالساقلا ئۆز- ئۆزىمىزنى،
    يۇمماقچى بولىمىز كۆزلىرىمىزنى.
    ئاجايىپ سۆلەتلىك روھىي كېسەللەر
    ئۆستەلدە،  كوچىدا،  ئېسىل كىتاپتا
    ۋە ياكى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر ئارا
    خىزىردەك يولۇقۇپ تۇرىدۇ دائىم …
    قايتتىممەن تەڭشىلىپ قاۋاقخانىدىن،
    ئۆچمەكتە يۇلتۇزلار،
    ياندۇرغان شاملارمۇ سەن ماڭا ئاتاپ،
    ئۆچۆشكە باشلىدى ئاستا پىلىلداپ …
    قۇياش
    شاراب ئىلاھىنىڭ قۇيرۇغىدەك
    ئۇچۇپ يۆرەر قاۋاقخانىدا …
    قاۋاقخانا
    كالا كۆزلۆك جۇۋاندەك
    ئەركەكلەرنى قىلار مەھلىيا.
    شارابلارنىڭ خۇش بۇي بەرگىگە،
    قەدەھلەرنىڭ ئوتتەك لېۋىگە،
    يىغلاۋاتقان شامنىڭ كۆزىگە
    كۆمۆلىدۇ ئەرلەرنىڭ تېنى.
    - نە سەۋەپتىن ئىچتىڭ قەلەندەر،
    - بەك ۋاپاسىز چۆنكى ئادەملەر.
    - ئىچەيلىمۇ بۆگۆن،
    - نېمىشقا ؟
    - ئىش ھەققىمنى ئالدىم قولۇمغا.
    - سىزچۇ ئەپەندى ؟
    - كىم ئىچىدۇ ئىچمەي تارىخچى.
    - سەنچۇ ھوي بالا،
    - چوڭلاردىن سورا.

    جان كەيپلىك،  جانان كەيپلىك،
    تۆننىڭ قارا چاچلىرى
    يوتىسىدا يەلپۆنەر يىللىق.
    كوچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا
    يۇلتۇز قىزلار تۇرىدۇ كۆلۆپ.
    سەن بىلمەيسەن،
    ئېتىڭ نېمە،  ئۆيۆڭ قاياندا،
    سەن بارمۇ- يوق مۇشۇ جاھاندا.
    ئۇخلىغىنىڭ يادىڭدا پەقەت
    بىر كېچىدەك،  بىرەر سائەتتەك،
    بىر ئەسىردەك،  ئىككى ئەسىردەك.
    سەن كۆزۆڭنى ئاچقان ۋاقىتتا
    كوچىدىكى مۇنار ئۆستىدە
    قىيسىق قۇياش تۇرار ساڭگىلاپ …
    گىرە سېلىپ ئاق كۆڭۆل يارغا،
    يىغلىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا.
    باي بولماقچى بولغان سودىگەر
    ئەتلەس ساتماي سېتىش كېرەك مەي.
    توي لەززىتى مەيدە ئەمەسمۇ،
    ئۇسسىساڭمۇ ئىچىش كېرەك مەي.
    يول سۆپۆرگۆچى
    مەنسىپىنى قۇتلار مەي بىلەن
    بىر كوچىغا باش بولغان كۆنى.
    كاتتا ئەمەلدار ئەمىلىدىن ئايرىلغان كۆنى
    مەيخانىدا يىتتۆرۆپ قويار
    ئۇزۇن يىللىق سالاپىتىنى.
    تەستىقلايدۇ مەستلىكتە سوتچى
    ئۆز- ئۆزىنىڭ جازا خېتىنى.
    مەست دوختۇر
    نىرۋا كېسەل كىرسە ئۇشتۇمتۇت
    چېكىسىگە سۆركەپ قويار يود.
    يېشىلمەي ئوغرى مەستلىكتىن
    ئاپتوبۇستا دەلدەڭلەپ تۇرۇپ
    يانچۇقلارغا ئۇزىتىدۇ پۇت.
    مەيخانىغا كىرسە قەلەندەر
    كۆرۆنىدۇ مەيخانا ئىچى
    ئوردىسىدەك ئەڭ سېخى شاھنىڭ.
    مەست بولغاندا ئاقىل تارىخچى
    يىلنامىلەر مەست بولار بىر- بىر
    تاپالمايدۇ ئۆز تارىخىنى …

    سەن كېتىسەن مەي ئىچمەس شائىر
    چوڭ شەھەردىن خىلۋەت دالىغا.
    بۇلاق يېنىڭ شىلدىرلاپ تۇرار،
    كەيپ بولغۇڭ كەلمەس زادىلا.
    سەن يىغلايسەن،  ئوخشار تەبىئەت
    باغرى يۇمشاق ئاق دىل ئانىغا.
    شاراب ئىلاھى
    قەشقەردىكى قاۋاقخانىدا …

    4. قۇشلار
    ۋەتەنسىز قۇشلار
    پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار،
    سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
    غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.

    غېرىبلىقتەك
    ئېگىز بىنا،
    قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
    تام.
    ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ - ئادەت.

    توي.
    ناتۇنۇش دەپنە مۇراسىمى.
    قۇشلارنىڭ يېشى.
    ئەينەك غېرىپلىق.
    قول يەتمەس ئىشىك.
    كارۋات.
    قاچقان ئۇيقۇ.
    ئوچۇق دەرىزىدىكى
    ئاپئاق ساڭگىلاپ تۇرغان
    ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى.
    غەم تولغان كۈلدان.
    ئايروپىلان.
    دېڭىز.
    قۇشلارنىڭ يېشى.
    ھەممە يەردە يات ئادەم.

    مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
    يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
    ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى.
    ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
    ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
    مىليونېر بوپكەتكىن بەرىبىر يەرلىك -
    قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق.
    ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.
    مەيلى سەن شاراپ ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
    بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
    ئوقساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.
    بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
    جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
    مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چېركاۋى
    كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
    كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
    ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
    تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
    مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
    مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
    ۋەتەن،  ئېھ ۋەتەن،
    چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
    چىرايلىقتۇر ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
    گۆھەردۇر،  ئالىمدۇر،  خۇش پۇراق گۈلدۇر،
    ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
    ئەيسادۇر،  مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
    يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
    ۋەتەندە بىر ناتۇنۇش بالا
    يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
    يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
    تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
    ئۆز ئېلىڭدا ئۆز تىلىڭدا ئۆز ؛
    تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
    شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
    شېئىرىنى ئوقىساڭ بەزەن
    گېزىتلەردىن پاز يا تاگورنىڭ ؛
    تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
    ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
    ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
    دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
    سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
    ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
    يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
    كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن. . .

    سېغىنغاندا قەشقەرنى
    چەت ئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر
    شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر.

    5.چەكسىز نۇر

    قەشقەردىكى ئاياللار
    قەشقەردىكى ئەرلەرنىڭ چۈشى.

    تاپىنىڭ نۇر،  قاناتلىرىڭ نۇر،
    كۆلەڭگەڭ نۇر،  يۇپۇرمىقىڭ نۇر
    ئاۋازىڭ نۇر،  خۇش پۇرىقىڭ نۇر.
    بارچە ئەرلەر چەكسىز سوزۇلغان
    قاپقاراڭغۇ تاغ جىلغىسىدۇر.
    قەشقەر گويا ئورمانلىق،
    سەھەر سېنىڭ ئىزىڭ ئەمەسمۇ ؟
    ئويغا چۆكسەڭ خىيالىڭ گۇگۇم،
    تۈن كېچىلەر چېچىڭ ئەمەسمۇ ؟
    ئاڭلىنڭدۇ خىلۋەت تېنىڭدىن
    شىلدىرلىشى بۇلاق سۈيىنىڭ.
    تېنىڭ مۇنبەت ئېكىنزار گويا
    گۈل ئېچىلغان پۇتلىرىڭ ئارا.
    سەن بولىسەن كىچىك ئالىملىق،
    سەن گوياكى سۈزۈك مۇزىكا.
    سەن ئەرىشتىن چۈشكەن پەرىشتە،
    مەن ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا.
    سەن گوياكى بىر تال چۈمۈلە،
    مەنىسى يوق خەت يېزىپ يۈرگەن.
    سەن گوياكى نامسىز چىغىر يول،
    ئەرلەر دائىم ئېزىقىپ يۈرگەن.
    ئايال،  ئەر ۋە كەچتىكى چېلىنغان بەدەن،
    ئۇپرىماس ساز،  مەستخۇش مۇزىكا.
    ئېھ،  يالىڭاچ نومۇسچان خىيال،
    ئېھ،  ئۆزىنى يوقاتقان دۇنيا،
    نەرە تارتقان قېلىچلىق ئەرلەر
    قان ئىچىگە يېقىلار بىر - بىر،
    قۇل بولىمىز ئاستا بەك ئاستا.
    ئۇ بىر ئايال مۇلايىم قاتىل،
    ئەر ئۆلىدۇ نەيرەڭ بىلەنلا.
    ئايال،  ئېھ ئايال،
    ئايال،  ئايال،  يوللاردا ئايال،
    ئەبەدىيلىك نۇرلاردا ئايال.
    بۇ ئالەمنىڭ غېرىبلىقىدىن
    قۇتۇلۇشقا تاپالماي ئامال،
    ساڭا مۇھتاج بولدۇم ئېھ،  ئايال.
    بىر جۈپ گۈزەل ئالتۇن كەشنى مەن
    كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
    غېرىبلىقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى
    چاقناتماقتا مېنى خانەمدە.
    ئاھ،  جىمجىتلىق،
    سەن بەك ئېغىر قىز،
    مۇزلىغان تېنىڭ.

    سانسىزلىغان ئىزىمىز قالدى،
    تالاي كەچتە ئاشۇ كوچىدا.
    بەردىم گۈزەل كۆپ سۈكۈتلەرنى،
    بىرلا سۆزنى بەرمىدىم ئەمما.
    ماڭغىنىمدا بىرگە سەن بىلەن،
    يوق تۇيۇلار ياكى سەن يا مەن.
    خىيال دەيمەن ئىشەنگۈم كەلمەي
    ئىككىمىزدىن بىرسىمىز جەزمەن.
    خىياللىرىم سەن ھەققىدىكى -
    پارە - پارە سۇنغان ئەينەكتۇر.
    ئاۋازىڭ بار،  يوقتۇر ھېچنىمەڭ،
    بار پەقەتلا تالا - تالا نۇر.
    كۆزۈڭدە لىق بىر كوزا سۇ بار،
    قېنىپ - قېنىپ ئىچىپ بولۇپلا
    چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ دەرھال.
    بار سېنىڭدە نازۇك بىر يۈرەك،
    تەكچىدىكى جانان چىنىدەك.
    دەيمەن ھېچكىم تەگكۈزمىسۇن قول،
    ئۇ چىنىگە مېنىڭدىن بۆلەك.
    سەن مەن ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر،
    ئىزدەيمەن ئۇنىڭدىن پىكىر،
    بار پەقەتلا تاتلىق ھېسىيات.

    قەشقەردىكى ئاياللار
    ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار،
    يوق مۇستەقىل پادىشاھلىقى.
    چۈشۈرىدۇ تەخىتتىن ئۇلار،
    ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى.
    بەرگەن چاغدا ئۇلار ھېسىيات،
    ئايلىنىدۇ ئەرلەر شائىرغا.
    ئېرىشىدۇ نوبىلغا ھەتتا.
    ئەگەر ئۇلار قىلمىسا ئىنساپ،
    ئايلىنىدۇ ئاقىل ساراڭغا.
    كىردى ئۆيگە ھارغىن مۇئەللىم،
    چايغا ئوخشاش ئىسسىق بىر ئايال
    ئېلىپ كىردى پىيالىدە چاي.
    قايتتى ئۆيگە كاۋاپچى يىگىت،
    ئاغىچىسى چىقىپ خۇش چىراي
    قوللىرىغا سۆيدى ئېڭىشىپ.
    رومان يازار يازغۇچى ئەختەم،
    ئورگىنالىنى رەتلەپ خانىمى
    كۆچۈرىدۇ ياندا پەم بىلەن.
    ھەسرەتلەنسە تارىخچى بوۋاي،
    مومىيىمۇ چېكەر بىرگە غەم.

    كوچا - كوچا - يەنە بىر كوچا،
    بىر توپ ئايال چۈشكەن پاراڭغا.
    -ئاڭلىلىمۇ چىرايلىق قوشنام،
    گۈللۈك،  نېپىز قەغەزدەك ئىشتان
    ئەنقەرەدە بوپتىمىش مودا.
    - قىزنىڭ قېشى شالاڭمۇ نېمە ؟
    باردىلىمۇ ئاخشامقى تويغا.
    - چېچەن دېگەن ئاشۇ ئەخمەق خەق،
    تەنگە سىڭگەن نېنىنى يېمەي
    ئۇرۇش قىپتۇ دەيدۇ يېقىندا.
    - ئەر چىقماپتۇ سەنئەتچى قىزغا.
    .. .

    غەمكىن شائىر يوللايدۇ سالام
    پۈتكۈل قەشقەر گۈزەللىرىگە.
    ھېيتىگاھتا نان تىلەپ يۈرگەن
    يۈزى تارىخ مىسكىن مومايغا.
    لەڭپۇڭچىغا،  ئاشپەز ئايالغا،
    ئۆپكە - ھېسىپ ساتقۇچىلارغا.
    ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ
    ئاياللار بۆلىمىدىكى
    ھەر بىر بىمارغا.
    توپا باسقان يوللاردا كېتىۋاتقان
    تۆت پەسىلنىڭ باغچىسى بولمىش
    گۈزەل بەدەنلىك قىز - جۇۋانلارغا.
    سالام بېرەر ئوتتۇرا ئاسىيا،
    سالام يوللار بىپايان دۇنيا
    قەشقەردىكى قىز - ئاياللارغا.

    مەپە ۋە شەھەر.
    ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ كۆزىگە
    چۆكۈپ كەتتى قۇياشلىق شەھەر.
    ئادەم ۋە ئالەم
    يارىتىدۇ ئۆز تارىخىنى
    ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزغا قەدەر.

    يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكىدە
    نۇرلانماقتا قەدىمىي قەشقەر.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:09:30]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.