لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمە تىمىغا يىزىلغان شېئىرى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 00:16:02

ئاھ...قاراڭغۇ زىندان! ئاھ.. زۇلمەت ماكان! تېمىڭ لايلىرى قاندىن ياسالغان، ئاستىڭغا بېسىلغان مىڭلاپ ئۇستىخان!... قانلىق ياش، تۆكۈلگەن كۆزلىرى ئەنە، ئەلەمدىن سارغايغان يۈزلىرى ئەنە، داغ-ھەسرەتتە يىغلايدۇ...

     


    ئاھ...قاراڭغۇ زىندان!

    ئاھ.. زۇلمەت ماكان!

    تېمىڭ لايلىرى قاندىن ياسالغان،

    ئاستىڭغا بېسىلغان مىڭلاپ ئۇستىخان!...

    قانلىق ياش، تۆكۈلگەن كۆزلىرى ئەنە،

    ئەلەمدىن سارغايغان يۈزلىرى ئەنە،

    داغ-ھەسرەتتە يىغلايدۇ ئانا،

    «بالام!» دەپ تىلەيدۇ تەڭرىدىن يەنە!...

    ئىدى يىرتقۇچ، يالماۋۇز ماكان زىندان!..

    مەنسىتمەس ئۆلۈمنى مەندىكى ۋىجدان!!.......


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ