ئانا تىلىم جان تىلىم(كامىلجان ناسىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-21 07:04:52

ئانا تىلىم جان تىلىمكامىلجان ناسىرھۆرمىتىمدە پەخىرلىك ،ئانا تىلىم جان تىلىم .مەدەنىيەت تەختىدە ،بۈيۈك سۇلتان خان تىلىم .سىنىڭ بىلەن ئالەمدە ،قەدىر تاپتۇق زوقلاندۇق.تۆھپىلەردىن تارىختىن ،مەغر...

    ئانا تىلىم جان تىلىم
    كامىلجان ناسىر



    ھۆرمىتىمدە پەخىرلىك ،
    ئانا تىلىم جان تىلىم .
    مەدەنىيەت تەختىدە ،
    بۈيۈك سۇلتان خان تىلىم .

    سىنىڭ بىلەن ئالەمدە ،
    قەدىر تاپتۇق زوقلاندۇق.
    تۆھپىلەردىن تارىختىن ،
    مەغرۇرانە روھلاندۇق .

    ئۇشبۇ سۆزۈم دەلىلى :
    داڭلىق ئۇيغۇر مۇقامى .
    ئانا تىلدىن پۈتۈلگەن ،
    ھەر بىر بېيىت،ئاھاڭى .

    ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى ،
    كەڭ جاھانغا تۇنۇتتى.
    ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى،
    شان-شەرەپتىن يۇرۇتتى.

    ھېمىتىدىن نەسلىمىز ،
    پەخىرلەندى ئالەمگە
    ئانا تىلنى ئۈگەنمەك ،
    پەرىز ھەر بىر ئادەمگە .

    تىل كۆكىدە چاقنىغان،
    بوۋام مەھمۇد قەشقىرى.
    تارىخلارغا نەزەر سال ،
    پارلاپ تۇرار تەسۋىرى.

    كۆز يۇمالماس ھەقىقەت،
    ئانا تىلىم ئۇلۇق تىل.
    رىقابەتتىن قالمايسەن،
    ئۈگەن ھەردەم تۇلۇق بىل،

    شەرەپ قۇچتى كىم بىزدەك-
    تىلى بىلەن جاھانغا ؟
    تارىخلارغا نەزەر سال -
    ھەر بىر دەۋىر-زامانغا .

    يۇقالمايدۇ تىلىمىز ،
    ئۇلۇقلىنار ئەبەتكە.
    خار كۆرگەنلەر مەھكۇمدۇر،
    ئەۋلاتلاردىن لەنەتكە .

    خىسلەتلەرنىڭ دەستۇرى،
    ئانا تىلىم جان تىلىم .
    ئۇلۇقلۇنار سۆيگۈدىن ،
    تۇمۇرۇمدا قان تىلىم .

    ياشا ئەبەت جان تىلىم ،
    سەن نەسلىمنىڭ غۇرۇرى.
    تەلپۈنىدۇ سەن ئۈچۈن ،
    ئۇيغۇرۇمنىڭ ۋۇجۇدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.