مەشھۇرى غەزەللىرى[1] (ketmenbay)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-24 11:59:00

مەشھۇرى غەزەللىرى(1) (1) گۈلئۇزارى كەلدىكىم بولدى گۈلۇستان ياركەند.نەۋ باھارى مەقدىمىدىن تازە بوستان ياركەند. لۇتف ئىلە كەلتۈردى مەقدەم بىر مەسىھا مەقدىمى،تاپتى جىسمىم ناتاۋاندەك پەيزىدىن جان يا...

    مەشھۇرى غەزەللىرى(1)

     (1)

     گۈلئۇزارى كەلدىكىم بولدى گۈلۇستان ياركەند.
    نەۋ باھارى مەقدىمىدىن تازە بوستان ياركەند
    . لۇتف ئىلە كەلتۈردى مەقدەم بىر مەسىھا مەقدىمى،
    تاپتى جىسمىم ناتاۋاندەك پەيزىدىن جان ياركەند.

     كەلدىكىم قىش ئوتراسىدا بىر سىراپا نەۋ باھار،
    گۈل كەبى باشتىن-ئاياققا بولدى خەندان ياركەند.
    خۇش مۇبارەك تەلئىتىڭ پەيزى پەرە ئەپزا ئىرۇر،
    بولدى ھەر ئەندۇئتىن ئازاد پەرھان ياركەند.

     كەلدىڭ ئانداغ شەۋكەتۇ شانۇ شەھى شاھى بىلەن،
    كاشغەر ھەسرەتتە قالدى، بولدى ھەيران ياركەند.
    پەرتۇ ئەپشان ئارىزىدىن شاتلىق نۇرىن كۆرۈپ،
    بولدى خەندان شەمئ يەڭلىغ كۆزى گىريان ياركەند

    . سوزشى ئۆچتى ئىچىپ بىر جۈرئەيى جامى ۋىسال،
    غۇسسە ھەم غەم ئوتى بىرلە باغرى بەريان ياركەند.
    مۇلىك ئىدى ئەۋراق ئەجزاسى بۇزۇق شىرازەسى،
    جەمئ بولدى خاتىرى كۆڭلى پەرىشان ياركەند.

    بۇ زاماندا چارسۇدىن ھامى ئىسلام ئول،
    بولدى ئاندىن تازەدىن تازە ئىمان ياركەند.
    كەلدى ئارپلەر شىھى يۈز لۇتف مىڭ ئىھسان بىلە،
    بولدى پەيزى مەقدىمىدىن شىر ئىرپان ياركەند.

    شاتلىق ئۈمىدىدىن ئۆزگە ئۈمىدى يوقتۇرۇر،
    كەلدى بىر يۈسۈپ لىقايى بولدى كەنئان ياركەند.
    رەڭبەرەڭ ئەۋساپىنى كىم ئەيلىمىش يۈز تىل بىلە،
    خۇش ناۋا مەشھۇر بۇلبۇلدۇر گۈلۈستان ياركەند.

     (2)

     قايسى دەريانىڭ ساچىڭدەك ئەنبەرى ساراسى بار.
    قايسى ئەنبەرنىڭ خەتىڭدەك بۇيى روھ ئەفزاسى بار.
    جەننەتۇلمەئۋا فىزاسىدا قاچان مەئۋا ئىتەر،
    ئاشىقى شورىدەنىڭ كويۇڭدا كىم مەئۋاسى بار.

    مەن نۈچۈك بەدھال بولماي ياكى چەكمەي دودى ئاھ،
    باشىم ئۆزرە ئەنبەر ئەفشان كاكۇلۇڭ سەۋداسى بار.
    نە ئۈچۈن ئۆلتۈرمىسۇن ئول مەسنىدى ناز ئۈستىدە،
    ھەر تەرەپتە مىڭ مېنىڭدەك ئاشىقى شەيداسى بار.

     نازىنى ئالەم ئاشۇبىكى شورى ئىشقىدىن،
    ھەر تەرەپتە زەمزەمە ھەر گوشەدە غەۋغاسى بار.
    دىلرابالىق شىۋەسىدۇر، بىۋاپالىق ئىشۋەسى،
    قەددى مەۋزۇن روي گۈلگۈنى چەمەن ئاراسى بار.

    ئەكس ھۆسنىنى كۆرۈپ جام ئىچرە ئول سەرمەست ئىرۇر،
    ئۆزىدىن پەرۋاسى يوق مەندىن قاچان پەرۋاسى بار.
    مۆئجىزە ئۇششاقتۇر مەشھۇرى ئىشقىڭ پەيزىدىن،
    قايسى ئاشىقنىڭ سېنىڭدەك دىلبىرى رەئناسى بار.

     (3)

    گۈل يۈزۈڭنى كۆرمەيىن گۈللەر يۈزۈمگە خار ئىرۇر.
    ئۈنلىرىڭنى ئىشىتمايىن بۇلبۇل ئۈنى ئازار ئىرۇر.
    يەتكۈسى بەندەم دىسەڭ كۈلكۈم ساداسى ئەرشكە،
    پادىشاھى ھۆسىن سەنكىم ھۆسنىڭگە ئالەم زار ئىرۇر


    . كوچەئى ئىشقىڭدا چۆرۈلسەم ئاجايىپ كۆرمىگىل،
    شەھىر ئاشۇبلە ئالەم ئاشىقى دىدار ئىرۇر.
    بولمىغىل نەۋمىد ئى كۆز، تارتىبان بىدارلىق،
    ئاي يۈزىنى كۆرگۈسى ھەر كىم كېچە بىدار ئىرۇر.

     جىسمىمە قىلدى ئازاپ، بۇ جانىمە بەردى جۇلا،
    ئىشق ۋەيرانىساز ئابادىم ئۈچۈن مىئمار ئىرۇر
    گەر ئۆزۈم مەستۇ، سۆزۈم مەستانە بولسا نە ئەجەپ،
    فەھىملەرغە شىۋەئ بىدادلىق مىئيار ئىرۇر.

     ھەر نەچە تەقسىر ئۆتسە مەشھۇرى ئامىرزىش تىلە،
    مەغپىرەتنى مەۋجىگە كەلتۈرگۈچ ئىستىغپار ئىرۇر.


    (4)

     جۇنۇن دەشتىدە بىزنى بىر گورۇھ ئاۋارەلەر دەرلەر.
    مىغلان خار-خارىدىن ئاياغى يارەلەر دەرلەر.
    بالا ياغسا بېشىمىزغا دەم ئالماي دەۋرى گەردۇندىن،
    رىزا بەرگەن قازاغە ئاشىقى بىچارەلەر دەرلەر.

    كۆرۈپ مەيخانە ئىشىكىدە غەزەلخانۇ گىرىبان چاك،
    موغانىنىڭ قىزىغە ئاشىق ياقا سەد پارەلەر دەرلەر.
    پەتىلە ساچلىرىمىزنى كۆرۈبان قاشلىرىمىزدا،
    قارا كۈن باشىدا بىر نەچچە بەختى قارا دەرلەر.

     سىرۇسامانىمىزنى سورمىغىل بىز بىناۋالارنىڭ،
    پەلەك گەردىشلىرىدىن كۈنلىرى دىشۋارەلەر دەرلەر.
    سىرىغ چەھرە بىلەن كاھى يۈزۈمگە گەر بېقىپ ھەردەم،
    كى گۈلرۇخلەر پىراقىدا خازان رۇخسارەلەر دەرلەر.

    قاچانكىم ئاق بۇلۇت ئابىد قېشىغا بارغۇمىز بىزنى،
    قارا قاشلەر قېشىدا دەربەدەر ئاۋارەلەر دەرلەر.
    كۆرۈپ ئەئزايىمىزنى زەخمىلىك ئەھلى تاماششاكىم،
    پىرىلەر كۇيىدا ئەۋارە سەڭسارەلەر دەرلەر.

     گەر ئىھسان قىلماسا دەرۋىشلەرگە ئەھلى نىئمەتلەر،
    گۆھەر خىرمەنلىرىنى تودەئى سەڭگى خارالەر دەرلەر
    . بېشىمىزدا كۆرۈپ نەشئە قولىمىزدا كۆرۈپ ساغەر،
    قۇتۇلغان يۈز جاھان غەمىدىن نەچە مەيخارەلەر دەرلەر

    . ئىرۇر مەشھۇرى ئانداغ قەۋىمدىن زەخمىلارىن كۆرگەچ،
    زامانە تاشلىرىدىن نەچە كۆكسى پارەلەر دەرلەر.

    (5)

     پوشت پا دۇنياغا ھەركىم ئۇرسا ئول مەردانەدۇر.
    باغلىسا ھەركىم كۆڭۈل دۇنياغا ئول دىۋانەدۇر.
    پادىشاغا پادىشالىق ئارىيەتتۇر نەچە كۈن،
    تەختى ئاخىر يىقىلۇر ھەم ئورداسى ۋەيرانەدۇر.

    يول يۈرۈرلەر يول ئۇزرە باشىكىم تەئزىم ئۈچۈن،
    كىم خۇشامەت ۋادىسىدا يۈز تىل ئىلە شانەدۇر.
    كويىدىن مەن چىقمايىن نەيلەي بولۇپتۇر نەۋباھار،
    تەۋبە سۇندۇرماي نە ئەيلەي يار ئىلكىدە پەيمانەدۇر.

     ئابىد ئۆيى خانقاھ، ئاشىق ئۆيىدۇر كويى يار،
    بۇلبۇل ئۆيى گۈلۈستان، بوم ئۆيى ۋەيرانەدۇر.
    ئاشىق ئولماي ھىچكىم مەندىن تاپا ئالماس نىشان،
    بىر پەرى رۇخسارىنىڭ كويى ماڭا كاشانەدۇر.

     ئاشكارە بولغۇسى مەينۇشلار مەي بۇيىدىن،
    ئىچسە كىم مەي ئىشق جامىن سۆزلىرى مەستانەدۇر.
    ئاچمادىلەر لەپ بىيانى مەئرىپەتكە ئەھلى ھال،
    چۈن سەدەپ خامۇشدۇر ھەر كىمدا كىم دۇردانەدۇر.

     ياسىنىپتۇر ئاستانەڭنى ھىزىن مەشھۇرى زار،
    ئولتۇرۇپتۇر تەخت ئۆزە ئولتۇرۇشى شاھانەدۇر.

     ( مەنبە: مەمتىمىن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان «دىۋان مەشھۇرى». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىل 8-ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: ketmenbay) (بۇ غەزەللەرنى باشقا تور بىكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق