دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان(ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:08:57

دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمانئابدۇشۈكۈر قاۋۇلدېرىزەم سىرتىدادېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئاسمان،تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئاسمىنىم.دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان،تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئ...

    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان
    ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل


    دېرىزەم سىرتىدا

    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئاسمان،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئاسمىنىم.
    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئارمىنىم.

    دېرىزەم سىرتىدا تەنھا بىر يۇلتۇز،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ يۇلتۇزۇم.
    دېرىزەم سىرتىدا بۇلۇتلۇق كۈندۈز،
    تايىنلىق ئۇ بەلكىم مېنىڭ كۈندۈزۈم.

    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئاسمان،
    دېرىزەم سىرتىدا بىر پارچە ئارمان.

    ئوتتۇز ياش

    ئوتتۇز ياش كۆز قىسىپ قالدى بىزلەرگە،
    تۈگىگەن ئېھتىمال يېرىم ئۆمرىمىز.
    باشقىچە ئىدىغۇ بالىلىق ئارمان،
    قۇپقۇرۇق تۇرمامدۇ ئۆمۈر بېغىمىز.

    مەن دېدىم: ئۇزۇنغا سوزۇلغان چۈشتەك،
    ئوتتۇز يىل تىزگىنلەپ ئۆتۈپتۇ چوڭلار.
    سەن دېدىڭ: ئەقلىمىز، ئەركىمىز باردا،
    كېچىككەن بولساقمۇ كۈلسۇن ئارمانلار.

    بەخت ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

    بەخت ئەمەس ئۇرغۇپ تۇرغان ياش تالانت،
    بەخت ئەمەس گۈلگە تولغان كەڭ قۇچاق.
    بەخت ئەمەس ھەتتا تاتلىق ۋىسالمۇ،
    بەخت ئەمەس...
    ئەمما بۇلار قالار ئاڭا ئوخشاپراق،
    بەخت دېگەن ھەر تۇيغۇدا بار شۇنداق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.