تىمتاسلىقتىكى ئويلار(ئابدۇخېلىل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 00:36:36

تىمتاسلىقتىكى ئويلارئابدۇخېلىلسۈكۈتئۇ ئەمەس مەڭگۈلۈك غەزەپ،دائىم يالغۇز يۈرىدۇ.چۈشىدە كۆرىدۇ.تۇنجى ئۆيىنى،گۈزەل مەكتەپنى،ئازاد زاماننى،سىغىنىدۇ گۈزەل يارىنى...ئۇنتۇيدۇ ئاخىرى قايتىدۇ باشقا،كى...

    تىمتاسلىقتىكى ئويلار
    ئابدۇخېلىل


    سۈكۈت
    ئۇ ئەمەس مەڭگۈلۈك غەزەپ،
    دائىم يالغۇز يۈرىدۇ.
    چۈشىدە كۆرىدۇ.
    تۇنجى ئۆيىنى،
    گۈزەل مەكتەپنى،
    ئازاد زاماننى،
    سىغىنىدۇ گۈزەل يارىنى...

    ئۇنتۇيدۇ ئاخىرى قايتىدۇ باشقا،
    كىچىك چىغىم ياخشى دەپ.
    زىرىكتى ئادەمدىن قايىتتى قەدىمگە،
    نۇرلاندى قەلبى تارىخى ئۈچۈن...
    مەغرۇرلىنىدۇ ئۆز-ئۆزىدىن،
    ياشاپتىكەنمەن،
    مەنمۇ بىر مەزگىل زامان كۆكىدە.

    ئاھ ئۇردى
    زارلاندى
    يىغلىدى
    كەتكەن نەرسە قايتىپ كەلمەس بەزىدە...

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-8-4 9:07:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.