قايىتسام دەيمەن ياشلىققا

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-17 18:11:10

قايىتسام دەيمەن ياشلىققاروزىمۇھەممەت ياقۇپرەڭگىم گۈنسىز،يۈزۈمدە ئاق ئالمىدەك سىيما يوق،خىرەلەشكەن كۆزۈمدە مۇھەببەتلىك جۇلا يوق.قىلغان ھەربىر سۆزۈمدە جاراڭلىغان نىدا يوق،مەجنۇنتالدەك بەستىمد...

     


    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا
    روزىمۇھەممەت ياقۇپ

     

    رەڭگىم گۈنسىز،يۈزۈمدە ئاق ئالمىدەك سىيما يوق،

    خىرەلەشكەن كۆزۈمدە مۇھەببەتلىك جۇلا يوق.

    قىلغان ھەربىر سۆزۈمدە جاراڭلىغان نىدا يوق،

    مەجنۇنتالدەك بەستىمدە مەپتۇن قىلار زىبا يوق،

    گۈزەللىكتە يىگانە تاجۇ-تەختىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    ياشلىق دىگەن ھاياتنىڭ بۈيۈك سۇلتان چاغىكەن،

    كۈچ-قۇۋەتلەر جىسمىڭدا مىسلى ۋولقان چاغىكەن،

    يۈرەكتىكى ئارمانلار ئۆچمەس گۇلخان چاغىكەن،

    شان-شۆھرىتى جاراقلاپ يانغان چولپان چاغىكەن،

    كامالەتتە يىتىشكەن شاھىنشاھىن مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    بەردەم ئىدى قەددىمىز تاغمۇ ھەيران قالغۇدەك،

    مەزمۇت ئىدى كۆسىمىز پولات قالقان قىلغۇدەك،

    غالىپ ئىدى كۈچىمىز دەرەخ يۇلۇپ ئالغۇدەك،

    جەسۇر ئىدى روھىمىز مەردىمەيدان بولغۇدەك ،

    شەمشاد كەبى ئاينىغان نۆۋەر چاغىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    بوران كىلىپ سوقسىمۇ تەۋرىمەيىتتى قەددىمىز،

    چىلىشلاردىن قايىتمىغان ئادا بولماي ئەھدىمىز،

    دەيىتتۇق جەبىر-جاپانى راھەت تۇرمۇش بەختمىز،

    ئەل يولىغا پايانداز ئىدى مىھنەت-تەرىمىز،

    پەرۋانىدەك ئوتلارغا پىدا جانىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    ئۆتكۈر ئىدى ئالماستەك ئەقىل –ئىدراك زىھنىمىز،

    باغلانغانتى ئۇلۇغۋار غايىلەرگە رىشتىمىز،

    چەكسىز ئىدى دىڭىزدەك بۇ ھاياتقا مىھرىمىز،

    ئەمدى نەگە يوقالدى ئاشۇ خىسلەت سىھرىمىز،

    بىسى يانماس شەمشىرىم زۇلپىقارىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    ئەجەپ ئىسىل چاغلاردى كۆڭۈل ھەريان تەلپۈنگەن،

    يۈرىكىڭدە ھاياجان دوقۇنلىنىپ تەلپۈنگەن،

    ھەربىر گىياھ ئوت-چۆپمۇ ھىل زوقۇڭنى كەلتۈرگەن،

    ئۇنىڭ قايناق ئىلھامى ئەزىم دەريا كەلكۈندەك،

    كۆڭۈل ئەركىن يايرىغان گۇلباھارىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

     

    ياشلىقىڭدا چىراغسەن قىزلار ئاڭا پەرۋانە،

    يار ۋەسلىگە يەتكىلى ئىدۇق ئەجەپ مەردانە،

    سۆيگۈ ئۈچۈن ئەل كىزىپ بولار ئىدۇق سەييارە ،

    تۇرمۇش ئىدى بەك شىرىن گەر بولسىمۇ ۋەيرانە

    دىلنى مەپتۇن ئەيلىگەن جەزبىدارىم مانايوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    ئىدۇق ساغلام بەك تىمەن ئاغرىمايىتتى بىشىمىز،

    تاش چاتنىساق سىڭەتتى تەنگە يىگەن ئىشىمىز،

    يۈگرۈك ئىدى يول يۈرسەك ئىككى پۇتلۇق ئىتىمىز،

    ئاسانلىقچە كۆزلەردىن ئاقماس ئىھى يىشىمىز،

    بەخەت پەيزى چومدۈرگەن نەۋقىرانىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    يىراق ئىدى كۆڭۈلدىن دەرىت-پىراقنىڭ نالىسى،

    ئەمەس ئىدى يۈرەكلەر غەم-قايغۇنىڭ پايىسى،

    قەلبىمىزگە چۈشمىگەن قىسمەتلەرنىڭ يارىسى

    بىشىمىزدا ئەجەلنىڭ ئەگىمەيىتتى سايىسى،

    غەمسىز كۈلۈپ ياشنىغان مەدەتكارىم مانا يوق.

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

     

    زەپمۇ چىچەن چاغ ئىدى توسۇن تايدەك چاپچىغان،

    مەۋىج ئۇرۇپ دەريادەك تەنگە جانلار پاتمىغان،

    ئويناپ-كۈلۈپ ئەل ئارا ھەرگىز تىنىم تاپمىغان،

    ئۇلاپ تۈننى تاڭلارغا كىچىلەردە ياتمىغان،

    كۆتە پەرۋاز ئەيلىگەن شوخ شۇڭقارىم مان يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    يازار بولساق تەپەككۇر بۇلاق كەبى قاينىغان،

    بۇلبۇل بولۇپ قەلەملەر قۇرلار ئارا سايرىغان،

    ئالدىمىزدا كەڭ دۇنيا ئۇسۇل ئويناپ يايرىغان،

    مىسرالاردا ئارمانلار قۇياش بولۇپ پارلىغان،

    قىياملىرى تامچىغان باغ-گۈلزارىم مانا يوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    ياشلىق دىگەن چاقماقكەن ‹‹ۋال››قىلىپلا ئۆچەركەن،

    ئۇنىڭ روھى ئەۋلاتنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆچەركەن،

    بۇ ھاياتنىڭ بىتىگە لىرىك داستان پۈتەركەن،

    سىنى تاشلاپ ھەسرەتكە ئۆزى كۆزدىن يۈتەركەن،

    داۋانلاردىن ئاتلىغان ئۈمۈدۋارىم مانايوق،

    قايىتسام دەيمەن ياشلىققا ،لىكىن ئاڭا داۋا يوق.

    ***********************************

    مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى2011-يىل 6-سان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.