كۈن غەرىپتىن چىققاندا(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:20:33

كۈن غەرىپتىن چىققاندائادىل تۇنىيازئايرىلىمىز بىز چوقۇم،كۈن غەرىپتىن چىققاندا.يا كۈن چىقار غەرىپتىن،بىز ئايرىلماق بولغاندا.ئاي كۆرىنەر يېراق دالادا،ئاق قاناتلىق غىرىبانە قار،بىسىپ ياتقان گۆھ...

    كۈن غەرىپتىن چىققاندا
    ئادىل تۇنىياز



    ئايرىلىمىز بىز چوقۇم،
    كۈن غەرىپتىن چىققاندا.
    يا كۈن چىقار غەرىپتىن،
    بىز ئايرىلماق بولغاندا.

    ئاي كۆرىنەر يېراق دالادا،
    ئاق قاناتلىق غىرىبانە قار،
    بىسىپ ياتقان گۆھەر تۇخۇمدەك
    قىش كىچىسى غەمكىن سەھرادا
    قەلبىمدىكى ئۆزۈمدىن بۆلەك
    كىممۇ ماڭا بولاركىن ھەمراھ؟
    ئەگشتۈرۈپ جىمجىت خىيالنى
    ئايلىنىمەن ھويلىدا تەنھا.
    ئاپئاق كىپەن ئارتىۋالغان قىش،
    كۈلۈمسىرەپ تۇرار يېنىمدا.
    كىرپىكلىرىدە
    بوستان ياساپ ئۇيقىدىن،
    ئانام،دادام ياتار سۇپىدا.
    تاتلىق چۈشلەر،
    ئۇچۇپ چىقىپ ئۇكىللىرىم كۆزىدىن
    كۆڭلىكىنى كىيىپ رەڭگارەڭ
    ئۆي ئىچىگە لىپمۇ لىق تولۇپ
    پەرۋاز قىلىپ ئوينايدۇ ئۇسۇل.
    كەنىتتىكى ئىتلارمۇ بۇ كەچ،
    قوشاق قېتىپ جۇدالىق ئۈچۈن،
    تۈنەپ چىقار تاڭغىچە پۈتۈن.
    مورىسىدا پاكار ئۆيلەرنىڭ
    مېنى چوقۇم ساقلاپ ئولتۇرار،
    خوشلاشماققا ئاخشامقى تۈتۈن.
    مۇز چاقنىغان قارلىق ئېتىزدا
    كۈتىشىدۇ سەھەرنى ئويغاق،
    توڭ تېزەكلەر چىقارماي ئۈن-تىن.
    قۇشقاچ كۈيى،
    توڭلاپ قالغان جىگدىلىك،
    جانلىنارمۇ مۇڭلۇق قوشاقتا،
    تىلغا كىرىپ ئەتە مەن ئۈچۈن؟

    غەربى ياقتىن چىققان كۈن بىلەن،
    نۇرلانغاندا سەھرا ئۇپىقى،
    خوشلىشارمەن بۇندا ھەممىدىن،
    كىرپىكلىرىم تاتلىق چۈش يۇقى،
    ئايرىلىپ ئىخ خىلۋەت كۈلبەمدىن
    يول ئالارمەن يېراق شەھەرگە.
    پەرىشتىگە ئايلىنىپ شۇچاغ
    ئۆزۈمدە يوق بولغىنى ئۈچۈن
    بەخىت شادلىق تېلەپ قالىمەن،
    بۇندا قالغان جىمى نەرسىگە.

    ئادىل تۇنىيازنىڭ« بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيتى»ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.