ئويغان! ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 21:02:09

ئويغان!ئابدۇخالىق ئۇيغۇرھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆت...

     


    ئويغان!

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

     

     

    ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر، 

    سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

    بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،

    ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

     

    قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

    رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ،

    كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

    ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.

     

    ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

    شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟

    چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

    ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟

     

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق، 

    ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.

    كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،

    كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق. 

     

    ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،

    سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.

    كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،

    ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!

      

    كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

    تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

    «خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،

    شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.  

     

     

    1921-يىل، تۇرپان 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.