تەشۋىشلىك ئويلار(ھەسەنجان ئوبۇل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 03:40:41

تەشۋىشلىك ئويلارھەسەنجان ئوبۇلئاي ماڭا باغقاندائانامدەك كۈلۈپ،كېتىمەن سائەتلەپ خىيالغا چۆكۈپ.ئاھ! ۋاقتىم كەتتىغۇ، بەختىممۇ كەتتى،سەبىيلىك چاغلارمۇ كەتتىغۇ ئۆتۈپ.قانمايتۇق خاماندا موللاق ئېتى...

    تەشۋىشلىك ئويلار
    ھەسەنجان ئوبۇل



    ئاي ماڭا باغقاندائانامدەك كۈلۈپ،
    كېتىمەن سائەتلەپ خىيالغا چۆكۈپ.
    ئاھ! ۋاقتىم كەتتىغۇ، بەختىممۇ كەتتى،
    سەبىيلىك چاغلارمۇ كەتتىغۇ ئۆتۈپ.

    قانمايتۇق خاماندا موللاق ئېتىشىپ،
    ئوينايتتۇق غازاڭدىن كاۋاپ ئېتىشىپ.
    چاپاتتۇق «ھۇررا!» دەپ جەڭگاھقا قاراپ،
    سۇندۇرۇپ چىۋىقنى «ئات» قىلىپ مىنىشىپ.

    تۇيدۇرماي كەتتىغۇ گۆدەكلىكىممۇ،
    (يتقانغا ئايلاندى يۆگەكلىكىممۇ).
    تېز كەتتى ئالتۇن چاغ، كەتتى ئۆزگىرىپ،
    ئۆزۈممۇ، سۆزۈممۇ، تەنتەكلىكىممۇ.

    تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان تۈنۈگۈن،
    نەلەردە يۈرۈيمىز ئەمدى بىز بۈگۈن.
    ئۆتكۈزۈپ بۇنىمۇ كۈلۈپ - قىيدىشىپ،
    ھەسرەتتە ئاھ ئۇرۇپ قالىمىز ئۆگۈن!

    بولدىلا، تۇرغىچە كۆپ خىيال سۈرۈپ،
    ئورنىدا ئۆتمەيمۇ بىلىم ئۆگىنىپ؟
    تاڭ ئېتىپ ھېلىلا بۇ خىيال بىرلە،
    قالماي مەن، تېخىمۇ دەردكە كۆمۈلۈپ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.