شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 19:36:30

شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردولقۇن جاپپارشەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،بىلمەيسىلەر بۇ يەرنى بەلكى.خەرىتىگە سىغماس بۇجايلار ،ئەپسۇس ئانا زىمىننىڭ كۆركى .يوق بۇ يەردە پارلىق بىر سىنىپ ،يوق بولغاچقا ئوقۇش...

     



      

    شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار

    دولقۇن جاپپار

     

    شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،

    بىلمەيسىلەر بۇ يەرنى بەلكى.

    خەرىتىگە سىغماس بۇجايلار ،

    ئەپسۇس ئانا زىمىننىڭ كۆركى .

     

    يوق بۇ يەردە پارلىق بىر سىنىپ ،

    يوق بولغاچقا ئوقۇش بىناسى .

    خىياللاردا قويساقمۇ سىزىپ ،

    جامال بەرمەس باغچا ئىزناسى .

     

    يوق ئاسفالىت مەيدانلار بۇندا ،

    بۇغۇنلارنىڭ رۇخسارىدا چاڭ .

    سېغىز،كۆمۈر ئىلغىماس دوسكا،

    كەپ قالساڭلار قالىسىلەر تاڭ.

     

    شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،

    تېرىمسىلەر ئاشلىق،ياغلىقدان.

    ئالدىڭلارمۇ بۇ يىلمۇ ھوسۇل-

    پاختا بىلەن پىلىدىن ئوبدان.

     

    مەكتىپىدىن قاچقان بالىلار،

    سۆھبەتلەرگە ئۈندەمدۇ كەچلەر.

    تارتامسىلەر سىلەرمۇ بىزدەك،

    دامبا،ئۆستەڭ ياساشقا چەكلەر.

     

    شەھەردە كۆپ بوتولكا دىگەن ،

    ۋەزىپەڭلار تۇرامدۇ ئېشىپ.

    كېمەيتمەيمىز جەرىمانىنى،

    سولياۋ،تۆمۈرۋە ئۈچكە يىغىپ.

     

    شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار،

    مەۋسۇمىڭلار تامام تۆنۈگۈن.

    كىلەر يىللىق كېۋەز يىرىگە ،

    توڭ ياتقۇزۇپ قايتىشتۇق بۈگۈن.

     

    شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،

    ئېسىڭلارغا كېلەمدۇ سەھرا.

    ئىھ،شۇ يەردىن سالام سىلەرگە،

    ئوقۇتقۇچى-سالامدۇر گويا .

     

    1995-يىلى  ئۆكتەبىر ،چىرا

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.