ئىز (ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-20 06:31:00

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرىنى بالىلىرىمىزغا يادلىتىپ قويايلى... ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئات...

    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرىنى بالىلىرىمىزغا يادلىتىپ قويايلى...

    ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
    ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
    ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
    ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
    قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
    قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.
    قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
    گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.
    قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
    چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
    قايتماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
    تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.