بۇ كېچە

يوللىغۇچى : aday يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-19 00:11:28

بۇ كېچەئۈزمەكتىمەن نەپەسلىرىڭدە،قايتالمىغاچ ئۆزۈمگە تەكرار.مۇجۇلسىمۇ يۇرەك ھالسىراپ،سۆيگۈ ئۈچۈن ئاقتۇرۇپ قانلار،بۇ كېچە مەن ئۈچۈن ئاخىرقى كېچە.بەلكى،جەننەتتىكى گۇناھكار مەن شۇ،كىملىكىمنى ي...

     



                                               بۇ كېچە
    ئۈزمەكتىمەن نەپەسلىرىڭدە،
    قايتالمىغاچ ئۆزۈمگە تەكرار.
    مۇجۇلسىمۇ يۇرەك ھالسىراپ،
    سۆيگۈ ئۈچۈن ئاقتۇرۇپ قانلار،
    بۇ كېچە مەن ئۈچۈن ئاخىرقى كېچە.
    بەلكى،
    جەننەتتىكى گۇناھكار مەن شۇ،
    كىملىكىمنى يوقاتقان ساراڭ.
    سۆيگەن لەۋدە قالدۇرۇپ مىڭ ئىز،
    بىر سۇئالغا جاۋاپسىز قالغان.
    بۇ كېچە مەن ئۈچۈن تاڭ ئاتماس كېچە.
    ئىسيانكار بىر سېنىڭ سۆيگۈڭگە دۇنيا.
    مىڭ يۈرەك تەلپۈنەر يېرىم ئۈمىتكە،
    نامەرت كىم؟ دۇنيامۇ ياكى قوشناممۇ؟
    بىلىنمەس سىرلارغا چىلاشقان ۋاقىت.
    بۇ كېچە ھەقىقەت يىغلىغان كېچە.
    قېنىق چاي،تاماكا ،يوقالغان مېھىر.
    نازى جىق خوتۇنغا قادالغان كۆز نۇر.
    ھەممىسى ھېكايە قالغىنى شۈبھە،
    ئۆچرەتكە تىزغىنى ۋاقىتنىڭ سەۋرى.
    بۇ كېچە جاۋاپنى تاپسىمۇ جىمجىت،
    قوينىغا ئورىغان ئەركەك بىر كېچە.
    بىزنى بىزگە تاشلاپ قويغىنى،
    سۈبھىدىن ئۇزاقتا قالغان بىر كېچە. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شېئىر. كېچە