خۇش ھىدىڭىنى بەر(ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : azizturuk يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-07 12:15:00

خۇش ھىدىڭىنى بەر ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن ساڭا ئاتاپ باھار بىلەن گۈللەرنى تەردىم، كەل چىمەنلەر باغرى بىردەم تۇيغۇغا چۆمسۇن. ساڭا يازغان لىرىكامنى شامالغا بەردىم، لىرىكىلار شامال بولۇپ مەڭزى...

     خۇش ھىدىڭىنى بەر
    ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن

     ساڭا ئاتاپ باھار بىلەن گۈللەرنى تەردىم،
    كەل چىمەنلەر باغرى بىردەم تۇيغۇغا چۆمسۇن.
    ساڭا يازغان لىرىكامنى شامالغا بەردىم،
    لىرىكىلار شامال بولۇپ مەڭزىڭگە سۆيسۇن.

     قۇشلار سېنى كۈيلىمەكتە تاڭلاردا سايراپ،
    ھاياجاندىن سىلكىنمەكتە ياپيېشىل تاللار.
    ئېرىقلار ھەم ۋىلىقلايدۇ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ،
    چېچەكلەرگە تولۇپ كەتتى سۆيگۈدىن باغلار.

     لىغىلدىسا كۆللەر خۇددى ئاشىقنىڭ كۆزى،
    مەن ئۆزۈمنى ھىجرانلاردىن تېرىپ ئالىمەن.
    سېنى كەلمەس دېگەن رەزىل دۈشمەنلەر سۆزى،
    ئىشەنچىم بار، ساڭا ئىشەنچ قويغان بالىمەن.

    نۇرغا تولدۇر كۆزلىرىمنى كۆزلىرىڭ بىلەن،
    پاك سۆيگۈنىڭ گۈلخانىدا ئۆزۈم سەمەندەر.
    ئېچىلغىن تەڭ قىرلاردىكى گۈللەردەك لېۋەن،
    چاڭقىغانمەن، سۇ نەھاجەت، خۇش ھىدىڭنى بەر.

     قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكىلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى 2003-يىللىق3-سىنىپتىن ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-15 11:53:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.