ﮬﺎﺭ (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 01:42:20

ﮬﺎﺭﺋﻮﺕ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻳﯜﺭﻣﻪﻙ،ﻳﻮﻟﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﯖﻜﻰ.ﭼﯚﻝ ﺋﺎﺭﺍ ﻏﯩﭽﯩﯖﻠﯩﺘﯩﭗ،ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺳﯩﻴﯩﭗ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﺎﻕ ﮬﺎﺭﯞﯨﻐﺎ ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﻛﯩﻴﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻧﯩﻤﻪ،...

    ﮬﺎﺭ

    ﺋﻮﺕ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ،
    ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻳﯜﺭﻣﻪﻙ،ﻳﻮﻟﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﭼﯚﻝ ﺋﺎﺭﺍ ﻏﯩﭽﯩﯖﻠﯩﺘﯩﭗ،ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺳﯩﻴﯩﭗ،
    ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﺎﻕ ﮬﺎﺭﯞﯨﻐﺎ ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﻛﯩﻴﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻧﯩﻤﻪ،
    ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﺪﯗﺭ ﮬﻪﺟﻪﭖ،ﺗﯜﻧﻼﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﻣﯘﺗﻼﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﭘﺎﺭﺍ ﻳﻪﭖ،ﻳﻪﻣﺒﯘ ﻗﻮﻳﯘﭖ،
    ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﺩﻩﻙ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﻤﻪﻙ،ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ،ﻗﻮﻝ ﻗﻮﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،
    ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﯦﻤﻪﻙ،ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﯞﻩﺯﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭘﯘﯓ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ،ﺳﯩﻐﻤﺎﻱ ﺗﯧﺮﯨﮕﻪ،
    ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ ﭘﯧﺮﯨﮕﻪ،ﻳﺎﻻﻗﺘﺎ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ،ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ،
    ﻳﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻕ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ،ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ-ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﺎﭘﺸﯩﻤﺎﻕ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﮬﺎﯞﺷﯩﻤﺎﻕ،
    ﺧﺎﺭﯗ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻥ،ﺗﻪﺭﺳﺎ-ﺗﻪﺗﯘﺭ ﻧﺎﺩﺍﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﺗﯚﯞﺑﻪ-ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ﺋﻮﻗﻮﺷﯘﭖ،ﻛﺎﻧﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﯘﭖ،
    ﺋﻪﺳﺘﺎﻏﭙﯩﺮﯗﻟﻼ ﺋﻮﻗﯘﺵ،ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺍ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ،ﺟﺎﮬﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﻤﻪ،
    ﮬﻪﻕ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.