ئابدۇشۈكۈرنىڭ بەش يۈز يىلى(قاينامى)

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-03 20:12:00

ئابدۇشۈكۈرنىڭ بەش يۈز يىلى ئابدۈشۈكۈرنىڭ بەش يۈز يىلىتاش سۆزلەيدۇ بىر كۈنتەنھا قالغان ئادەمنىڭ بەش يۈز يىللىق تارىخىنىئادەم بەش يۈز يىل ياشىماسياشىمايمۇ قالماسقىسمەتنىڭ كۈچى زوقلىنارتاڭدىن...

      ئابدۇشۈكۈرنىڭ بەش يۈز يىلى 

    ئابدۈشۈكۈرنىڭ بەش يۈز يىلى
    تاش سۆزلەيدۇ بىر كۈن
    تەنھا قالغان ئادەمنىڭ بەش يۈز يىللىق تارىخىنى
    ئادەم بەش يۈز يىل ياشىماس
    ياشىمايمۇ قالماس
    قىسمەتنىڭ كۈچى زوقلىنار
    تاڭدىن بىر ئادەم بىر كۈندە قايتار بىر ھاڭدىن
    سەن چۈشۈڭدە كۆرگەن بۇدۇنيا
    قېچىپ كېتەر ئويغانغىنىڭدا
    خىيالىڭدا مىنگەشكەن ئاتلار
    كىشنەپ تۇرار ياتلار قولىدا
    بىر نازىنىن باقار جىلۋىگەر
    چىلتەنلەرنىڭ چىغىر يولىدا...

     قارايدى دالىلار،ئاڭلار،ئېتىزلار
    ئاتقا مىندى قىرىق قاراقچى
    دۇمىلايدۇ بەھەيۋەت تاشلار
    ئېزىلىدۇ قاخشال سۈڭەكلەر
    تاغلار توزۇپ كۈل بولدى ئاخىر
    تۆكۈلمەكتە تەندىن چېچەكلەر

    جان گۈلىدىن تۆكۈلدى خازان
    ئىستەلمىگەن ئىستەكلەر ئارا
    دەقىقىلىق ئەسلىمىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا
    ئەسىرلىك يارا تىرىلمەكتە ئىزىڭدا
    تاشلار ئەي يولۇچى! ئارقاڭغا قارا...

     ئابدۇشۈكۈر مىنگەن قارا تاش
    سۆزلەر ئۇنىڭ بىر كۈن ئىچىدە
    بەش يۈز يىلچە ياشىغىنىنى
    تاش باغرىنى ئاچتى دەقىقە
    ئابدۇشۈكۈر كىردى بەش يۈز يىل
    تاش باغرىنى ياپتى شۇ ھامان
    ئابدۇشۈكۈر ياتتى بەش يۈز يىل...
    ئادەم بەش يۈز يىل ياشىماس
    ياشىمايمۇ قالماس...

    قاينامى   2008.05.03

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:46:14][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:36:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق