يىراق جاي(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:27:48

يىراق جايئادىل تۇنىيازجىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،شاخ ئۈستىدە تىترەر ئاي،كۈمۈش ئورمان چاقنار سۇس ،يېتىمچىدەك مۇڭ چىراي،پىل-پىل قىلغان بىر نۇر بار،ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.دۇنيا جىمغۇر ھەم سوغوق،توڭ...

    يىراق جاي
    ئادىل تۇنىياز



    جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
    شاخ ئۈستىدە تىترەر ئاي،
    كۈمۈش ئورمان چاقنار سۇس ،
    يېتىمچىدەك مۇڭ چىراي،
    پىل-پىل قىلغان بىر نۇر بار،
    ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.

    دۇنيا جىمغۇر ھەم سوغوق،
    توڭلاپ قالغان موردىدەك.
    بۇلاق يېغلار نەدىدۇر،
    قاخشال چۆپتەيوق بىزەك،
    بىر ناخشا بار ،بار بوغوق،
    ئەمما ئۇبەك يىراق جاي.

    ئۆلۈكلەر يوق مازاردا،
    گۈل ئەمەسمۇ ئاپئاق قار،
    تىزىپ يۇرگەن گۈل دەستە،
    نەۋرىلەر بار ،تاڭلار بار،
    يۇقلاي دىسەم باھاردا،
    ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.

    ئادىل تۇنىيازنىڭ «دېڭىزدىكى كوچا»ناملىق شېئرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.