ئابدۇرېشىت سۇلايمان:قان پەسلى (داستان)

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-27 23:15:25

قان پەسلى(داستان )ئابدۇرېشىت سۇلايمان-1-قايتىپ كەلدىم ،-«چۇشكۇنلەشكەن پەرىشتىنىڭ قېنىدىكى گۇماندىن ئازاپ كوچىسىدىكى جەسىدىمنى كوتىرىپ بوشلۇقنىڭ گۇزەللىكىنى تاماششا قىلىش دەۋرىدىكى ھېجرانلىر...

    قان پەسلى(داستان )

    ئابدۇرېشىت سۇلايمان

     

     

    -1-

    قايتىپ  كەلدىم ،-«چۇشكۇنلەشكەن پەرىشتىنىڭ قېنىدىكى گۇماندىن  ئازاپ  كوچىسىدىكى جەسىدىمنى  كوتىرىپ  بوشلۇقنىڭ گۇزەللىكىنى  تاماششا قىلىش دەۋرىدىكى  ھېجرانلىرىمغا ،

    قايتىپ كەلدىم ،-كىملەر رەشتىدىكى كۇلكەڭدىن ئازاپ كوچىسىدىكى قىنىمنىڭ گۇمانلىرىغا ،

    قايتىپ كەلدىم ،-مىھرىڭدىكى ئازغۇنلۇقنىڭ مىنى چاقرىشنىڭ سىرتىدىكى قەسىدە ئىزتىراپلىرىغا  ،

    قايتىپ كەلدىم ،- سەن بايان قىلىنمىغان چۆچەكنىڭ ،يامغۇرلۇق كېچىنىڭ، مىنىڭ سىرتىمدىكى يوللىرىغا .

     

    قايتىپ كەلدىم ....

    بىز ماڭغان چىغىر يول يەنە ئەسلەردە ،

    مىھرىڭدە  يامغۇر بوپ ياققانتىڭ ماڭا .

    ياپيېشىل مايسىدەك ھوزۇر بىرەتتىڭ ،

    قۇچقاچ بولۇپ چۇقۇغانتىڭ يۇرەكلىرىمنى

    ئايغا يىشىڭنى پۇركۇپ ئۇچۇملاپ ...

    سىنى سۆيىمەن دىگەنتىڭ يىغلاپ ...

     

    لىرىكامغا مۇكىۋالاتتىڭ

    كورەتتىم

    يۇرۇگۇمدە  يىغلىغىنىڭنى

    لىرىكامدا كۇلگەنلىگىڭنى

    ئىچىمدىكى ئاشۇ سوزلەرنى

    تەبەسسۇمغا ئىيىتقانلىغىڭنى .

    بىلەتتىم

    ئۇشبۇ قەلبىم ھوزۇرلىرىغا

    چۇقان بىلەن كەلگەنلىگىڭنى .

    كورەتتىم

    دەرىزەم تەكچىسىدە ئىچىلغىنىڭنى

    جىمجىت پىچىرلاپ  ياستۇققا قىشتا

    قەلبىڭگە بەك يىقىن ئاشۇ جايلارغا

    كوزۇڭدىكى سۇزۇك نۇرلارنى

    ئۇنچىلەپ –ئۇنچىلەپ سۇنغانلىغىڭنى .

     

    ئەي !!پەرىشتەم

    بىلەتتىم

    ئىسمىمنى ئەسلەردە زىكرى قىلاتتىڭ

    سىرىق شامالدا تويغا باراتتىڭ

    ئورمانلىقتىكى ئاشۇ كۆلچەكتە

    چاچلىرىڭنى پات-پات يۇياتتىڭ .

    ئەي !!پەرىشتەم

    كورەتتىم

    قارچۇقۇڭدا تىنىمنىڭ شەكلى

    يۇرۇكۇڭدە روھىمنىڭ پەسلى .

    ئەي !!سويۇملۇگۇم

    ئەي!! سويۇملۇگۇم

    بىلەتتىم ....

    كورەتتىم ....

    قاقاقلاپ كۇلۇشۇم جىنايەتكە ئايلانغان كۇنى ،

    ئاشۇ كۇنلەرنىڭ

    يۇرۇگۇمنى ئىزلەۋاتقانلىغىنى .

    قەبرىگە كىتىۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ

    تىنىمدىكى يۇرۇقلارنى

    توسىۋاتقانلىغىنى .

    ئاھ !!سۇيۇملۇگۇم ...

    بىلەتتىم

    بۇ تىنىمنىڭ ئولىۋاتقانلىغىنى .

    ئاھ !!سويۇملۇگۇم ؟؟!!...

     

     

    -2-

     

     

    قايتىپ كەلدىم ،-قەبرىستانلىقتا بەدەنلىرى قانغا بويالغان يىلاننىڭ يۇلتۇزلار سايە تاشلاپ تۇرغان كېچىدىكى جەسىدىدىن ئاتلاپ ئوتۇپ ئاشكارلانمىغان ئازاپلىرىمدىكى  يوقلۇق دەشتىگە .

    قايتىپ كەلدىم ،-سوڭەكلەر بايانىدىكى نۇر  قىسىسى ئايال قىنىدىن باشلانغان كۇنى سۇنىڭ ھەسرەتلىرىگە تىمىپ تۇرغان گۇناھقا ،

    قايتىپ كەلدىم ،-كۇنلەرنىڭ باشلىنىشىدىن چۇچۇپ تۇرۇپ ئوزىنى ئىزلەۋاتقان ماكان يەكلەشلىرىدىكى ئەرۋاھقا .»

     

    ئەي !!!ھازىرلىقلىرىم .... قوغلانغان جەننەتكە قايتىپ كىتىشتىكى مۇشاقەتنىڭ ئاۋازىدا تۇنەيمەن .....رۇجەكتىن تاشلانغان ئەتىرگۇل بەرگىدە سىنى ئوقۇيمەن .

     

     

    ھازىرلىقلىرىم

    پەلەمپەينى كىملەر سىزدى

    قان بىلەن يۇيۇمەن كوز ياشلىرىمنى

    چوكۇپ كەتتىم كىچىنىڭ شۇ كىيىمسىز دەشتىگە .

    چۇشلىرىمدە قورشايدۇ بۇ تىنىمنى سوڭەكلەر ،

    بۇ قەلبىمدە ئىسسىق قان ،تەقدىم قىلاي كىملەرگە .؟

     

    بۇ خىتىمنى قىنىمدا يىزىپ چىقتىم ئاھ ئۇرۇپ ،

    بۇ كىچىدە مەن چوقۇم كىپىنىمدىن چىقىمەن ،

    قاسراق تاشلاپ يارالمىش قىسىسىدە بىر نوۋەت ،

    قوۋۇرغامدىن پەرىشتە ياسىماقچى بولىمەن .

     

    كىيىم كىيىش جىنايەت قىنىمدىكى پەرىشتەم  ،

    ئەي !!ھاجەتلەر جەننەتتىن قوغلىنىسەن نە ئۇچۇن .

    كوز يىشىڭدا يۇيۇنۇپ پاكلىنىشقا كەلدىممەن ،

    ئىسسىق قاننىڭ سەھرىدە يەكلىنىمەن نە ئۇچۇن .

     

    بىر ئوقۇشنى ئىستىسەڭ ئەينەكتىكى تىنىمنى ،

    شۇكرىلەر روھىمدۇر ،سەرساندۇر تەنلەر .

    تامچە شەبنەم يالتىراپ پاكلار تەننى، يۇرەكنى ،

    ئاخىرلىشىش ئالدىدا تىنىمدىكى بۇ كۇنلەر .

     

    كىچە بىلەن كۇندۇزلەر ئالمىشىدۇ نە ئۇچۇن ؟،

    غازاڭ بىلەن يىپىپ قوي –تىنىمدىكى جەسەتنى .

    كەپەڭ بىلەن قورشىدىڭ ئولۇم پۇرار ساتمىدا ،

    زەيتۇن چىشلەپ كىلىمەن بۇ زىمىنغا ئاخىرى .

     

    ئەي !!ھازىرلىقلىرىم .ئولۇكلەر كىپەنلەنگەن كېچىدە مەن يەنە پەرىشتە سەپىرىگە ئاتلىنىمەن .پەرىشتىنىڭ قارچۇقىدىكى تىنىمنى ئورمانلىقنىڭ سىرتىدىكى ئاشۇ چوللۇكتە كىملەرنىڭ ئولتۇرۋەتكەنلىگىنى .كىملەرنىڭ پەرىشتىنىڭ قەلبىدىكى يۇرىكىمگە قەسىت قىلغانلىغىنى بايقاشتىن بۇرۇن سەھەردىكى سەپەردىشىم تۇلپارغا مۇنداق  جۇيلۇيمەن .

     

    پەرىشتەم

    يىراققا كەتتىم

    شۇ سەپەردىن قايتىپ كەلمىدىم

    كىمەمدە شۇ كىتاپ تامام يىرتىلغان

    ئەتىرلەنگەن قۇملۇق ئويلىرى

    كۆزيىشىم بىلەن

    تەكلىماكان دەپ ئاتالغان .

    ئەتىرلەنگەن قۇملۇق ئويلىرى

    كوز يىشىم بىلەن

    پەرىشتەمنى چىللاپ ھۇجرىغا

    ئولۇپ كەتكەن ئۇچىنجى قىتىم .

     

    ئەتىرلەنگەن قۇملۇق ئويلىرى

    سەپىرىمنىڭ مۇققەددىمسىمۇ ؟

    سەپىرىمنىڭ تاماملىنىشىمۇ ؟

    شۇ يەردىكى چىلانزارلىقتا

    ئىسەدەپ يىغلىغان غەمكىن پەرىشتەم

    يىغىلىرىڭ

    ئوز قەلبىڭنىڭ  خائىنلىقمىدۇ ؟!

    ئوز قەلبىڭگە يىقىنلىشىشمۇ ؟

    ئۇچىنجى ئولۇمدە ساڭا كىلىمەن

    تۇلپار شۇنداق دىگەن –"

    ھاياتتا ئولۇمنىڭ باشلىنىشى –بۇ !!!

     

    -3-

     

     

    مەرھابا ..قانلىرىم ....قان ئېشرىتى  ئىچىدە مۇڭلانغان ،زۇلمەت باسقان تىنىقىلىرىمنى چۇشكۇنلەشكەن پەرىشتىنىڭ چۇشلىرىگە سوزلەپ بىرىۋاتقىنىمدا جاڭگالدىكى  قوي پادىلىرى ئىچىدە مۇڭلانغان بەندىنىڭ يىلان بەدىنىگە كىرىپ كىتىۋاتقان روھىنى سەھەردىن كىيىن  كورىسىلەر .....روھىڭلارنى قاناپ كەتكەن كىچىدە توقۇيمەن.

     

    مەرھابا ..قانلىرىم ....چاقىرلىشىڭدىكى ماكاننىڭ قالدۇقلىرىدا بۇ تىنىمنىڭ نىمە ئۇچۇن ئولتۇراقلاشقانلىغىنى ،كىيىملىرىمگە قان چىچىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قاشالار ئىچىدە جان تالىشىۋاتقانلىغىنى غەشلىك بىلەن سىزىۋاتقىنىمدا ئۇ گۇزەل ئۇيۇننىڭ شاھىدى بولۇپ نە قىلاي؟!

     

    مەرھابا..قانلىرىم ...سوڭەكلىرىم بۇرۇجقا كىردى ،ئۇچىۋاتقان ئوق مىدىرلاۋاتقاندا تۇرخۇندىن  چىقىۋاتقان ئىس ئىچىدە مۇققەددەس تىمتاسلىقىمغا قايىتتىم .سۇزۇكلۇك ئىچىدە خەرىتىلىرىمگە يىپىپ قويغان يوپۇقنى قايرىپ  ئىزلىرىمنى ئىزلىدىم ،باغرىم چاك بولدى .

     

    تۇپراق دەمسەن ؟!تۇتۇنلەردە ئولۇمۇڭ ،

    بۇ تىنچ تۇسقۇنلار سويدى شامالنى .

    ئەي !!كېچە ،ئەي !!تىڭىم سەندە يۇكسەكمەن ،

    شامالدا يالىڭاچ دىدىم ئاسماننى .

     

    تۇپراق دەمسەن ،ئىزلىرىڭدا كىلەچەك ،

    رىۋايەتتە ئولگەنلەر شۇ قەبرەمدە چۆچەكتە .

    تەڭرىنى سەھەردە يىنىمدا دىدىم ،

    ئەي !!تۇپراق ياشايسەن مىنىڭ ئىچىمدە .

     

    قايتىشىم كىرەك... قەبرىستانلىقتىكى جەسىدىمنىڭ مۇزلاپ كەتكەن  قانلىرىغا ،يوقلۇققا قىچىۋاتقان ،ئاپپاق چىچەك ئىچىدىكى  پەرىشتىنىڭ ھاياتىمدىكى  گۇمانلىرىغا. قانلىرىڭدىن ياساپ چىققان قول ياغلىق بىلەن يۇرىكىمنى سۇرتىۋاتقاندا يۇرىكىمگە دەسسىگۇچى بەندىنىڭ باغرىدىن قايتىپ چىقىپ ئورمانلىقتا يېغلىغۇچى مەن،- كىچىنىڭ قوينىغا ئىچكىرلەپ كىرىۋاتقاندا قۇياشنىڭ كىچىدە يىنىۋاتقان ھارارىتى بىلەن يۇلتۇزلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئوتىنىمەن ...

     

    دۇئاغا قايتىپ تۇرۇپ قۇملۇقتا ئولتۇرۇلگەن تۇگىنىڭ ئىزلىرىدىكى سەھەرگە پاتمايمەن .

     

    ھارۋىغا تاشلانغان جەسەتنىڭ قورشاۋىدا قالغىنىڭدا كىيىنكى سوزلەرنى ئولتۇرگۇچى كىم ؟!جەسەتنىڭ شاھىدى بولغۇچى مەن ئەمەس ،بۇرۇنقى جايدىن قايتىپ كەلگۇچىنىڭ چۇشلىرىكى سەھەرنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر .پانىيدىكى دۇئانىڭ نىمە ئۇچۇن مىنى ئوقۇغانلىغىنى ساڭا ئىيتىپ بىرەي .

     

    ۋاقىت قانغا بويالغاندا  قىزىل رەڭدە ئوقىلىۋاتقان دۇئادىن  چىقىپ قۇملۇقتىكى جەسىدىمنى ئاتمايمەن!؟ جەسىدىمنىڭ قايسى مۇزىكىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىغىنى چۇشلىرىڭدىكى سەھەردە كورگىنىڭدە پەرىشتەمنىڭ دېڭىز ئۇستىدىكى كارۋاتتا مىنى چۇشەۋاتقانلىغىنى بىلسەڭ بۇ تىنىمنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن .جىنايەتلىرىمدىكى كىيىنكى سوزلەردە مىنى قانغا دەپىن قىلىۋەت .

     

    قۇلۇپلانغان تۇنۇگۇن ،چۆللىرىڭدە سەرسانمەن ،

    ئەڭ شەرمەندە ئىنقىلاپ- يىغلاپ يۇرۇش ھىجراندا .

    ئالدىرايمەن ئولۇمگە ،ئەي !!ئادەملەر سىلەر يوق ،!

    ئىشىكلىرىم تاقالدى ،قەلبىمدىكى ئارماندا .

     

    قەلبىمدىكى بۇ گۇللەر بۇ باھاردا ئىچىلماس ،

    بۇ كۇنلەردە تەكرارلىق،- ئولۇمۇمدە ياشايمەن .

    كەل !!تىنىمگە ئەي!! ئولۇم، ئىشىك ئاچتىم سەھەردە ،

    قورالىمدا كېچىدە –جەسىدىمنى ئاتمايمەن .

     

    قەدەھ بىلەن تولدۇردۇم ،قەلبىمدىكى كوز ياشنى ،

    بەرھەق تەنكى بۇ تىنىم دۇچ كىلىدۇ بورانغا .

    تىنىمدىكى مەۋجۇتلۇق ئۆقىماقتا –نۇر نىمە ؟،

    زۇلنارىمدا بىر بەخىت، قىچىپ كەتتىم  ئايدىڭغا .

     

     

    ھازىرلىقلىرىم ...قىزىل تۆن كەيگەن ئاشىقنىڭ ھىجىر تېغى ئۇستىدىكى جەسىدى سۇرگۇنگاھتا  .پەرىشتىگە ئەسىرگە چۇشكەن جەسىدىمنى يىلانغا تاپشۇردۇم .

     

    ھازىرلىقلىرىم ...بەخىتسىز قىنىمدىكى ھاجەتلەردە سىنى ئوقۇيمەن .ھاجەت ئەمەس نۇرلۇق كۇننىڭ سايىسى ئاستىدىكى تەنلىرىمگە بەخىت قانلىرىدىكى كۇلكىلەر  ....

     

    ھازىرلىقلىرىم ...ئىتىقاتچىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى قىزىل رەڭ ئالەمگە كەتتى .ھازىرلىقلىرىم!! قۇربان بولغان ۋاقىتتىكى نەرسىلەر مەن ئەمەس ....مەن- قۇم ....قۇم تاڭ ئەمەس ....ئۇ بىر قاراڭغۇلۇق ... ئەي !!مەن -مىنى قۇملۇقتا قان ئىچىگە يىتىلەپ بارغۇچى سەنمۇ ؟

     

     

    ھازىرلىقلىرىم

    تەڭرىنىڭ قەلبىدىن قىچىپ چىققانتىڭ

    تەڭرىنىڭ گىرىمسەن بىشارەتلىرىگە

    تېخىچە شامالغا ئىسقىرتىپ يۇردۇم

    شۇ ھىجران ھۇجرامدىن چىقىپ كەتكەندە .

     

    ئىلگىركى تېنىچلىق ئولۇك ئاغزىدا ،

    ھازىرلىق پەقەتلا تونۇدۇم سىنى

    ئويۇمدە بار ئىدى پەقەت بىر يىلان ،

    ئولتۇرۋەتمىدىم

    ئوزۇمنى ،بىراۋنى ،سۇزۇك تەڭرىنى .

     

    تەئەججەپ ئىلكىدە يەنە ھازىرلىق ،

    كەپشەر توچكىسى دوقمۇش سىرتىدا .

    قىزىل رەڭ يەنىلا ئالەمگە كەلدى  ،

    ھازىرلىقىم ئولۇم بۇرچىدا .

     

    ئوقۇدۇم ،تارتۇقلاش ئىچىدە ئالداش ،

    تاپشۇردۇم جەسەتنى قارا يىلانغا .

    ھازىرلىقىم بەلكىم سىرتىمدا ،

    قاچتىم كىچىدە سىرتىمغا شۇڭا .

     

     

    -4-

     

    ھازىرلىقلىرىم  ..تىنىقىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىكىگە كىرىپ كەلگىنىمدە شەپەق بىلەن تەڭ يىيىلىۋاتقان قان دانچىلىرى ئۇتۇپ كىتىۋاتقان يولىچىلارغا مەن ھەققىدە سوزلەيدۇ .....تىنىقلىرىمدا مىنى كۇتىۋاتقان بۇگۇنۇمنىڭ ئىسمىمغا شىۋىرلاشلىرىغا قۇلاق سالىمەن .ئوز ئىسمىمنى شىۋىرلاپ چاقىرۋاتقىنىمدا ماڭا جاۋاپ بەرگۇچى كىم ؟ئەي !!ئىسمىم ئۇ ساڭا نىمە دىدى ؟!

     

    ئەي !!ھازىرلىقلىرىم ....ئەي ...قەدىر كىچىسى .....بۇ مەنمۇ ؟..مىنى شىۋىرلاپ چاقىرغۇچى مەنمۇ ؟قان دانچىلىرى بىلەن بويىلىپ كەتكەن تىنىمدا ئۇخلاپ ياتقان بەندە مەنمۇ ؟.ئەي !!!زىمىندىكى جەسەت ....قارلىغاچ ئۇۋا  سالغان ئايۋاندا سەكراتقا چۇشكىنىڭدە سىنى قەبرىستانغا يىتىلەپ بارغۇچى قان ئەجەل چۆلىدە ھۇۋلاۋاتقان كوك بورىدىن يىراقلىشىپ بىرىۋاتقاندا سوڭەكلىرى قۇم دانچىلىرىغا توكىلىپ ئازاپ چىكىۋاتقان بەندە  مەنمۇ ؟

     

     

    مىنى شىۋىرلاپ چاقىرغۇچى

    مىنىڭ ئىسمىمدا ئوزىنى ئوقۇغۇچى

    مىنىڭ ئىسمىمدىن يىراقلاشقۇچى

    مىنى چىقىلغان ئەينەكتىن كورىۋالغۇچى

    ھازىرلىقلىرىم يىقىلغان ئايدىڭدا

    قەسىدىلىرىدىن  ئويىگە قايتىشنى ئىستىگۇچى

    سوز ھەرىپلىرىدە پىچىرلاۋاتقان شائېردەك

    ئوزىنىڭ نىقاۋىنى ئارىيەت ئالغۇچى

    تانكىلارغا چالما ئىتىپ قىچىپ كەتكۇچى

    جىمجىت ئولۇمنىڭ گىرۋەكلىرىدە

    بىر پارچە لىرىكىسىدا شاراپ ئىچكۇچى

    مەنمۇ ؟

     

    گۇلزارلىقنىڭ سىرتىدىكى گەمىدىن قىچىپ  چىقىپ سىنى ئوقۇيمەن ئوزۇم

    بۇگۇنگىچە داۋاملاشقان ئەسلىمىلەردىكى جاراھەتلەردەك

    قاماپ كويدۇم بىلىق ساتقۇچىنىڭ كىمىسىدە

    كوپ سوزلەرنى ئوقۇمىغان تىنىڭنى

    سوز –ئىبارىلەر نازاكىتىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان روھىڭنى ..

    قاراڭغۇ كېچىنىڭ شاماللىرىدا

    لىرىكىدا ئۇسۇل ئويناۋاتقان

    مىنىڭ سىرتىمدىن قىچىپ چىققان ئوزۇمنى .

     

    ئەي !!ئوزۇمنىڭ سىرتىدىكى ۋەقەدە ئولۇپ كەتكۇچى ئىسمىم

    يىراق سۇنىڭ تىۋىشلىرىدا توقۇلغان چۆچەك سىنى قەيىت قىلدىمۇ ؟

    داستانىڭ تىراگدىيەسىدىكى كېچىلەر سىنى دارغا ئاستىمۇ ؟

    دۇشمەنلىرىڭ قىلىچىدىكى قان يۇزۇڭگە چىچىلدىمۇ ؟

    كۇلچەكتە سەنەم

    تاۋۇتۇڭغا يۇندىلىرىنى چاچتىمۇ ؟

    تومۇرلىرىڭدىكى قان

    شاياتۇنغا نەپرەت ئوقلىرىنى ئاتتىمۇ ؟

    يۇلغۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا يىزىۋاتقان قەسىدەڭ

    ئاي نۇرىغا نەپرەتتە باقتىمۇ ؟

     

    مىنىڭ ئىسمىدا ئوزىنى ئوقۇغۇچى كىم ؟

    -سوڭەكلىرى قۇم دانچىلىرىغا توكۇلۇپ ئازاپ چەككۇچى

    -ۋەقەنىڭ ئاخىرسىدىكى شېئىرلىرىدا

    يەنىلا ئوزىنى ئولتۇرۋالغۇچى .

     

     

    قۇياشتىكى ھارارەت ،ۋۇجۇتتىكى قەدىر،- بۇ كۇنلەر تۇنەكتىن چىققاندا  مەن كىلىمەن .....قاراڭغۇ قۇملۇقتىكى ئاۋاز- مەن، .......ساداسى يوق مەننىڭ تاشلارغا قىچىشىدىن شەكىللەنگەن تاۋۇش- ھازىرلىقلىرى ......سىلەر ماڭا ئىيتىپ بىرىڭلار –قانغا مۇكۇنگەن زۇلمەت جەرياننى خاتىرلىگۇچى كىم –ئۇ ؟

     

    تەشەككۇرلەر ...ساڭا قانلىرىم  كەتتى ....ئەتىكى كوينى پەقەت سەندە تۇرۇپ ئاڭلاشنى خالايمەن ....

     

    سەندىن كەتتىم قانلىرىم ،گىياھلاردا  ھازىرلىق

    بىر كىچىلىك شاھادەت ،دار تىكلىگىن  جىنىمغا

    جەسەتتىكى يىلاننىڭ قانلىرىدىن قاچىمەن ،

    چوڭقۇرلۇقتا ئولۇمنىڭ قورشاۋىدا  بىر گۇناھ .

     

    قاننى چالدىڭ ئەي !!ئولۇم ،چول ئىچىدە مەن جەسەت ،

    گۇلچەمبىرەك..؟! قىرغاقسىز ئاقار  دەريا  قىنىمدا

    تەشۋىشلەردە  قىيانلاپ بارلىقىمغا  تاشلاندىڭ ،

    بۇ قىنىمدىن تاشقىنلاپ  ئىقىپ ئوتتى بىر دەريا .

     

    ئەي قەدىرلەر !!!چۆللىكنىڭ گۇگۇم چۇشكەن كىچىسى ،

    بىغىشلايمەن ھاياتنى  سىرلىق چولدە ئۆلۇمگە  .

    پۇرايمەن...ئاڭلايمەن ، قاندىن  قاچقان زۇلمەتنى ،

    ئوڭكۇرلەردە غىرىپلىق ، يىقىنلىشار ئۆيۇمگە .

     

    قوغلايمەن .....قىنىمدىن رەڭلەنسە قۇملۇق ،

    چۇشمەكتە قاراڭغۇ  رەڭسىز قىنىمغا ،

    ياسىغۇچى  ئىنسانمەن قاننى يەنە قايتىدىن ،

    شەيتاندىن   بىر نەيرەڭ  كەلدى جىنىمغا .

     

    ئەي !!گۇگۇم .....چۆللۇكتە يىرتىلدى ئاۋاز ،

    ئەي !!يوللار قەلبىمدە  ئولۇمدىن ئىزھار .

    ئىيقىنا ...قانلىرىم ئەجەلدە تىنىم ،

    شەيتاندىن  قايتىشنى  قىلىمەن قارار .

     

    يىلاننىڭ قولىدىكى ئولۇم ياپرىقى  بىلەن باشاققا بولغان ئورتىنىشىم شەيتاننىڭ ئوزىنى  ئاشكارلىشى بىلەن دوزاققا مەھكۇم قىلىنغىنىدا ،سەھەر  مىنىڭ جىنايىتىمنىڭ  ئىككىنجى  تۇغىمى .

     

    ئەي!!شەيتاننىڭ  ئۆيلىرى قان ئوقۇيمەن كەپەمدە ،

    خاتىرجەمسىز بۇ كەپەم سىنى كۇتۇش ئازغۇنلۇق .

    تەڭرىنىڭ كىرسېتسىز يوقتۇر ئۆلىمى ،

    بۇ چۆلدىن نۇر بىلەن قايتىمەن يوروق .

     

    زاھىر بولغان مەندىن ئىلگىرى ،

    يىلاننىڭ قولىدا مەن كۇتكەن ئەتە .

    ئەقىلدە مىۋە يوق ،ئەقىلدە شەيتان ،

    ئەي !!باشاق مەن سىنى يەيمەن كىچىدە .

     

    ئەۋرەتنى ئىتىشكە قاننى چىللايمەن ،

    توكىلىدۇ بىر باھار بۇ سەھەردە قايتىدىن .

    ئىرىشىشنى مەن مۇتلەق مۇجىزىمۇ دىمەيمەن ،

    ئەي !!كۇنلەر مەن چىقاي قەلبىمدىكى –زىنداندىن .

     

    دەپىن قىل ئەي!!يىلان شەيتاننى ماڭا ،

    ئىھتىمال بۇگۇن كەچ ئۆيىمىزدە قان .

    كەپتەرنىڭ روھىغا مۇكىۋالغۇم بار ،

    زەيتۇنغا يول قويماس شەيتاندىكى جان .

     

    ئادەملەر قان بىلەن ئولچىمە مىنى ،

    ئەي !!گۇناھ ،گۇمراھلىق، مەن كەلدىم ساڭا .

    قاراڭغۇ چۇشۇشكە يەنە پۇرسەت بار ،

    كىچىلەر!! سىلەردە ئۇخلايدۇ دۇنيا .

     

    -5-

     

    قىنىمغا قايتىپ كەلگەن كىچىدە ئاۋازىمدىن يىراقلاپ كەتكەن  يوقلۇق قاراڭغۇلۇققا  نىدا قىلىدۇ ........ئەي !!!زۇلمەتلەر..... كوزىنى ئاچقۇچى  بەندىنىڭ ئەجەلدىكى سايىسىنى  نىمە ئۇچۇن كورمەيسىلەر ؟يىلاندىكى ئازاپتىن تەئەججۇپلەنگەن قارا كىچىدىكى ئەجەلنىڭ ئۇنىڭغا بولغان بىشارىتى بىلەن  مەن قانغا قىچىپ كەتمەكچى .....جەننەتتىن قوغلانغان مۇشاقەتنىڭ ئىزىقىشلىرى بىلەن جىگدىلىككە چۇشكەن ئاياغ ئىزلىرىم مەۋجۇتلىغىمدىكى بىر سىر ......

     

    ئەي !!رەڭلىك شەكىللەر ،سەپەردىكى بىر ئادەم ،

    تار كوچىنىڭ دوقمۇشى،- كىچىدىكى بىر ئەجەل .

    چوللەردە قىنىمغا پىچىرلاپ قويۇپ ،

    ھاياتىمغا

    ئازاپلاردىن  قاداپ قوياي تۇغ –ئەلەم .

     

    قاراڭغۇ چۇشىدۇ قۇملۇققا بۇگۇن،

    نەدىن ئىزلەپ تاپىمەن قاننى .

    ئەي !!تىنىم مەن ساڭا  مىراسخور بولاي ،

    مەڭگۇلۇك ئەجەلدىن ئىزلەپ روھىمنى .

     

    تاڭ سەھەردە يىزىۋاتقان قەسىدىرىمنى تۇغ –ئەلەم قادالغان قەبرىستانلىققا كومۇپ قويۇپ قاندىكى قارا رەڭگە قايتىپ كىتىمەن ......ئەسلى قاراڭغۇ ...غۇۋا ...چوڭقۇر ھاڭ ئەقىل ئىگىسىنىڭ بۇيرۇق ھەركىتىدە سۇزۇلگەندە نۇر قانلىرىمغا قايتىپ كىلىدۇ ......ئەي !!!مۇرەككەپ تەرتىپلىك جەريان ...دۇنيادىكى يۇمىلاق قان قاينام مەركىزىدە زۇمرەتلىك يىشىل ..مەرۋايىتتەك سۇزۇك ..بىر تامچە شەمنەمدەك يالتىراپ تۇرغان يۇلتۇزدا ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ ......ئەي !!!ئاۋازىمدىكى كىچىلەر  .....ھەمراھلىرىمدىن نۇر ئىزلەيمەن ......قانغا چۇشكەن نۇر بىلەن تۇپراققا قايتىپ كىلىمەن ....

     

    ئەي !!!قاندىكى جىمجىتلىق .....مەن نۇر  ئىچىدە قانغا بويىلىپ كەتكەن تىنىمگە نەپرىتلىنىپ تۇرۇپ سىنى ئالقىشلايمەن !!

     

    -6-

     

    پەرىشتىدىكى سەھەرگە كىرىش   بىلەن قاننىڭ ئوزىنى ئاشكارلاۋاتقان دەۋرىدىكى ئەينەك  سۇنۇپ كەتكەن كىچىدە قورالىم ئۇستىدىكى كەپتەرنىڭ ئولۇپ كەتكەن جەسىدى ، ھاياتلىق دەرىخنىڭ سايىسى ئاستىدا مۇگدەپ ئولتۇرغان  بوۋاينىڭ چۇشىگە ئايان بولغاندا  مەن ئولۇپ كەتمەكچى !!!(جان تەرەپتىن ۋىسال ئالدىمدا ،ئوزگەرتىشكە قادىر ئەمەسمەن .)

     

    ھازىرلىقلىرىم ،ئوز ئىسمىمدىكى گۇناھنىڭ مىنى قانغا دەپىن قىلغان كۇنىدىكى يىغىلىرىنى كىملەرگە مىراس قىلىپ قالدۇراي !!تاش دەۋرىگە كىرگەن روھىمدىكى چىكىتلەرنى كىملەرگە ئاتاي !!!.غالجىر كۇلكىلىرىمدىكى ئاۋاز بىلەن تۇپراقتىن قايتىپ كەتكەنلىگىمنى بىلدىم .مىنىڭ ئىسمىمغا دوزاخ سوزىنىڭ نەقىل قىلىنغانلىغىنى بىلدىم .ئۇندەشتىكى سوراقنىڭ مەندىن ئۇزاپ كىتىش جەريانىدىكى ئوغۇز ناشتىلىقى بىلەن تاماقلانغاندىن كىيىن ھىلىقى ئويگە كىرىپ كىتىمەن .تۇتۇنگە ئايلانغان تېنىمگە قاراپ مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا نەپرەتلىنىمەن .

     

    ئاقار يۇلتۇز بۇ كىچىدە ...چىرايلىق نۇر .... قىنىمدا ،

    بىر تۆشۇكتىن قىستىلىپ كىردىم يىلان تىنىگە .

    ھىچنىمە يوق.... .قاراڭغۇ ...زەھەر تەندە   جەسىدىم ،

    ھازىرلىقىم سىگنالى شەيتان ئەمەس بىر جەسەت ......؟؟؟

     

    -7-

     

    ھازىرلىقلىرىم ....چوڭقۇر مەنىدىكى چۇشۇمگە مۇكۇنگەندە ،شەكىللەردىكى قان ئىچىدىن قىزىل تۇگىگە  مىنىپ چىققان ئايال بىلەن  تويۇم بولغان كۇنى  يوقلۇققا قىچىپ كەتتىم ،قۇم دىڭىزىدىكى قەبرىستانلىقتا ياشاۋاتامسىلەر ؟ .......«قىزىل تۇگە سۇيۇڭلاردىن بىر كۇن ئىچىدۇ ...قىزىل تۇگىگە يامانلىق قىلماڭلار ....بۇيۇك كۇننىڭ ئاۋازى بىلەن قاندا گۇمران  بولىسىلەر ......ئەي !!!بەندىلەر قىزىل تۇگىنى بوغۇزلىدىڭلار .....ئەمدىكى نادامەت ...ئەمدىكى ئازاپ بىلەن چەكسىز قورشىلىسىلەر ....»

     

    قايتىپ كەلدىم ...

    شاماللارنىڭ مۇھەببىتىگە

    قايغۇ مىنىڭ چۇڭقۇرلۇغۇم  ئەمەس

    قىنىم مىنىڭ ھازىرلىقىم ئەمەس

    دېڭىز مىنىڭ ئىچىملىكىم ئەمەس

    ياز كېچىسىنىڭ نەمخوش شاماللىرىدا

    تىنىۋاتقانلىغىم ھاياتلىغىم ئەمەس .

     

    قايتىپ كەلدىم ...

    قىنىمنىڭ سۇزۇك ئىقىۋاتقانلىغىغا قۇلاق سالدىم

    قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىدا روھىمنى پاكلىدىم

    قالدۇقلىرىمدىكى كۇلكىلەردىن باشلىنىپ

    ھازىرلىقلىرىمدا ئولۇپ كەتتىم .

     

    قايتىپ كەلدىم ...

    جۇدالىقلىرىم بالا بولماس

    تەشۋىش بولمىغان يىغىلىرىمدا

    مەبۇدلىرىم خۇدا بولماس .

     

    قايتىپ كەلدىم ...

    شوھرەتلىرىمنىڭ كۇلكىلىرىگە

    ھازىرلىقلىقنى ئاشكارلاش كىرەك

    گۇمانلىنىش كىرەك بەندىلەر ؟!

    شاماللارغا يىيىلغان مۇھەببىتىمدىن

    مىنىڭ ئىسمىمدىكى ئوزۇمگە .

     

     

    -8-

    قايتىپ كەلدىم ،-ئاسماننىڭ ئىسمى يوق ئاشۇ ئويۇمگە ،

     

    قايتىپ كەلدىم،-رەڭدار قاناتلىرىمدىكى كۇلكىلىرىمنىڭ ساراڭلىغىغا ،دېڭىزنىڭ ئويۇمدىكى بىرىنجى تاشقىنىغا .قىزىل تۇگە ئولتۇرۇلگەن كىچىدىكى ئايالنىڭ بۇنىڭ سىرتىدىكى ئىشرەتلىرىگە.

     

    قايتىپ كەلدىم ،-بۇ ئويگە كىرىشنىڭ سىرتىدىكى قاراڭغۇلۇققا ،

     

    قايتىپ كەلدىم ،-چۇشلىرىمنىڭ بىشارەتلىك يوللىرىدىكى يۇلتۇزلىرىمنىڭ كېچىدىكى سەھرىگە .

     

    بۇگۇنۇم ئىچىدە يوقمىكىن دەيمەن

    يىشىل قېنىمنىڭ تىترەشلىرىدىكى ئاشۇ بالىلىق

    بىلەيزۇكنى جاراڭلاتما پەرىشتەم

    جەسەتنىڭ كۇلكىسى بەكمۇ ئازاپلىق .

     

    ئوزۇمنىڭ داۋامى بەلكىم مەن ئەمەس ،

    ئازاپنى دۇنياغا چاچسامكەن دەيمەن .

    ئاسماننىڭ ئىسمى يوق، ئاشۇ ئۆيۇمدىن -

    قىنىمغا مەڭگۇلۇك پالانسام دەيمەن .

     

    -9-

     

     

    نۇر بىلەن تويۇمنىڭ مۇققەددىمىسى باشلانغان كۇنى ئۇلۇغلۇق سىزىپ بەرگەن يول بىلەن چول ئىچىدىكى يوقلۇققا قىچىپ كىتىۋاتقىنىمدا چوڭ يۇلتۇزنىڭ يالتىراپ تۇرغان بىشارەتلىك  نۇرىنى كورىمەن .......

     

    قەدەھتىكى قۇياش ۋەسلىدە  ئوزىنى ئۇنتۇغان پەرىشتىنىڭ  مۇبارەك قەسەملىرى بىلەن نۇرغا  كىرىپ كىلىمەن .تىنىمدىكى تىلنىڭ سوزۇق تاۋۇشلىرى  تەرىپىدىن ئىسيان قىلىنغان روھىمغا قاراپ قەلبىمگە چىچىلغان قۇم توزانلىرىغا  سەجدە قىلىۋاتقىنىمدا مەقسەت جىھرىدىكى  قاندىن قىچىپ چىقالارمەنمۇ ؟قارلىغاچ ئۇۋىسىدىكى پەي توزانلىرى جان تەسەللۇتىدىكى ئاۋازنىڭ تازلىغۇچىسى .قانىغان ئاۋازىمدىكى يوقلۇق ،-سىسىپ كەتكەن كەپتەر جەسىدىنىڭ  شىئېر ئىچىدىكى بايانى (قان ئىچىدىن يوقلۇقنى قوتۇلدۇرۇش يولىنى تاپتىم )

     

    كىچىدىكى سوراقمەن ،تويۇم بولغان كۇن ،

    بىر چىكىتكە ئايلىنىپ يىقىنلاشتىم سىلەرگە.

    ھىچنىمە يوق يىگۇدەك ،قانلىرىڭغا  قونىمەن ،

    ئاۋازىڭدا يۇپۇرماق- يىپىپ قويدۇڭ كىملەرگە .؟

     

    دەريا سۇيى قارامتۇل ،تىنىقلىرىڭ ئاقىدۇ ،

    بۇ ئىسىمغا پەرىشتەم قاراپ قويغىن ئايدىڭدا .

    گۇلگە ئوخشاش ئىچىلىپ ،كۇلۇپ قويغىن بىر قىتىم ،

    قىزىل تۇگە ،شۇ سەپەر ...نۇر ئىچىدە ...بۇ دۇنيا .

     

    قاراڭغۇ دەرەخ،ھازىرلىقلىرىمغا سايە تاشلاپ تۇرغاندا پەرىشتەمنى  ئويلاپ قايغۇرمەن ....قەدەھدىن چاقنىغان ئازاپ   جىلۋىسىدىكى ئاۋازىم، -تۇپراقتىكى ئۇرۇق شەكلىنىڭ   ئەينەكتە  سۇنۇپ كىتىشى ،ئاۋازىم سۇنۇپ  كەتكەن كىچىنىڭ  سۇكىتى بىلەن تەكلىماكاندىكى يىغىنىڭ سۇزۇق تاۋۇش تەرىپىدىن شاراپقا  بەنىت قىلىنىشى  -منىڭ  شەيتاننى  بۇيسۇندۇرۇش   سەپىرىدىكى  سېسىپ كەتكەن تىنىمغا لەنەت ئوقۇپ تۇرسىمۇ  نىمە ئۇچۇن قاندا تۇغۇلغانلىغىم  توغىرسىدا   قورالىم  ئۇستىدىكى ئولۇپ كەتكەن  كەپتەر جەسىدىگە  قاراپ يىغلايمەن .....ئەي !!كەپتەر ...ئەي !!!قەلبىمدىكى پەرىشتىنىڭ   جەسىدى .....روھىمدىكى  قاندىن چىقىپ كەت!!؟سۇنىۋاتقان نۇر ھالقىسىدا جان ئۇچۇن تۇپراقنى  ساڭا بەنىت قىلىمەن (كەلمىشتىكى شەكلىم .....ھىچكىم ئەمەسمەن )

     

    قاننى ئىزلەيمەن ،

    تەبەسسۇمىدا قۇياشنىڭ ،

    يۇرۇقلۇق كىچەمدىن كەلدى كېملىككە .

    پەرۋانە ھەققىدە قوشاق تۇقۇدۇم ،

    قاراڭغۇ قىنىمدىن كەلدى بىر تۇگە .

     

    ئەي !!تۇگە بىر نۇرسەن ، باشاق  چىشلىگەن ،

    كەپتەرگە ئايلىنىپ كەلدىم ئۆيۇڭگە .

    چىچىمدىن قان تىمىپ تۇرۇپتۇ سەھەر ،

    ئوت چاچتىم مەن بۇگۇن  سىنىڭ كوزۇڭگە .

     

    سەھەردە قىنىڭنىڭ ھۇۋلاشلىرى بار ،

    كىلىمەن قىنىڭنىڭ ھۇۋلاشلىرىغا .

    قارچۇغۇڭغا مۇكۇشكە كەلدىم ،

    يۇرۇقلۇق كىچەمدىن غايىپ بولغاندا .

     

    قاراڭغۇ تىنىمدە ،قاراڭغۇ دوزاخ،

    كىچىكىپ بويسۇنار شەيتانمۇ ماڭا .

    ئىھتىيات قىل ..ھازىرلىقلىرىم ،

    كىلىمەن قىنىڭنىڭ ھۇۋلاشلىرىغا .

     

    -10-

     

    ئەي !!!ھازىرلىقلىرىم  ....نەپرەتكە ئايلاندىڭ ،تۇپراق تىنىمغا ئەگىشىپ مەۋجۇتلىغىمدىكى ھىچنەرسىگە خىتاپ قىلىۋاتقاندا يوقلۇقتا تۇغۇلدۇڭ !چىقىلىۋاتقان ئۆي ئىچىدە بۇزىلىۋاتقان قارلىغاچ ئۇۋىسىدىكى ئويۇننىڭ  بۇگۇن  كىچە ئاخىرلىشىدىغانلىغىنى  بىلەمسەن .چۇنكى مەن قان .جاندا ئولۇپ كىتىمەن، (مەن شەيتاننى ئولتۇرۋىتىشنى   ئويلايمەن )

     

    ئولتۇرىمەن كوچىدا ،بىر دەستىگاھ قان

    سىتىشقا ئامال يوق  تىنىمنى ساڭا .

    يىلاننىڭ تەندىكى پۇشقۇرتىشىنى ،

    سوۋغا قىلىمەن سەھەرگە

    يىقىلىمەن كوزۇڭگە .

    قايتىپ كىلىمەن ئولۇم پۇراپ تۇرغان ئويۇمگە .

    رەخمەتلەردە تەرىك ئىتىمەن

    قىنىمدىكى ئاق زاماندىن ئۇزىغان

    جەسەتتىكى قۇملۇقنى .

     

    يىراقلىقتا نۇر

    ھارارەت ئەي !! قۇملۇق يىپىنىش سىنى ،

    باردۇر ھامان تىنىقىمدا ھازىرلىق  ،

    رەخمەتلەردە تەرىك ئىتىمەن ...

    قايتىشنىڭ سىرتىدا  ياشىغان جاننى .

     

    -11-

     

    مەن جاندا ئولۇپ كەتكەن  شۇ كۇنى پەرىشتىنى  تاپشۇرۇپ ئالدىم  .پەرىشتە مىنى ئاڭلىدى ،شامال چىقىۋاتقا ن كىچىدىكى يىراقلىقتا پەرىشتىنىڭ قاقاقلاپ كۇلىۋاتقاندىكى كۇلكە ئاۋازى ...قۇملۇقتىكى قوي پادىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن كوك نۇر ئىچىدىكى بالا ...ياپراقسىز دەرەخ ...چىلىنۋاتقان قوڭغىراق ئاۋازى ...قۇشلار ..مىنىڭ چۇشۇمدىكى كىچىدە مىنى ئاڭلاشقا كەلگەن نەرسىلەر ....سۇ ئىچىدىكى ھازىرلىقلىرىمدىن قىچىپ چىققان نۇر بىلەن پەرىشتىگە پىچىرلاۋاتقىنىمدا  قۇدۇق بىشىدىكى ئايالنىڭ مىنى تىپىۋىلىشى مومكىن ئەمەس ،چۇنكى مەن ئوزۇمنىڭ چوڭقۇرلىغىدىكى گۇزەل سايىلەرنى تاماششا قىلىۋاتقان سىرتىمدا ياشاۋاتقۇچى .

     

    كۇلكە ئەمەس

    جامالىڭنى سىغىنمىدىم پەرىشتەم

    چۇشۇمنى چۇشەنمەس نەرسىلەر دەيمەن

    كېچىلەر شامىلىدا سايىدىغۇچىلەرنى

    كېچىدىكى دېڭىزدا

    ئولۇك ئىغىزىدا غىزالانغۇچىلەرنى .

    پەرىشتەمگە پىچىرلاۋاتقاندا

    قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلارنى .

     

    چۇنكى چۇشۇمنى يىغلىتالمايسەن

    جاندا ئولۇپ كەتكەندە .

    ئارىمىزدىكى بوشلۇقتىن چىقىپ كىلەلمەيسەن

    چۇنكى مەن ئولۇم دىگەن نەرسىدە

    چۇشۇمنى چۇشەنمىگەنلىگىڭ ئۇچۇن

    ئولۇم گوياكى سىنىڭ مۇلكىڭدەك

    قەلبىڭدىكى ھاياجانلىرىڭدا

    ئولۇم خوجايىنىغا ئايلىنىسەن

    پەرىشتەم

    سەن ئولۇمنىڭ كۇزەتكۇچىسى

    مەن ئولۇمدە ئولۇپ كەتكۇچى .

     

     

    -12-

     

    ھازىرلىقلىرىم ،مەن ئولۇمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەلگەندە مىنىڭ پاكلىققا چىلانغان  قانلىرىمنىڭ ئوتمۇشكە ئايلانغان  تىراگدىيەسىدىن بىر پەللىگە بولغان  ئىزىقىشىنى بايقۇچىلارنىڭ بار ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن .ئىزىقىش رەڭ ..نەپرەتكە ئايلانغان  بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ئىسمى نىمە ؟(پەرىشتە  پەشلىرىنى قىقىپ قىنىمدىن چىقىپ كىتىدۇ )

    (يىلان قاندا ناشتىلىق قىلىش ئۇچۇن سەپەرگە چىقتى )

     

    سۇغا قارايمەن

    شامال چىققان كىچىدە ئاڭلىدىڭمۇ كۇلكەمنى .

    قان بازىرى سىرتىدا تىلەمچىلىك قىلىمەن ،

    كۆچىۋاتقان قۇشلارغا قاراپ

    قاقلىنىمەن سىم –سىم يامغۇرغا ،

    نۇر ئىچىدىن ئىزلەپ چىقتىم ھىچنەرسە

    قىزىل تۇگە ...قۇملۇق ...پەرىشتە ،

    ياشلىرىمنى ئىچەر قاغجىراپ

    ھازىرلىقلىرىم

    رەڭسىز سۇرەتتىكى كىملىكلىرىمنى ،

    قالدۇرىمەن يەنە ئولۇمگە !

     

    ئەي !!ھىچكىم

    شاپاق دوپپا كەيگەن سادامەن .

    قۇملۇقتا بازار

    ھىچكىملەر...

    شۇ بازاردا بۇ تىنىمدىن جۇدامەن .

    كىچىلەر ..!! تەنلەردە يۇمۇلدى كوزلەر ..

    قۇملۇقلاردا ناخشا ئىيتىمەن،

    قەپەزدىكى مەھبۇس ئەمەسمەن .

    قۇملۇقلاردا دارغا ئىسىلغان ،

    قۇشلاردىكى سەپەرمەن

     

    تەنلەردىكى يارا ئىغىزى

    قۇياشتەك پارلاپ قىچىپ چىقىمەن

    تىنىمدىن .

     

    ھازىرلىقلىرىم

    قۇملۇقتا سەپەر باشلىدىم

    ئىيتىپ بەرگىن قۇملۇقنىڭ

    ئىشىكلىرىنى .

     

    -13-

     

    ھازىرلىقلىرىم ...ئېشىگىمنىڭ بىشىغا ئىسىلغان يىلان جەسىدى يىغلاپ تۇرۇپ پەرىشتىنى  ئوقىۋاتقاندا نەپرەتكە ئايلانغان سۇيۇقلۇقنىڭ قىزىل ئىكەنلىكىگە نەپرەتلىنىمەن .يىلان بىشىمدىن كىرىپ پۇتۇمدىكى نۇر ھالقىسىدىن چىقىپ كىتىدۇ .شۇندىلا ئاپپاق چىچەكلەرنىڭ ئىچىلىۋاتقانلىغىنى سىزىمەن .(يىلاننىڭ قاراڭغۇ يوللار سەپىرىدىكى مەن تىراگدىيەسى )

     

    بۇ چىچەكلەر ئىچىلار قاندا ،

    ئاپپاق چىچەك يىلاننىڭ قىنى .

    قىنىمدىكى كەپتەرگە كەلدىم ،

    مەن ئەمەس

    ئاق يىلانغا مۇكىۋالغىنى .

     

    ئاق چىچەكلىك قاندىن چىقىمەن ،

    قىنىم ئۇچۇن بىرىش ئۇچۇن جان .

    يىلان

    مەن قىنىڭنى ئوقۇشقا كەلدىم ،

    كۇتۇپ تۇرار يىشىل قان

    مەن دەيدىغان قىسىلەردە

    سىنىمۇ !!!

     

    قىزىللىقنىڭ قورشاۋىدا تەن ،

    مەن  قىنىمدا مۇزلىغان سايە .

    گۇزەللىككە نەپرەتلىنىمەن ،

    مۇكىۋالدىم جاندا شەبنەمگە .

     

    گۇزەلىكتىن پەرىز ئىزلەيمەن ،

    ئوقىماقچى بولساڭ قايتىدىن .

    مەن قىنىمدىن قايتىپ چىقىمەن ،

    مەن قۇملۇقتىن قايتىپ چىقىمەن ،

    چۇۋۇلغان كوچىغا .

     

     

    -14-

     

    ھازىرلىقلىرىم ...مىنىڭ كىيىمىمگە ئايلانغان قان ئۇچۇن  يىراقتا مىنىڭ ئېسمىمنى زىكىر قىلىۋاتقان يوقلۇقتا  نەي چىلىۋاتقان پەرىشتە   قان مۇزىكىسىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا سەپەر مەندە باشلاندى .سەپەر مەندە قۇشقا ئايلانغان شۇ كۇنىدىن باشلاپ قاراشقا مومكىن بولغۇدەك گۇزەللىكنى  ئىزلەپ سەپەرگە چىقتىم .تاشلىۋىتىلگەن  نەرسىلەر ...قان ...يىلان ...ئولۇم  -ئەخلەت  دوۋىسىدە ئوزىنىڭ گۇزەللىكىنى يوقاتقاندا مۇزىكىدىن چىقىپ كىتەلەرمەنمۇ ؟قان ماڭا مەنسۇپ !!!مىنىڭ تىنىم ئەخلەت دوۋىسى ئىچىدە ياش  توكىۋاتقاندا پەرىشتىگە  توكۇرۇپ قويدۇم، مەن قاننى ياراتقان كۇنى- بۇگۇن ،ئاي ،قۇياش ،روھىمدا  نەپرەتكە ئايلاندى ،قىنىمدىن قىچىپ چىقىشنىڭ مۇشكۇلچىلىكىدە  نىگاھ ئىزلەپ كىمىگە چىقتىم .كىمىچى قايتىپ كەتكەن ....رەزىل نەرسىلەرنىڭ قورشاۋىدا مۇزىكىنىڭ قورقۇنۇشلۇق مەرغۇلىغا كىرىپ تۇرۇپ جاۋاھىرنىڭ  ئوغۇرلارنغانلىغىنى  سەزگىنىمدە يىلان ماڭا سوزلەيدۇ (يىلان  -سوزلەۋاتقان سەنمۇ ؟)

     

    ئەي چۇشلەر !!سوزلىگىن، يىلاندا ئېسىمىم ،

    سوڭىكىم كاۋىكى دىللار چىچىكى .

    خەنجىرىم قىنىڭدىن قايتىپ كەلگەندە ،

    ئاق  يىلان كىچىدە ئوقۇيدۇ مىنى .

     

    سەدىقە قىلىمەن ،بىر تامچە ئازاپ ،

    ئەتە ماڭا لازىم بولار قان ،

    يىلان ئىيتار مۇزلىغان قوشاق ،

    قان بىلەن جان مەندە چىلىشقان .

     

    دار باغلايمەن جىنىڭغا يىلان ،

    تۇن كىچىدە سوزلىگەن سەنمۇ .

    يالىڭاچمەن ،يالىڭاچ قالدىم ،

    يىلان

    تۇن كىچىدە سوزلىگەن سەنمۇ ؟

     

     

    قاندىن تۇغۇلىمەن .....تىنىمدىكى كىچىش ئۇچۇن  قۇم بارخانلىرىغا  قاراپ يىغلاۋاتقىنىمدا ئۇ كۇلىۋاتىدۇ .دۇنيانىڭ پوستىدىكى كەپىدە  يىپ ئىگىرىپ ئولتۇرغان موماينىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق مۇزىكىسى چىلىنغاندا توپاندىن چىقىپ كەلدىم .ئەي !!!ئەسنەۋاتقان قان !!!قىزىل رەڭگىڭدىكى  كىشنەشنىڭ باغرىمغا تاشلانغاندىكى ئىزىقىشى بىلەن جان دەرىخىنىڭ مىۋىسىنى  يىيىشكە مەجبۇر بولدۇم .مەندىن دۇنياغا كەلگەن  يىشىل رەڭلىك قان بىلەن يىلاننىڭ بىشارىتىنى سوزلەيمەن .سۇنۇپ كەتكەن ئۆت ئىچىگە مۇكىنىۋالغان  يارالمىشنىڭ  بارلىقىنى ئىزلەپ ئەسلىمە قەبرىسىدە  تۇنەكتە ئولتۇرغىنىمدا ماشايىقلارنىڭ روھىمدىكى مەن تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان  شەيتانغا قىلغان نەسىھەتلىرى مىنىڭ جەسىدىمگە ئوخشايدۇ .مەن جەسىدىم ئارقىلىق  شەيتاننى يەنە بىر قىتىم بويسۇندۇرمەن ،بالياتقۇغا قايتىپ كەتكەن جەسىدىم قەبرىدىن چىقىپ  تۇپراققا سەجدە قىلىۋاتقاندا مىنىڭ ئولۇپ كەتكەنلىگىمنى ئاڭلاپ  قاقاقلاپ كۇلىۋاتقان پەرىشتىنى   كوردۇڭلارمۇ ؟ئەي پەرىشتە !!جەسىدىمدىكى  رەڭسىز كىيىمگە ئايلانغان تۇرقۇڭدىن قاندا ئولۇپ كەتكەن ھازىرلىقلىرىمنىڭ  قەبرىسىگە تۇغ –شەددە قاداش ئۇچۇن يولغا چىققىنىمدا بىر تال قوۋۇرغامنىڭ ئوغۇرلانغانلىغىنى سىزىپ تۇرۇپمۇ  سىنى ئولتۇرۋەتمىدىم .چۇنكى سەن ئاللا بۇرۇن ئولۇپ كەتكەن (پەرىشتىنىڭ ئۆلىمىنى سىغىنىمەن )

    قەلبىمدە بولسىمۇ كويۇنۇش ،سايە

    ئايلىنىمەن پەرىشتىنىڭ  چۇشىگە

    ياشلىرىمنى سۇزىمەن قانلىرىمنىڭ ئىزىدىن ،

    بىر سادادا ئۆلىمەن ،ئاپتاپ چۇشمەس  كەپىدە .

     

    تۇن قوينىدا ئايلىنار، قانلىرىمغا پەرىشتە ،

    نۇر بۇرچىدا  ھىچكىمنى ئايلاندۇردۇم كىيىمگە .

    ئاخىرلىشار يىلاننىڭ سوزلەۋاتقان سوزلىرى ،

    ئەي !!قانلىرىم بۇگۇن كەچ ئولتۇرغىنا يىنىمدا ....

    سۇزۇك قاننى ئوقۇيمىز ،سۇزۇك سودا ..كېمىدە .

     

    -15-

     

    ئەي !!تىنىمدىكى جەسەت .سەن روھىمدىن پاناھ تىلەپ قاچقۇچى .....مەن قىنىمنىڭ يوقلۇقتىكى قەبرىنامىسى ....زىمىندىكى سۇ مىنىڭ  تىنىمگە باستۇرۇپ كەلگەندە كېمىگە ئايلانغىنى روھىمدىكى  قان .ئەي !!بەندىلەر مەندىن قىچىش ئۇچۇن سەپەرگە چىققىنىڭلاردا دىڭىزغا ئايلانغان تىنىمدىكى تاشقىن بىلەن ھالاك  بولۇپ كەتسەڭلار جەسىدىڭلارنى يىگانىلىق دەرىخىگە ئىسىپ قويغان ئايال ماڭا ياتلىق بولۇدۇ .يىلانغا ئايلانغان ئايال تىنىنى كوتىرىپ  قىزىل تۇگىگە مىنىپ كىتىۋاتقىنىمدا  ماڭا  نىكاھ ئوقۇماقچى بولغان ئاپپاق ساقاللىق بوۋاي  تەكلىماكان قۇملىقىغا  قايتىپ كىتىپتۇ .قورالىم  سىتۇلى ئۇستىدە  ئولۇپ كەتكەن كەپتەر جەسىدىنى ياسالمىغان يوللارغا  دەپىن قىلىپ  تۇرۇپ تىنىمدىكى دىڭىزغا پىچىرلىدىم –ئەي !!قىرغاق....  كونىراپ كەتكەن دۇنيانىڭ دەشتىدىن ئاتلاپ ئوتۇپ كەتكەن مىھماننىڭ جەسىدىنى  تاماششا قىلىۋاتقان  پەرىشتىنى ئۇچراتساڭ  ئۇنى مىنىڭ تىنىمگە دەپىن قىلغىن ......چۇنكى ئۇ قەلبىمدىكى قاننىڭ چىرىغى .مىنىڭ ئوغۇرلانغان قوۋۇرغامنىڭ پارچىسى .

     

    ھازىرلىقلىرىم

    پەرىشتەمنى ئولتۇرۋىتەيمۇ ؟

    بۇگۇن ئۇنىڭ قەلبىدىكى قارا –سايىلەرنى ھېس قىلماقتىمەن

    بۇ قىرغاق ئۇستىدىكى بۇلۇتلاردەك

    ساھىللارغا يىيىلىپ

    قارا بەتلەر ئۇستىدىكى سويۇش سوزىنى

    ئۇزۇمنىڭ سىرتىدىكى مەننىڭ قەلبىدە

    غالجىرلارچە ئوچۇرۋىتەيمۇ ؟

     

    ئوتمۇشۇمنىڭ  چەكلەر قايغۇسىدىن چىقاي

    بايانچىمەن ئىزنالىرىمدا

    زىمىن يىغام ئۇچۇن ماتەم تۇتقۇدەك

    يېقىلغان ئويۇمنىڭ كىپەنلىرىنى ياماپ قويدۇم

    ھىجىريە كالىندارىدىكى خاتىرلىرىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم

    يولۇچىمەن قىزىل يوللاردا

    سەھەر نۇرىدا ئوز گەردىشىمنى بۇيسۇندۇرمەن

    شەيتانغا ئايلىنىپ

    قوۋۇرغامنى ئوتقا تاشلاپ

    ئازاپلانمايمەن .

     

    ھازىرلىقلىرىم

    ياساپ قويدۇم قىنىمدىن تاۋۇت

    ئىيتىپ قويدۇم يىلانغا

    خەلقلىرى قۇچقاچنىڭ

    ياش توكمىسۇن

    پەرىشتە جەسىدىنى ئىلىپ ماڭغاندا .

     

    ھازىرلىقلىرىم

    كىلەچەككە تۇتاشتىم

    ئولۇمۇمنىڭ يىغىلىرىدىكى ئاشۇ كۆڭۇلدە .

    خوش –دەيمەن

    ئىستىگۇچىلەرگە .

     

    -16-

     

     

    ياپ-يىشىل قانرىستان ......بوۋاق بولۇپ تورەلمىشىمدىكى ئۇيۇپ  قالغان قاندىن ئەنسىرەپ جەسىدىمنى يۇدۇپ كىتىۋاتقان ، قاننىڭ  قىنىنى ياسىغۇچى  بوۋامنىڭ چوچىكى ئىچىگە مۇكىنىپ تۇرۇپ  ئىشىكنى ئاچماقچى بولدۇم .بوشلۇق بىلەن يىقىنلىشىپ قالغان ئاۋاز سىزىمى ئولۇمۇمنى چاقىرۋاتقاندا كويىۋاتقان مۇزىكا ئىچىدە قاقاقلاپ كۇلىۋاتقان پەرىشتە جەسىدىنىڭ قىنىمنى مەززە بىلەن ئىچىۋاتقانلىغىنى كورىمەن .ئوت ئوچۇپ قالغان كۇنى قىنىمنىڭ سايىسىنى تەڭرى تىغىغا ئارتىپ قويغىنىڭدا پەرىشتىنىڭ قانغا ئايلىنىپ كەتكەن تىنى نۇرغا ئايلىنىپ ماڭا باستۇرۇپ كەلگەندە يەكشەنبىلىك  يامغۇر ئاخىرلىشىدۇ .بوۋام جەسىدىمنى تەكلىماكانغا دەپىن قىلىدۇ .

     

    يازلىق قونالغۇ قىنىمدىكى پەرىشتە ،

    مۇكىۋالدىم پەرىشتىنىڭ قىنىمدىكى چۇشىگە .

     

    ئەي !!!پەرىشتە  ...چۇشۇڭدىكى قاننىڭ مەرغۇلىدا مەن يوق .يۇلتۇز يىراق شەھەرگە كەتتى .

     

    ئاخىرلاشتى، سەبىر، يالغۇز ،جىمجىتلىق ،

    مەن قىنىمدىن ياسىمىدىم ھىچ نەرسە .

     

    ئەي !!ھازىرلىقلىرىم   ...ئۇيۇمگە قايتىپ كەلگەن كۇنى كىچىدە قانلىرىمنى توكىۋەتكەن پەرىشتە   بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىسەن ....يىلان سىنىڭ سۇرىتىڭدىكى ئەۋلىياغا ئايلىنىپ مىنى ئوقىماقچى بولغاندا ماڭا ئوت كىتىشى مومكىن .....چۇنكى مەن ئوتنى ۋە قاننى ساياھەت قىلغۇچى .

     

    ئاۋازىم ساقلانغان  كۇنلەرنىڭ بەختىگە كىرىپ كەلدىم ،نەرىكەس گۇلىنىڭ ياپراقلىرىدەك تىترەپ تۇرغان تىنىمگە مۇكۇنگەن ئانا ھەسرىتى مىنى قاندىن چاقىرۋاتقاندا دەرىزەمنىڭ ئەينەكلىرىنى چىقىپ تاشلاپ قەبرىستانلىققا كىتىمەن .قەلبىمدىكى قان ئىزىنى  قەبرەمدىن ئىزلە !!!

     

    يۇرىكىمدىكى بىر ئېسىمنىڭ ۋاقىتقا ئايلانغانلىغىنى سەزگىنىمدە ئەينەك سۇنۇقلىرىدىن شىھىتلىك قىنىنىڭ قەبرىستانلىققا قاراپ ئىقىۋاتقانلىغىنى كورۇپ ئولۇمنىڭ چۇش ئەمەسلىكىنى بايقايمەن . مۇزىكىنىڭ قانىغان جىسمىدىكى قاغجىراش بىلەن تەكلىماكانغا كەتتىم .جەسىدىم كۇمۇلگەن تۇپراققا قاراپ يىنىۋاتقان بىر ئوت ئۇچقۇننىڭ قانغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى  سەزدىم .ئەي !!!بارلىق -نۇرغا ئايلانغان پەرىشتىنىڭ  قەبرىسى قايەردە !!!

     

    ئولۇمدىكى قىيان تەكلىماكان دەشتىگە يىيىلىپ تۇرغان كۇنى شەيتاننى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ تۇرغان پەرىشتىنىڭ  ئاۋاق جەسىدىگە ئەينەك سۇنۇقلىرىنى ئاتايمۇ؟! .......ئۇنىڭغا قاراپ مەيۇسقىنا كۇلۇپ قويغان قىنىمدىكى يۇلتۇز بۇگۇن كىچە قۇملۇق دەشتىگە ئىقىپ چۇشىدۇ .ئەي !!!پەرىشتىدىكى  قان ئولۇم بىلەن سىنى يادلايمەن .

     

    قاندىكى تىرىلىش ئىستىكىدە قاندىكى كارۋانغا ئايلانغان كىچىدىكى قوڭغىراق  چالغۇچى مىنىڭ ئويغاقلىقىمغا ياش توكۇپ پەرىشتىنى  چاقىرىش ئۇچۇن ئورمانلىققا سەپەرقىلغان كۇنى تۇتۇنگە ئايلانغان پەرىشتىنىڭ  روھى ئويۇمگە كىلىدۇ .ئەي !!!قاندىكى ھەسرەت .نەپسىڭدىكى گۇناھ بىلەن  بۇ ئويۇمدىن كەتكىن !!

     

    ئەي !!!ھازىرلىقلىرىم  .....سەن سوراق قىلىنغۇچى تۇرۇپ تەكلىماكانغا كەلمە .قۇم دوۋىلىرىدە ئىقىپ تۇرغان قان  دولقۇنلىرى  يوقلۇق ئەمەس .ئۇ مىنى ئوقۇغۇچى .مەن قاندا ئوقۇلغان كۇنى ئۇمىد بىلەن تەنتەنە قىلىنغان يىلان جەسىدىنى قۇچاغلاپ قايتىپ كەلگەن  ئايالنىڭ ئەينەك يۇزىدىكى ھەسرىتىنى تاماششا قىلىۋاتقىنىمدا قاننىڭ يىلاننى ئوچ كورىدىغانلىغىغا  ئىشەندىم .چۇنكى مەن –قان .

     

    قان ئەينەكتىكى جۇيلىۋاتقان  قۇشقا ئايلىنىپ روھىمغا مۇكىنىپ كىرگەندە مەنمۇ سوراق قىلىنغۇچىغا ئايلىنىمەن .-ئەي !!سىھىردىكى ئويۇنچۇق .دەپ سورايسەن مەندىن .مەن ياشىماقچى دەپ جاۋاپ بىرىمەن .ئولۇمگە قۇنۇش ئۇچۇن سەپەرگە چىققان  قۇش ئويۇمدە ئولۇپ قالىدۇ .

     

    پەرىشتىنىڭ ئولىمىنى سىغىنىپ ياشاۋاتقىنىمدا شەيتاننىڭ مەندە بويسۇندۇرلىشى ئاخىرلاشقان بولۇدۇ .قاندا قاناپ تۇرىمەن .قاندا كۇلۇپ تۇرىمەن .قاندا ياشايمەن

    سەبرىلەر..!! قوڭغىراق مىنى چالغۇچى ،

    مومكىنمۇ بۇگۇن كەچ قۇشنى ئولتۇرۇش .

    ئازاپنى تەنتەنە قىلدىم قىنىمدا ،

    قىنىمدا ياشايمەن ،ئولدۇم سۇئالدا ،

    مەن قۇملۇقتا قۇربان بولغۇچى .

     

    يىلانغا بەنىتتۇر پەرىشتە جىنى ،

    ھەۋەسنىڭ چىچىكى قەدىمكى ھەسرەت .

    مەنىسىز قىنىمدا كۇلۇپ ياشايمەن ،

    شۇ ئولۇم مەن ئۇچۇن بەخىتلىك قىسمەت .

     

    پەرىشتە   قىنىڭنى ئىزلىمە قۇمدىن ،

    ئەي !!قۇملۇق يۇرۇكۇم بەنىتتۇر  ساڭا ،

    بىر پارچە سەھەرگە مۇكۇۋالغۇم بار ،

    ئىزلەيدۇ قۇملۇقتىن  مىنى بورانلار .

     

    قىنىمغا ياندىشار قىسمەتتە ئولۇم ،

    قىنىمدا ئۇخلايمەن قۇملۇقتا يەنە .

    شۇ يىشىل قىنىمدا پەرىشتە ئىزلەپ ،

    ئولۇمدىن ئىزلىدىم سىنى ئەي !كۇلكە .

     

    كۇلكىلەر شاراپتا   دات باسقان قىلىچ ،

    ئەسلىمەمدە يەنە ،يەنە قان .

    قان ئىچىدە ئولۇپ كىتىمەن ،

    قانلىرىمدا جان تالىشار جان .

     

     

    -17-

     

    ھازىرلىقلىرىم ...قۇملۇققا كەلدىم .چۇشلىرىمگە كۇمۇلگەن تىنىم ئۇچۇن   يۇكۇنۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بوۋامنىڭ جەسىدى شەھەرگە باستۇرۇپ كەلگەن  قان توپانىدا شائېر  موماينىڭ كەپىسىگە كەتتى .زىمىندىكى سەيشەنبە كۇنى ئۇچۇن قانغا قىچىپ كىتىش قارارغا كەلدىم .ئويۇمنىڭ دەرىزە ئەينەكلىرى چىقىلدى .تەكلىماكانغا باستۇرۇپ كىلىپ بىر ئېسىمنى  ئاستاغىنە چەكتىم .-قان ئويدە بارمۇ ؟

     

    ھازىرلىقلىرىم ...زىمىن تىنىمدىكى توپاننىڭ سۇكۇتلىرىدە تىتىرەپ تۇرۇپ مىنى ئوقۇۋاتقاندا ئوچۇق رەڭ پەيتىدىكى قان پەسلىگە كىرىپ كەتتىم .پەرىشتەم جەسىدىنىڭ ساراڭ بولغانلىغىنى بايقىغاندا يەنە قايتىپ كىلىمەن .مىنىڭ قالدۇقلىرىمغا ئىيتىپ قوي !!ئىستىقامەتچىلەرنىڭ تەقدىرسىز كۇلكىرىدە ياشاۋاتقان روھىمنىڭ رەئىمسىزلىكى ئاشۇ ھەرىپ بىلەن مۇنداق جۇيلۇيدۇ –مەن پەرىشتىنى ئولتۇرۋەتتىم .ئىزنالىرىم ئوچتى .كىملەركى  مۇشۇ ئىزلارنى ئىزلاپ سەپەرگە چىققاندا مەن يەنە كىلىمەن ....مەن يەنە كىلىمەن –قان پەسلىمدىكى كۇلكىلىرىم بىلەن !!!!

     

     

    (تۇگىدى )

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.