ئاشىق كۆڭۈل-كۈيلەر گۈلشىنى

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-20 22:51:28

ئاشىق كۆڭۈل-كۈيلەر گۈلشىنىئابدۇللا تۇردىسەن...سەن قۇياش ئەمەس سەن، لېكىن قۇياشتەك، قەلب ئالىمىمگە زىيا چاچىسەن. سەن كۆز ياش ئەمەس سەن، لېكىن كۆز ياشتەك، كۆڭۈل چىمەنىمگە دەھشەت سالىسەن. ئەمەس سەن ...

     

    ئاشىق كۆڭۈل-كۈيلەر گۈلشىنى

    ئابدۇللا تۇردى


    سەن...


    سەن قۇياش ئەمەس سەن، لېكىن قۇياشتەك،

    قەلب ئالىمىمگە زىيا چاچىسەن.

    سەن كۆز ياش ئەمەس سەن، لېكىن كۆز ياشتەك،

    كۆڭۈل چىمەنىمگە دەھشەت سالىسەن.

    ئەمەس سەن گۈلشەندە ئېچىلغان رەيھان،

    لېكىن بۇلبۇل بولۇپ كۈيلەر قاتىمەن.

    ئەمەس سەن يۈرەكتىن ياڭرىغان داستان،

    لېكىن شۇ كۈي ئۈچۈن كۈن-تۈن يانىمەن.

    ئەمەس سەن پارلىغان كۆكتە يۇلتۇز-ئاي،

    مەن لېكىن ئۇيقۇسىز كۆككە باقىمەن.

    ئەمەس سەن كىرسە-يۇ، چىقالماس ساراي،

    چىقالماي ئازىمەن، يەنە ئازىمەن.

    مەي شاراب ئەمەس سەن، ئەمەس مەي-شاراب،

    بىر قەترە كۈلكەڭدىن مەست بوپ قالىمەن.

    دەرت-ئازاب ئەمەس سەن، ئەمەس دەرد-ئازاب،

    دەردلەر دەرياسىدا يەنە ئاقىمەن...

     



     

    ئىشەنگىن، تاڭلارنى ئېتىسەن باخاش



     

    نېچۈن مۇڭلىنىسەن كەچقۇرۇن، قىزچاق،

    شادلىق چىمەنىڭگە ياغدىمۇ مۆلدۈر؟

    سۈرتۈپ ياشلىرىڭنى ئادەملەرگە باق،

    جاھان ئۇزۇن جاھان، «ئاتقان ئوق-ئۆمۈر».

    كۆڭۈل چەكلىرىڭگە قىلالماي ئامال،

    كەچكى قۇياش بىلەن پاتماقچىمۇ سەن؟

    دەرتلىك يۈرىكىڭدىن تامدۇرۇپ قەترە،

    خازانلارغا ھەمراھ بولماقچىمۇ سەن؟

    تەشنا شاماللارغا ئېيتقاندەك نەپرەت،

    كەچكۈزدە بەرگىدىن ئۈزۈلگەن ياپراق.

    پاتقان قۇياشقىمۇ ئۆچلۈك قىلامسەن،

    كۆڭۈل ئېيتمىدى، دەپ، ۋاپاسىز ھەممە،

    جانسىز جەسەت كەبى قېتىپتۇ ھەرياق!؟...

    ئالدانغان چېچەكتەك ئۆكسۈمە، قىزچاق،

    يېشىڭنى سۈرتەلمەس كەچقۇرۇن قۇياش.

    ئۈمىد دۇلدۇلىغا مىنسەڭ بىر كېچە،

    ئىشەنگىن، تاڭلارنى ئېتىسەن باخاش!

     



     

    شېئىر ۋە شائىر


     

    شېئىر بوستانىنىڭ رەنا گۈلى سەن،

    شەيدا دىلنى گۈزەل ھېسقا ئورايسەن.

    سېنىڭ-رەنا گۈلنىڭ مەستانىسى مەن،

    خۇش بۇي ھىدلىرىڭنى قانماي پۇرايمەن.

    شېئىر قەسرىنىڭ شوخ مەلىكىسى سەن،

    كۆڭۈل ئالىمىمگە شاھ بوپ سورايسەن.

    ئاشىق-سەۋدايىلىق شاھزادىسى مەن،

    پەقەت ئىلتىپاتىڭ بىرلە ياشايمەن.

    شاھ شېئىر-سەن، شاھ شائىرمۇ-سەن...

    1995-يىل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.