مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 00:00:00

مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن( مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىرى)بالىجانلىق بولۇپ قاپتىمەن،ئانىجانلىق بولۇپ قاپتىمەن.جېنىم ئانام كۆز يۇمغان كۈنى،قەبرىستاندا قۇنۇپ قاپتىمەن.ئانا بولماي بالىلار نەدە؟شۇڭ...

     

     



    مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن
    ( مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىرى)
     
     
    بالىجانلىق بولۇپ قاپتىمەن،
    ئانىجانلىق بولۇپ قاپتىمەن.
    جېنىم ئانام كۆز يۇمغان كۈنى،
    قەبرىستاندا قۇنۇپ قاپتىمەن.

    ئانا بولماي بالىلار نەدە؟
    شۇڭا،پەرياد ئۇرۇپ قاپتىمەن.
    ئەگىز سۈيى ئاققان گوداڭدەك،
    ھەسرەتلەرگە تولۇپ قاپتىمەن.

    كىملەرگىدۇر ئانام چېغى دەپ،
    قوللىرىمنى سۇنۇپ ساپتىمەن.
    يىغلىۋەتتىم ئەمەس ئىكەن دەپ،
    چۈنكى،خاتا تۇنۇپ قاپتىمەن.

    غازاڭ تۆككەن دەرەخ تۈۋىدە،
    ساراڭلاردەك تۇرۇپ قاپتىمەن.
    سىزمۇ شۇنداق بولغانمۇ دوستۇم؟
    مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن.

    1992-يىل،سېنتەبىر

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.