سىر ھەققىدە غەزەل(مۇھەممەتجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-07 18:16:00

سىر ھەققىدە غەزەلمۇھەممەتجان راشىدىن سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،ئەمدى بىلدىم ؛يا...

    سىر ھەققىدە غەزەل
    مۇھەممەتجان راشىدىن 


    سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
    رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
    شۇ ئەيىبتىن  يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
    ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .
    ئۈلپىتىڭ نائەھلى كەلسە،ئۆلگىنىڭ شۇدۇر تىرىك،
    لازىمى ھەر دوستقا ئەقىلىڭ كۆزىدە باخماق ئېرۇر.
    بەدنىيەت ئۈلپەتلىرىڭدىن سەن ئۈچۈن كەلمىش "ۋاپا"،
    ئاقىۋەت بىر كۈن كېلىپ باشىڭغا ئوت ياخماق ئىرۇر .
    نەپسى دوست تائىپلىرىڭ ھەقدا تائامىڭغا سېنىڭ،
    گەر بېشىڭغا چۈشسە كۈن،سەندىن بەتتەر قاچماق ئېرۇر.
    بىر بوۋاي ئۆمرى ئۈچۈن ئۇشبۇ جاھانمۇ ئاز ئەمەس ،
    ئەمما ئىنسان ئۆمرى  گويا كۆكتىكى چاخماق ئېرۇر.
    شۇندىمۇ قانداق ياشاشنىڭ ئىزدىسەڭ  ئۆز يولى بار،
    ئۆلچىمى ئۆلمەس ئۆمىرنىڭ ياخشى نام تاپماق ئېرۇر .
    ياخشى نام ۋە ياخشى دوست جۈپ كەلگىنى دۆلەت ساڭا،
    ياخشى دوست كۈلكەڭگە خوش ،دەرت كەلسە تەڭ تارتماق ئېرۇر .
    ياخشى دوست ياقۇت ئېرۇر ،دوزاىتىمۇ ھەمراھ ساڭا ،
    سەن ئاقار دەريادا سەنچۈن ئۇ ئۆزى ئاقماق ئېرۇر.
    بايقىماي باسقان ئاياق ھەم پەملىمەي بەرگەن سىرىم ،
    گۆر كولاپ مەنچۈن بۈگۈن دەھشەت ئىشىك ئاچماق ئېرۇر.
    1968-يىل غۇلجا

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 16:23:00]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.