زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: پەرىشتەمگە دەيدىغانلىرىم

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-24 21:29:48

پەرىشتەمگە ئېيتماقچى بولغانلىرىم...زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىسۈكۈتتىن ئۆزگە ھېچ تاللىشىممۇ يوقبىلسەڭلەر پۈتۈكچى ئىككى پەرىشتەم...بۇ دەرتلىك يۈرەككە، يۈرەككە دەرتلىكبەلكىم بىر ئۆلۈملا بولغۇس...

    پەرىشتەمگە ئېيتماقچى بولغانلىرىم...
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     


    سۈكۈتتىن ئۆزگە ھېچ تاللىشىممۇ يوق
    بىلسەڭلەر پۈتۈكچى ئىككى پەرىشتەم...
    بۇ دەرتلىك يۈرەككە، يۈرەككە دەرتلىك
    بەلكىم بىر ئۆلۈملا بولغۇسى مەلھەم...


    ئويلىدىم: ساقلاشنىڭ ئۆزى بىر قېچىش
    بولسا، بۇ قاچقۇن دەپ قويۇڭلار پۈتۈپ.
    شۇ ئۇلۇغ مەقسەتنى دېمىسەم بۈگۈن
    نە قىلاي بۇنچە كۆپ ھەسرەتنى يۈتۈپ...


    چۆچەكتەك ھاياتتا ياشىدىم، بىراق
    كۆرمىدىم چىن تۆمۈر، مەختۇمسۇلانى..
    كۆرمىدىم ئىجابەت قىلىنىپ تىلەك،
    مەزلۇملار بېشىدىن يۈتكەن بالانى...


    تىرىشتىم ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە تۈگەل،
    بۇ رەزىل چۆچەكنى، دەردنى، قازانى...
    شۇ ئۇنتۇش ئىچىدە كەتسەم ئۇنتۇلۇپ،
    بىر چامدام قىسقارسا دەرتنىڭ پايانى...

     

    يېزىڭلار، پىنھان شۇ قەلبىمنى قوشۇپ
    كېچەي بۇ دۇنيانىڭ مېھرىدىن، دېگەن.
    چۈنكى، مەن دۇنيانى كۆردۈم قايتىدىن،
    كېچىشتىن بىخلانغان كۆزلىرىم بىلەن.


    كۆز ئاچقان كۈنۈمدىن بېرى دۇنياغا ،
    سىر بولۇپ تۇيۇلدۇم ئۆزۈمگە ئۆزۈم...
    مەشرەپتىن ئۇدۇم بوپ قالغاچمۇ ماڭا،
    ئاھ، دار! دەپ ئويغانغان مۇھەببەت، كۆيۈم...


    يېزىڭلار: كېپەن بوپ كېتەر ئارمىنى،
    ئاچاي دەپ، ئاخىرەت يۇرتىدا چېچەك...
    شۇملۇقلار يانپاشقا ئالدى ئاخىرى،
    كىم پاناھ بولۇر، ھەق ئۆزۈڭدىن بۆلەك...


    ئىنساندىن ھېچنىمە كۆتۈپ باقمىدىم،
    كۈتسەم ھەم مەنچىلىك چۈشەنمەس مېنى.
    ئاسماندىن زاكىر دەپ چۈشكەن ئېتىممۇ
    ئۈندەر ئاھ كۈتۈشكە ھەقتىن رىزقىنى...


    كۆز، قۇلاق، ئېغىزدا ئوينايدۇ ساما
    بەربادلىق، مەن ئەسلا كۈتۈپ باقمىغان.
    يېزىڭلار پەرىشتەم، يېزىڭلار قېنى،
    ئاھ، مەندەك كۈندىدۇر قايسى موسۇلمان؟


    مەن پەقەت ئۆلۈمنى تاللىغىنىم يوق،
    بەرىبىر ئۇ ھامان تاللايدۇ مېنى...
    شۇنداق بىر كۈن كەلسە، مەيلى چېپىلسام،
    سائادەت قوياشى سۆيسە ھەممىنى...

     

    2011-يىل 8- مارت
     
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.