بىلمەپتىمەن(سەيپىدىن ئەزىز)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 13:23:45

بىلمەپتىمەن سەيپىدىن ئەزىز ئىگىلىپ قىلسا سالام، مەككار ئىكەن بىلمەپتىمەن.قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز، ھەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.قەدىردانىم ئۈلپىتىم، سەن جان-جىگەر دوستۇم دېسە،يەڭ ئىچىرە خەنجىرى تەيي...

    بىلمەپتىمەن

    سەيپىدىن ئەزىز

    ئىگىلىپ قىلسا سالام، مەككار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
    قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز، ھەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
    قەدىردانىم ئۈلپىتىم، سەن جان-جىگەر دوستۇم دېسە،
    يەڭ ئىچىرە خەنجىرى تەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.

    گاھىدا بازغانمۇ ئۇردۇم، گاھىدا باستىم كۈيەك،
    ئوتتا تاۋلاپ كۆرمىگەچ، تۇشمۇ- تۆمۈر بىلمەپتىمەن.
    ئايلىنىپ تاغلار ئارا قازدىم باھاسىز تاشنى مەن
    ئۇستا زەگەر بولمىغاچ، ئالتۇن-مىس بىلمەپتىمەن.

    ئاخىرى تاپتىم بۈگۈن چىن ۋاپادار دوستىنى مەن،
    ئاغرىنىپ ئېيتقان سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمەپتىمەن.
    كۆزلىرىمگە ماي تولۇپ، ئەكسىچە كۆرگەن چاغلىرىم،
    ئېچىنىپ تىككەن كۆزىنىڭ زەردىسىنى بىلمەپتىمەن.


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سەيپىدىن ئەزىزى