قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-06 18:13:00

قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم (چىمەنگۈل ئاۋۇت) كىيىك كىندىكىدىن ئىپار ئالغاندەك،دەردىڭنى ئاۋايلاپ باغرىمغا ئالدىم. كۆزۈمنىڭ قارىسىدىن باشلاندى دەريا، يىگانە قىلىچسەن تۈنلەرنى ياردىم. چىدام...

    قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم

    (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

    كىيىك كىندىكىدىن ئىپار ئالغاندەك،
    دەردىڭنى ئاۋايلاپ باغرىمغا ئالدىم.
    كۆزۈمنىڭ قارىسىدىن باشلاندى دەريا،
    يىگانە قىلىچسەن تۈنلەرنى ياردىم.

    چىدامىڭ گەردىشىدە كۆيىدۇ بىر ئوت،
    ئوت ئىچرە مىڭ پارە بۇلىدۇ بىر جان.
    دۇئاغا قۇلۇمنى كۆتۈرسەم ئۆكسۈپ،
    تۈكۈلدى مىھرىمگە مىڭ يىللىق ھىجران.

    جۇدالىق تېمىغا ئۇرۇلغان بوران،
    ھەسرەت تۇپىسىنى تۇپراققا قوشتى.
    ئاسماندا لەيلەيدۇ ئاينىڭ يېرىمى،
    بۇلۇتلار سۇ بولدى پەيمانى توشتى

     كۈلپەتلەر ئىگىلمىگەن قەددىڭنى جىنىم،
    بىر قەبرە ئىگىدۇ بىلىمەن بۇنى.
    ئىشىق تاغلىرىڭ ھەقدارى ئۆزۈڭ،
    سېزىمەن قەدرىڭنى، سۆيىمەن سىنى.


    قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم
    بۇ يەردە بىر گۈل بار بىزگىلا تۇنۇش،
    يانمۇ يان تىز پۈكۈپ يۈكۈنگۈم كەلدى،
    مانا بۇ مۇھەببەت، مانا بۇ تۇرمۇش..

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل ئاۋۇت