قۇرئان.قۇرئان.قۇرئان

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-29 22:16:21

قۇرئان.قۇرئان.قۇرئانساداقەتجان ھاجىپۈتۈن ئالەمگە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەرمانىدۇر قۇرئان.ئىلىم ھىكمەت، ھەقىقەت ھەم ھىدايەت كانىدۇر قۇرئان.ئۇنىڭدا ياخشىلىق، دوستلۇق، ھالاللىق ئەيلىنەر تەرغىپ،ئېسىل...



     

    قۇرئان.قۇرئان.قۇرئان


    ساداقەتجان ھاجى


    پۈتۈن ئالەمگە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەرمانىدۇر قۇرئان.
    ئىلىم  ھىكمەت، ھەقىقەت ھەم ھىدايەت كانىدۇر قۇرئان.

    ئۇنىڭدا ياخشىلىق، دوستلۇق، ھالاللىق ئەيلىنەر تەرغىپ،
    ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ گۈزەل بوستانىدۇر قۇرئان.

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان بىلەن كۆرسەتتى ھەق يولنى.
    مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەڭگۈ زەپەر داستانىدۇر قۇرئان.

    ئوقۇ قۇرئاننى ئەي ئاشىق! ۋىسالغا ئىنتىزار بولساڭ،
    مۇھەببەت ئەھلىنىڭ ھەم جانى، ھەم جانانىدۇر قۇرئان.

    چۈشەن ئىشقى بىدار قۇرئاندىكى ھىكمەت، ھەقىقەتنى،
    ئەگەر ئادەم بولاي دىسەڭ، ئۇنىڭ مىزانىدۇر قۇرئان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1996-يىل 5-ئاي. قەشقەر)
    http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34642857.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.