ناسىر بەگنىڭ نەۋرىسى

يوللىغۇچى : jallat7 يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-01 10:31:01

دوستۇم زاھىر بورھانغا قەسىدە

     
    ناسىر بەگنىڭ نەۋرىسى
     
    (دوستۇم زاھىر بۇرھانغا بىغىشلايمەن )
     
    زەڭگەر ئاسمان شۇڭقارلىرىغا  يول بار ،
    ساھىلدا نەر ئىيتىدۇ ناخشا .
    ئويلار كىم بەرىقتە خاندان ئۇرۇشنى ،؟
    قاغىلار قاقىلدار قەبرىستانلىقتا.
     
    بىگانە سوز ئۇچۇن جىنىڭ تەسسەددۇق ،
    چوللەرگە  شىكارگاھ ئارمانلىرىسەن  .
    ئويلار كىم بەرىقتە خاندان ئۇرۇشنى ،؟
    قاراڭغۇ كېچىگە زاھىركار  نۇرسەن  ،
     
    نەزمەڭدە ئەتىكى قۇياشنى پۇتۇپ .
    بىر ماھى ئەنقادەك كەتتىڭ مەرغۇلغا .
    شاراپ ناب ئۇنتۇلغان روھلارغا كوچتى ،
    پىرجەڭگى خىجالەت دوقمۇشلىرىدا .
     
    بىسمىل ئەتمىشتە غەيرىدىن ۋىسال ،
    شىپادا كۆچتىلەر  ئاسماننىڭ رەڭگى.
    مەرغۇلدا مۇڭلانغان ئازاپقا ئاتاپ ،
    قەغەزگە ئوۋەتتىڭ بىرلا ئادەمنى ،
     
    رازىسەن جىنىڭنى قۇربان قىلىشقا ،
    نىھايەت ياشايسەن سەنئەت ئىشقىدا .
    ئىشىكلەر ئالدىغا بولدىڭسەن زامان،
    قۇياش نۇرىدا زاھىرسەن نۇرغا ،
     
     
    زاھىر قىلدىڭ ئاسمانلىرىڭغا ،
    قوۋۇرغاڭ ئۇستىدە چىلىپ سازىڭنى .
    خەلىقنىڭ  جىھرىگە لەززەتلەر قۇندى ،
    چاقىرغىن مەرغۇلغا سەھەرلىرىڭنى .
     
    2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۇنى (يەكەن
    )
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زاھىر بورھان