مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-07 11:18:12

مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغاپاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم-مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا...بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا تاغاق...

     

    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا

     

     پاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .
    ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .
    ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم- 
    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا...

    بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا   تاغاقنى ،
    ئوقالمىغاچ  ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ،
    ئايرىيالماي پىياز بىلەن سامساقنى ،
    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .


    تۇغۇلغان كۈن، بالام "خەپپى تۇيۇ" دەپ ،
    لەغمەن يېمەي قەغەز كېيىپ  شام پۈۋلەپ ،
    دادام قايناپ  كەتسە ئۇنى بەز-بەزلەپ ،
    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

    دۇئا قىلساق دۇئا قىلماي ،بەزىدە
    -بۇرۇنىنى تاشلاپ قويسا  قەغەزگە ،
    دادام قاقشاپ ئۇرۇپ كەتكەچ ئۈستەلگە ،
    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

    دادام يىغلاپ  نەۋرىسىنىڭ ئەپتىگە ،
    دۇئا قىلسا ئانا تىلنىڭ بەختىگە ،
    يېتەلمىگەچ بالام گەپنىڭ تەكتىگە ،
    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

    دادام تىت تىت بولۇپ كەتسە بەزىبىر ،
    بالام ئۈچۈن بۇ تەنبىھلەر  بەرىبىر ،
    دەپ قويىدۇ:  بوۋام  جىنتىيەن بۇدۈيجىر ،
    مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

    دادام دېدى كۆنگەن يامان كۆيگەندىن ،
    مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن ،
    يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن ،
    دادام تەنبىھ قىلدى ماڭا ،بالامغا!

    -خەت يازمايلا،  رەسىم چاپلا قەبرەمگە ،
    ئانا تىلنى ئۆگەتمىسەڭ نەۋرەمگە  ،
    ئىزنا بولسۇن "رەسىملىك تاش"ئەۋرەمگە ،
    يىغلاپ كەتتى دادام قاراپ بالامغا ....

    ئوغلۇم دېدى ،دادام توختاپ پاراڭدىن ،
    قورقۇپ قالدىم بۇ ئەپتىدە  بالاڭدىن ،
    قىيامەتتە سوراق   باردۇر   پاداڭدىن ،
    تارىخنى پۈتۈن ئۆگەت  بالاڭغا !

    تۇغ ئاستىغا بىزنى يىغقان  ئوغوزخان،
    پانتېكىن ھەم كۆلتېكىن ،بىلگە قاغان  .
    نىجاتلىققا باشلاپ ساتۇق  بۇغراخان ،
    ھاياجاندا سۆزلەپ كەتتى بالامغا !

    بىز ئۇيغۇرمىز!ئۇيغۇر تىلنى سۆيەيلى ،
    تاشلىمايلى ،ئىشلىتەيلى ،كۆيەيلى ،
    جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى ،
    خىيانەتلەر  ئېغىر كەپتۇ دادامغا .

    كۆپ تىل بىلىش ئېلىپ كېلۇر كامالەت ،
    ئانا تىلنى بۇزۇش ،ئۇنتۇش جىنايەت ،
    بىز قىلمايلى ئانا تىلغا ھاقارەت ،
    چۈشەندۈردۈم بۇ گەپلەرنى  بالامغا .

    ئۆگىتىمەن ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ،
    قوشۇش- ئېلىش، كۆپەيتىشنى، كەسىرنى ،
    ياد ئالغۇسى "يەر-ئانام  "دەپ نەسىرنى ،
    ۋەدە بەردىم ،يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا .

    جىق ئويلاندىم ،بارچە  گۇناھ  ئۆزۈمدە ،
    نۇر چاقنىدى ئۇيغۇر دېسەم كۆزۈمدە  ،
    بۇرادىرىم چىن پۈتسەڭلا  سۆزۈمگە ،
    ئانا تىلنى چوقۇم ئۆگەت بالاڭغا !


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.