يوق «قارىم»

يوللىغۇچى : talmas0903 يوللىغان ۋاقىت : 2013-08-31 14:48:03

تالماس تور بىتى»مۇنبەر › مۇنمىنلەر ئارامەاھى › ئىسلامى شىئىرلار › يوق «قارىم»

    مۇسۇلمان دەپ ئېتىڭ بار ، ئىبادەتتە ئىزىڭ يوق ،
    مۇنكەر ئىشنى تۈزەشكە ، بىرەر مەرتە سۆزۈڭ يوق .

    ئوتتۇز يىللاپ ئوقۇتساڭ ، لىكىن ئوغۇل - قىزىڭنى ،
    ئۆز رەببىنى بىلدىمۇ ، بىلمىدىمۇ ئىشىڭ يوق .


    نەچچە بالاڭ زىيالى ، ئىمان نىمە ئۇقمايدۇ ،
    ئىنساپ قىلىپ بىرەرمۇ ، ھىجابلانغان قىزىڭ يوق .


    دائىم ئىشىڭ ئالدىراش ، سوكۇلداپلا يۈرۈيسەن ،
    مۆجىزە كۆپ يېنىڭدا ، قارايدىغان كۆزۈڭ يوق .


    ئاللاھ بىزگە بۇيرىسا ، كۈندە بەش ۋاخ نامازنى ،
    لىكىن سىنىڭ سەجدىگە ، كۆنۈپ قالغان تىزىڭ يوق .


    ئائىلەڭدىن بىر كىشى ، ھەقنى تونۇپ قالسىلا ،
    ۋاز كىچىسەن ئۇنىڭدىن ، سىنىڭ ئۇنداق ئىنىڭ يوق .


    ھەممە ئىشتا ئېپىڭ بار ، پەخىرلىنىپ يۈرۈيسەن ،
    قۇرئان بىلەن قازاندا ، قاينايدىغان قېنىڭ يوق .


    بۇ دۇنيادا تاپساڭمۇ قانچە شۆھرەت مەرتىبە ،
    شۇنداق ئۆلسەڭ رەببىڭگە ، قارايدىغان يۈزۈڭ يوق .


    مەنبە: ساخاۋەتچىلەر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.