كۆزلىرىم

يوللىغۇچى : rexadbay يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-12 19:10:30

تۇغۇلغانتىڭ يىغىدا كۆزلىرىم،ئېچىلغانتىڭ ھەۋەستە كۆزلىرىم.چۈشەنمەيتىڭ دۇنيانى كۆزلىرىم،ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.قادالغانتىڭ دوسكىغا كۆزلىرىم،يۈگىرەيتىڭ كىتابلاردا كۆزلىرىم.تەشنا ئىدىڭ بىلى...

    تۇغۇلغانتىڭ يىغىدا كۆزلىرىم،
    ئېچىلغانتىڭ ھەۋەستە كۆزلىرىم.
    چۈشەنمەيتىڭ دۇنيانى كۆزلىرىم،
    ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.
     
    قادالغانتىڭ دوسكىغا كۆزلىرىم،
    يۈگىرەيتىڭ كىتابلاردا كۆزلىرىم.
    تەشنا ئىدىڭ بىلىملەرگە كۆزلىرىم،
    ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.
     
    ئەسلەيتىڭ قېرىنداشلارنى كۆزلىرىم،
    سېغىناتتىڭ يۇرتۇڭنى كۆزلىرىم.
    ئۇچاتتىڭ يايلاقلاردا كۆزلىرىم،
    ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.
     
    چۆكەتتىڭ خىياللارغا كۆزلىرىم،
    ئويلايتىڭ دوستلارنى كۆزلىرىم.
    كۆيگەنتىڭ كىملەرگە كۆزلىرىم،
    ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.
     
    سۆيۈنەتتىڭ نىگارىڭدىن كۆزلىرىم،
    كۆيۈنەتتىڭ نىگارىڭغا كۆزلىرىم.
    چۈشەنمەيتىڭ نىگارىڭنى كۆزلىرىم،
    ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.
     
    چىمىرلايتىڭ جەمئىيەتتە كۆزلىرىم،
    تىڭىرقايتىڭ سۇئاللاردا كۆزلىرىم.
    تاپالمايتىڭ جاۋابلارنى كۆزلىرىم،
    ۋە پەقەت كۆرەلمەيتىڭ ۋاقىتنى كۆزلىرىم.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.