ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 09:58:27

ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكىئادىل تۇنىيازقىش كەپتۇ مەن كېلىشتىن بۇرۇنيول بويىغا ئاپئاق، ئۇشتۇمتۇت،ئاق تېرەكلەر قاچالمايۋاتقاندەۋەتقاندەك ئۈششۈك «دەرھال تۇت...»مەن كېلىشتىن بۇرۇن سېمونىت،م...

    ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى
    ئادىل تۇنىياز


    قىش كەپتۇ مەن كېلىشتىن بۇرۇن
    يول بويىغا ئاپئاق، ئۇشتۇمتۇت،
    ئاق تېرەكلەر قاچالمايۋاتقان
    دەۋەتقاندەك ئۈششۈك «دەرھال تۇت...»


    مەن كېلىشتىن بۇرۇن سېمونىت،
    مەن كەلگەندە چىقتىم مەرمەردىن،
    غەم كەلگەندىن كېيىنكى تاش مەن،
    كۆتۈرۈلمەس قانىتىم يەردىن.
     

    چۆچەكلەردەك بۇ ئىشىك بىلەن
    بارغىلى بۇلار جىمى شەھەرگە
    ئولتۇرۇپ بىر ئۇچار گىلەمگە
    شاڭخەي، توكيو يا ئەنقەرەگە؛
    كېسىپ ئۆتۈپ-يېرىم كېچىنى
    ھالال ئاي چىققان يېرىم قەشقەرگە.
     

    زالدىكى گىلەمدىن ئۈزدۈم بىر تال گۈل،
    بىر تال گۈلدەك ئۈزۈلمەس گۇمان.
    كۆكرەك قەپسىمدە قۇچقاچتۇر كۆڭۈل،
    دېرىزىدىكى گۈلمىدۇ، تۇمان؟
     

    ئايرىدۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى
    بىر يولوچىنى تونۇمىدى،
    مەڭگۈلۈك سەپەرگە چىققان چېغى.
    دىماقلىرىدا ئەتىر ھىدى،
    يېنىمدىكى قىز ئۆلگەن ئىدى،
    جىسىمنىڭ يالىڭاچ ھەر بىر قىسمىدا.
     

    بىر ئۆلۈك ئورۇندۇقتا مىدىرلىدى
    نۇرغۇن يىللار كېيىنكى ئۆلۈك.
    كۆنۈك مەن كۈندە بۇنداق ئۆلۈشكە
    مۇشۇنداق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشكە...
     

    ئاسان ئەمەس ئاسمانغا چىقىش
    يۈزۈڭگە يېزىلمىغان بېلەت بىلەن،
    تام ئۇچۇق تىلدا بايان قىلغان ئىش ـــ
    ئاسماندىن ئايرىلىپ تۇرىسەن بىردەم.
     

    يېقىنلايمىز يېقىن نەرسىگە
    بىز سەپەرگە چىقساق ھەر قېتىم،
     

    ئورۇن بوشىتار بەدىنىم كىمگە؟
    مەڭگۈلۈك يولۇچى مېنىڭ ئېتىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.