ئۆمۈر ئاتقان ئوق

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-14 15:49:56

ئۆمۈر ئۇ بەرىكەتسىز تۈگەپ كېتىدۇ، ئەجەل ئۇنى بىر كۈنى تارمار ئېتىدۇ،

    ئۆمۈر ئاتقان ئوق
     
    بىلال ئەزىزى
     
     
    بىلىم چەكسىز ئوكياندۇر، مەنبىئى تولۇق،
    بىر ئازغىنا بىلىم ئېلىپ بولما كۆڭۈل توق!
    ساۋاتسىزلىق مۇدھىش دۈشمەن، ئاڭا چۇماق سوق!
    جاھالەتتە ئۆتۈشىڭدىن ئېچىن، غايەت قورق،
    تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
    قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق».
     
    ئۆمۈر ئۇ بەرىكەتسىز تۈگەپ كېتىدۇ،
    ئەجەل ئۇنى بىر كۈنى تارمار ئېتىدۇ، 
    ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىنى زار قاخشىتىدۇ، 
    كەتسە كەلمەس مەنزىلگە بېرىپ يېتىدۇ،
    تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
    قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق».
     
    دوستۇم دىققەت! «ئىجادكارلار ئەسلا ئۆلمەيدۇ»،
    ئىجادكارنىڭ شانى يۈكسەك، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ، 
    ئىجاد دېمەك، ئاجايىپ گۈل، زادى سۇلمايدۇ، 
    ئىجاد قىلماي قىممەت ساقلاش مۇمكىن بولمايدۇ،
    تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
    قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق».
     
    توغرى ئىجاد قىممىتىڭنى مەڭگۈ ساقلايدۇ،
    توغرى ئىجاد تارىخىڭنى سۈتتەك ئاقلايدۇ،
    توغرى ئىجاد ئىگىسىنى ئامما ياقلايدۇ،
    توغرا ئىجاد ئۆسۈملۈكتۇر، ئۆسۈپ شاخلايدۇ،
    تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
    قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق».
     
    ھاياتىڭدا تىرىش، ئىشلە ئىجادىڭ قالسۇن!
    ئىجادىڭدىن پۈتۈن ئامما مەنپەئەت ئالسۇن!
    دۈشمەن دىلى ئۆرتەلسۇن، تالجىقسۇن، تالسۇن!
    ئىجادلىرىڭ تارىخىڭغا نۇرلۇق ئىز سالسۇن!
    تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
    قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق».
     
    بىلال ئەزىزى شىئېرلار توپلىمىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەزىزى