ۋەتەن ناخشىسى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-15 19:39:48

تۇپرىقىڭ تۇتىيا، سۇلىرىڭ كەۋسەر، ۋۇجۇدۇڭ خۇرۇجى ھەممىسى گۆھەر. تاغلىرىڭ مىسالى جەڭگىۋار نەۋكەر، ئەزىزىم ۋەتىنىم سۆيىمەن سېنى!

     
    ۋەتەن ناخشىسى
     
    مەيمۇنە
     
    تۇپرىقىڭ تۇتىيا، سۇلىرىڭ كەۋسەر،
    ۋۇجۇدۇڭ خۇرۇجى ھەممىسى گۆھەر.
    تاغلىرىڭ مىسالى جەڭگىۋار نەۋكەر،
    ئەزىزىم ۋەتىنىم سۆيىمەن سېنى!
     
    باغرىڭدا ئۇيقىدا تۈمەنمىڭ جەسۇر،
    ئالىدۇ ناخشاڭدىن ھەر كۈنى ھوزۇر.
    دۈشمەنلەر سېنىڭدىن تاپسىمۇ قۇسۇر،
    ئەزىزىم ۋەتىنىم سۆيىمەن سېنى!
     
    ۋىجدانىم ھەر كۈنى سورايدۇ سوئال،
    سېغىنىش قەلبىمدە كۆتۈرەر ئېسيان.
    غورورۇم دېڭىزى سالىدۇ چوقان،
    ئەزىزىم ۋەتىنىم سۆيىمەن سېنى!
     
    بىر زۇلمەت چۈشۈمدە كۈندە قورقۇنۇش ،
    ھالىمنى ئويلىسام بولىمەن بىھوش.
    ھۇۋلىسا تۈنۈمدە چىلبۆرە، ھۇۋقۇش،
    شۇندىمۇ ۋەتىنىم سۆيىمەن سېنى!
     
    بار ۋەدەم ئاتىدىم ئۆزۈمنى ساڭا،
    توۋلىدى قوشۇلۇپ پەرزەنتىم ماڭا.
    قېتىلار ناخشامغا ئەۋلادلار يانا،
    جەننىتم ۋەتىنىم سۆيىمەن سېنى!!!
     
    2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى.
     
    مەنبە: كەڭ ساي مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋەتەن تۇپراق ناخشا