يىغىۋېلىش

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 11:51:01

يىغىۋېلىشئاپتوردىن: مەن تەقدىر، ئازاب، ئارمان.. ھەققىدە شېئىر يېزىپ يۈرگەن بىر ئايال. مەنچە بولغاندا، ھاياتنىڭ ئۆزى بىر پارچە شېئىر. مەن مۇشۇ شېئىرنىڭ مىسرالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگۈچى. ...



     يىغىۋېلىش

    ئاپتوردىن: مەن تەقدىر، ئازاب، ئارمان.. ھەققىدە شېئىر يېزىپ يۈرگەن بىر ئايال. مەنچە بولغاندا، ھاياتنىڭ ئۆزى بىر پارچە شېئىر. مەن مۇشۇ شېئىرنىڭ مىسرالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگۈچى. مەن مۇشۇ شېئىردىكى ئەڭ تاتلىق بىر مىسرا بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىمەن... مەن پەقەت تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپ، كۈلۈپ ياكى ئازابقا پېتىپ ياشىغۇچى...

    ياق! ئالقىنىڭنى ئاچما

    ئاچ يۈرىگىڭنى

    يېشىم تامسۇن يۈرىگىڭنىڭ بېغىشىغا...

    كۆزلىرىمگە قارىما

    ياشلىرىم يېتىرقايدۇ

    ئەركىن قوي ئۇنى، خاتىرجەم تۆكىلىۋەرسۇن

    چاچلىرىمنى سىلىما

    ئۇندا كەچ كۈزنىڭ رېڭى بار

    ئۆچۈپ كەتمىسۇن....

    ساقلاپ قالغۇم بار كەچكۈزدىكى ئازابنى

    گۈزەللىگىم.... ئۇ

    كەچكۈزدەك پىشىپ سارغايدى

    ئەمدى تۆكۈلىدۇ

    ئالقانلىرىڭنى يايما........

    ئۇ تۆكۈلسۇن زېمىنغا

    باغرىڭنى ئاچما!

    ئىللىمىسۇن باغرىڭدا

    ئۇ مۇزلىمىسۇن زېمىندا

    يۈرىگىمدە قىرو باغلىسۇن

    كۆز ياشلىرىم قەلبىڭدە مۇز تۇتسۇن

    ياشىغىلى قوي

    يالغۇزلۇقۇمغا قوشۇپ يالغۇزلۇق

    ئازابلىرىمنى ئۈركۈتمە

    يېتىمسىرەپ قالىمەن

    بۇ يېگىنىلىق قەلبىمگە

    تۈگىمەس شادىيانە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ

    سەن بىلمەيسەن

    تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايسەن

    سەنسىز... ئازاب بىلەن

    مۇساپىر ئارمانغا جۆر بولۇش

    نەقەدەر شېرىن...

    سەن مەڭگۈ بىلمەيسەن

    قۇپقۇرۇق قەلبىڭدە

    بۇلارنى بىلگۈدەك قۇدرەت نە قىلسۇن؟

    سەن تاغلاردەك بىغەم.......

    كۆللەردەك جىمجىت......

    سۇلاردەك جۇشقۇن...

    شۇنداقلا ھېچنېمىدەك قۇپقۇرۇق.

    مەن پەقەتلا سەندىكى ئەڭ ئاخىرقىسىغا ئېرىشكۈچى....

    كۆللىرىڭدە بېلىقلىرىڭ ئۈزىدۇ...

    تاغلىرىڭدا رەيھانلىرىڭ گۈللەيدۇ...

    مەن ئازابىڭدا ئۈنلەيمەن.

    ئەي، ئازاب چاچقۇچى.........

    كۆز ياشلىرىمنى توسما

    قانغۇدەك يىغلاي.....

    شۇنداقلا مىسكىن ئاپتاپتەك

    ئاخىرقى قېتىم ئاجىزغىنا كۈلۈۋالاي.....

    رۇخسەت قىل!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يىغىۋېلىش _