زۇلمەتلىك تەبەسسۇم(ئەخەت كەلپىن ئىنسانى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:38:20

زۇلمەتلىك تەبەسسۇمئەخەت كەلپىن ئىنسانىدەمشاماللارنى كىرمىسۇن دەيمەن ،ئوغرىلارنى كىرمىسۇن دەيمەن .چۈنكى شامال ۋە ئوغرىچاڭ سالىدۇ ھاياتىغا ئۇنىڭكى!.. .مەن ئىشىكنى تىرەپ تۇرۇپ چىڭھاياتنى ۋۇجۇدۇم...

    زۇلمەتلىك تەبەسسۇم
    ئەخەت كەلپىن ئىنسانى



    دەم

    شاماللارنى كىرمىسۇن دەيمەن ،
    ئوغرىلارنى كىرمىسۇن دەيمەن .
    چۈنكى شامال ۋە ئوغرى
    چاڭ سالىدۇ ھاياتىغا ئۇنىڭكى!.. .

    مەن ئىشىكنى تىرەپ تۇرۇپ چىڭ
    ھاياتنى ۋۇجۇدۇمغا قات-قات ئورايمەن .
    بارچە خېيىمخەتەر ئاقار ئىچىمگە ،
    سىرتىمغا ھېچقايسىسىنى چىقارغۇزمايمەن .

    ئېلىشىمەن جان-جەھلىم بىلەن
    تەنھا قارشى تۇرۇپ رەقىبلىرىمگە .
    ھامان چاپچىپ تۇرغان بولىمەن
    قاچانلا قارىساڭ مېنىڭ شەكلىمگە .

    ئوخشايمەن ، جەڭدىكى غالىب سەرۋازنىڭ
    ئۆلسىمۇ ئالدىغا يىقىلغىنىغا؛
    ۋە ئاندىن بىر مېتىر يەرنى بولسىمۇ
    قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ۋەتەن قوينىغا!.. .

    شىمالدىكى جەنۇب سۆيگۈسى

    بۇ كوچا گوياكى ئادەم دېڭىزى ،
    بارىمەن مەن ئۇندا لەيلەپ بىناۋا .
    بۇنچە كۆپ ئادەملەر ئىچىدە ، لېكىن
    ئەمەستۇر ھېچبىرى مەنچىلىك تەنھا!
    ماڭغىنىم ماڭغاندۇر ئالدىمغا قاراپ
    بىلمەيمەن ، بارىمەن نەگە ، نە ئۈچۈن؟
    بىلمەيمەن ، كىم ماڭا قولىنى تەڭلەپ
    كۈلگەنچە كېلىدۇ ئالدىمغا بۈگۈن؟!
    سۆيگەن يەر تولىمۇ قالدى يىراقتا ،
    تولىمۇ يىراقتا قالدى مۇھەببەت .
    شۇندىمۇ ، روھىمغا يار-يۆلەك بولۇپ
    كەلمەكتە يار بەرگەن بىر پارچە سۈرەت .
    بىلىمەن ، بۈگۈن بەك سوغۇق بولىدۇ ،
    ياغماقتا قار ئەنە ئادەملەر ئارا .
    بىلىمەن ، ئەينەكتەك مۇزلار قاتىدۇ ،
    پات ئۆتمەي ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا.. .
    بىلمەيمەن ئۆيىگە باشلايدۇ كىملەر؟
    بىلمەيمەن شۇندىمۇ نەگە كىرىشنى؟
    بىلىمەن پەقەتلا تەبەسسۇم بىلەن
    جەنۇبقا شادىمان جۆنەپ كېتىشنى!.. .

    ئىشىكنى ئاچقۇچى

    كېچە سائەت ئون ئىككىدە
    مەن خىيال ئىلكىدە .
    تۇيۇقسىز جالاققىدە ئېچىلدى ئىشىك
    يۈرىكىم ئىلە.. .

    ئىشىككە قارىدىم كىرەر كىشى يوق ،
    ئىشىكىم يەنىلا ھاڭغىرقاي ئوچۇق .
    ئىشىككە قارىدىم ھېچبىر تىۋىش يوق ،
    ئىشىك زەنجىرىدە بىر قارا قۇلۇپ.. .

    ئىشىكنى ئاچقۇچىنى ھېچكىم دېمىدىم ،
    ئىشىكنى ئۆزى ئېچىلدى دېدىم .
    نەقەدەر گۈزەل-ھە ، بۇنداق ئېچىلىش ،
    سۆز ئاچساق ئېچىلىش رىسالىسىدىن!

    بىر ئۇلۇغۋار كۈچ
    ئېھتىمال ، ئۇلۇغ بىر ئېقىم
    ھايات نىشانىسىنى ئەتكەنچە تەرك
    بولۇپ قالغاندۇر ئىشىكنى ئاچقۇچى .
    ئاھ ، ئادەمسىز ئادەم
    سەن-قۇتقۇزغۇچى!.. .

    چۆل بۇلاق

    بىر كەسكىن كۈرەشكە تولدى بۇ ھايات ،
    يىقىلدى نى ئادەم بېرەلمەي بەرداش .
    كىملەردۇر غالىبلىق تاجىنى كىيدى
    كىمنىڭدۇر كۆزىدىن ئېقىتىپ قان-ياش .

    ھالبۇكى ، ئاسمانغا چىقمىدى ھېچكىم ،
    تۈگىدى بىر-بىرلەپ ھەممە-ھەممىسى .
    قالغىنى پەقەتلا ئەسلىمىلەرنىڭ
    بولدى ھىجرانلىق جاراھەتلىرى.. .

    بۇ ھايات بىر قۇتا لىمون سۈيىدەك
    بىردەملىك چاڭقاشنى باساريۇ ، لېكىن
    ئاھ ، سۈيى تۈگىگەن قۇرۇق قۇتىدەك
    تاشلىنار توپا-چاڭ ئىچىگە بىردىن!

    ھېچ كىشى ھېچكىمگە كېلەلمەيدۇ يۈز ،
    ھېچكىمگە يۈز كېلەلمەس ھايات .
    چۈنكى
    ئادەم ۋە ھاياتنىڭ ئارىلىقىدا
    تۇرىدۇ بىر ئۆلۈم ئوغرىدەك قاراپ.. .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.