غەزەللەر(ئەكبەر نىياز پەتتارى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:39:29

غەزەللەرئەكبەر نىياز پەتتارىتەۋەللۇتتا دىلىم دۈشەنبىدە غەمگە تاۋاپ بولدى.غەلەت بولدۇم سىرىم سەيشەنبىدە لەۋگە شاراب بولدى.ئەقىدەمدىن چېچەك ئاچتى كى چارشەنبە بولۇپ بىر گۈل،توزۇپ ئەمما، مىسال ...

    غەزەللەر
    ئەكبەر نىياز پەتتارى



    تەۋەللۇتتا دىلىم دۈشەنبىدە غەمگە تاۋاپ بولدى.
    غەلەت بولدۇم سىرىم سەيشەنبىدە لەۋگە شاراب بولدى.
    ئەقىدەمدىن چېچەك ئاچتى كى چارشەنبە بولۇپ بىر گۈل،
    توزۇپ ئەمما، مىسال پەيشەنبىدە رەمگە تاۋاب بولدى.
    يا نازىنىن، سەتەڭ ياكى سوئال بىرلە جۈمە كەلدى،
    كۆيۈپ ئاخىر نېتەي چۈشلەر شېرىن شەنبە كاۋاپ بولدى.
    يولىغا كۆپ - ئۇزاق باقتىم، بۇ يەكشەنبە كېلەر يار دەپ،
    خەۋەرمۇ يوق كۆزۈمدە ياش شېئىر - كۈيگە ئازاب بولدى.
    نە ئەيلىيىن قېقىپ پەينى كېتىپ قالدى بىراق ھەپتە،
    ئېرىقتا سۇ  ئۆمۈر ئاقتى ۋاقىت - كۈنگە خاراب بولدى.
    پىغان، كەچمىش بېرىپ ئىلھام پىكىر - ھېكمەت پۈتۈپ يۈردۈم،
    ئۇلار  ئىبرەت بىلەن تولغان تېخى نەچچە كىتاب بولدى.
    نىيازى قاقشىما ھەرگىز، ھاياتتا قىسمىتىڭ ئۇشبۇ،
    كۆزۈڭ يۇمغان مىنۇتلاردا ساۋاق كۆپكە خىتاب بولدى.


    ئۆزۈمدىن ھالقىماق ئىزدەپ «ئۆزۈم»گە ھەي پېتىپ كەلدىم،
    ئۇدۇم، خىسلەتلىرىم ئۆچتى ئۇنىڭغا رەڭ قېتىپ كەلدىم.
    دىلىمدىن ئوخچىغان ئارزۇ رېئاللىق باغرىدا سولسا
    كۆيۈك روھىمدا چاڭقاقلىق يەنە ئوتنى قېتىپ كەلدىم.
    مۇھەببەت يولىدا ئازسام شۇئان سانسىز سەۋەب تەييار،
    ئۇيالماي بەلكى ئالەمگە كى شەيتاننى سېتىپ كەلدىم.
    ساۋاقلاردىن ساۋاق ئالماي مازاققا تۇغ - ئەلەم بولدۇم،
    شۇڭا ھەسرەتلىرىم ئەلۋەك ئۇنى ھەر رەت تېتىپ كەلدىم.
    چۈشۈمنىڭ تەبىرىن بەرگەن خىزىرنى تونۇماي ھەتتا،
    سۆزۈمدە ياغدۇرۇپ ئوقلار، ئاڭا چالما ئېتىپ كەلدىم.
    ئەمەس تەقدىر، ھاياتنى دەل ياشارتقان سۇ ئۈمىد، تەدبىر،
    نىيازى ئېيتتى بۇ سۆزنى: قەلەمنى ئىرغىتىپ كەلدىم...

    
    مەنكى مەن «مەن» بولمىسام شەيتان ئېنىق،
    نەكى شەيتان تەڭرىگە پايخان ئېنىق.
    ھېچ كىشى ھالىمغا يەتمەس، مەن ئۆزۈم -
    ئاقىۋەت قەبرەم ئۈچۈن قۇربان ئېنىق.
    شۇ سەۋەب قەلبىمدىكى ئارزۇلىرىم،
    خالىمايمۇ يوق ئامال گۇمران ئېنىق.
    كەلمىكىم دۇنياغا بولغان ئەسلىدىن،
    بىر ئۇقۇشماسلىق ياقەي نۇقسان ئېنىق.
    ياشىماق ئىزدەپ ئاقار كۆز ياشلىرىم،
    توختىماس، كۈندۈز - كېچە ئوكيان ئېنىق.
    بەزىلەر نەپرەت بىلەن تىغ سانجىسا،
    بولىمەن بەزىسىگە ئارمان ئېنىق.
    بۇ ھايات سەھنە ئىرۇر، ئارتىس ئۆزى -
    ھەر كىشى، ئارتىس ئارا چولپان ئېنىق.
    مەن تېخى ئاتمىشقا كىرمەك ئىستىسەم،
    مۈشكۈلات ئاتمىش ئەمەس توقسان ئېنىق...
    قىسمىتىڭ شۇنداق نىياز، قىلغىن كۈرەش،
    شۇندىلا سەن شىر سۈپەت ئىنسان ئېنىق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.