يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا(مۇھەممەتجان راشىدىن )

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-13 11:54:00

يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا مۇھەممەتجان راشىدىن يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا،ئويغىتالماي سېنى ۋاقىراپ.ئۇچرىغانلار توستى ئالدىمنى،كۆزيېشىمنىڭ ۋەجىنى سوراپ. تۈگىمەيدۇ ئېيتقانغا دەردىم،يىغلىۋە...

    يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا

    مۇھەممەتجان راشىدىن

    يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا،
    ئويغىتالماي سېنى ۋاقىراپ.
    ئۇچرىغانلار توستى ئالدىمنى،
    كۆزيېشىمنىڭ ۋەجىنى سوراپ.

    تۈگىمەيدۇ ئېيتقانغا دەردىم،
    يىغلىۋەتتى ئاڭلاپ شۇلارمۇ.
    تەبىئەتمۇ چۆكتى جىملىققا،
    يىغلىۋەتتى ئاققان سۇلارمۇ.

     بۇلۇڭلاردىن يۈرىمەن ئىزدەپ ،
    ئۇۋىقىنى سەن ياققان ناننىڭ .
    قىرىۋالدىم قالدۇقلىرىنى،
    تەۋەرۈك دەپ، سەن ياققان شامنىڭ.

     ھىدىڭ قاپتۇ سالغان كۆرپەڭدە،
    يەڭلىكلاردە ئاققان تەرلىرىڭ.
    سىلاپ يۈردۈم كۆسەيلىرىڭنى،
    قەيەردە،دەپ تۇتقان يەرلىرىڭ؟

    ئانا،شىۋاق سۈپۈرگەڭنىمۇ،
    تىزىپ قويدۇم ئۆينىڭ تۆرىگە.
    راست گەپ ئىكەن ،ئوخشايدۇ، دىگەن ،
    ئانا سۆزى ئۇلۇغ سۈرىگە.

    بىراق، ئانا شۇ سۆزلىرىڭنىڭ،
    ئەسلەلمىدىم تالايلىرىنى.
    تىلىگەنتىڭ مەنچۈن تەڭرىدىن،
    پاراغەتنىڭ سارايلىرىنى.

     مەنمۇ بۈگۈن پەرزەنتلىرىمگە،
    تىلىمەكچى شۇنداق تىلەكنى.
    دىيەلمىدىم  بىراخ جان ئانا،
    «تىلەك» دىگەن سۆزدىن بۆلەكنى.

     نىمىلەر دەپ تىلىۋىدىڭكىن ،
    سورىيالماي ئەجەپ قىپتىمەن.
    ئەپسۇس-ئەپسۇس،شۇئان دەپتەرگە،
    يېزىۋالماي ئەجەپ قىپتىمەن !

     قىينالغاندا سېنىڭ قەبرەڭگە،
    بۈگۈن ئانا، يۈگۈردۈم شۇڭا.
    ئويغىنارمۇ جېنىم ئانام، دەپ،
    يىغلاپ يۈرۈپ چۆگلىدىم ،شۇڭا.

     يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا،
    ئويغىتالماي سېنى ۋاقىراپ.
    ئوت تۇتاشتى باشقىدىن ماڭا،
    شىۋاقلاردىن ھىدىڭنى پۇراپ.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 20:03:57]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.