زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: كۆزۈمدە سەن

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-19 15:41:18

كۆزۈمدە سەنزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىتاشقا ئايلانغان ئاتۇش ئادىمىنىڭتاش يۈرىكى بولسىمۇ گەر مېنىڭدە...نىھايەتكى، تالقان بولدى ئېزىلىپئاھ، دەردىڭنى يۇتقانسىرى ئىچىمگە...ئۈكۈنۈشلەر سىقسا گاھى ...

    كۆزۈمدە سەن


    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    تاشقا ئايلانغان ئاتۇش ئادىمىنىڭ
    تاش يۈرىكى بولسىمۇ گەر مېنىڭدە...
    نىھايەتكى، تالقان بولدى ئېزىلىپ
    ئاھ، دەردىڭنى يۇتقانسىرى ئىچىمگە...


    ئۈكۈنۈشلەر سىقسا گاھى گېلىمدىن،
    سايە تاشلار گاھى يوقلۇق تۇيغۇسى...
    تۈنۈگۈننىڭ قارا چۈشى بېشىمدا
    بىر كۈن مېنى تىلسىز قىلىپ قويغۇسى!


    رىياكارلىق تاقاق سالغاچ دىلىمغا
    ئۈممەت بولدۇم ئۆز پىكرىمگە بىر مەھەل.
    ئۆز نەپسىمگە تۇتقۇنلۇقنىڭ دەستىدىن،
    مەندىن بەكرەك قەلبىم بەردى زور بەدەل.


    كۈيلىرىمدە ئەزۋەيلىدى بەربادلىق،
    يېتەلمىدىم كۆز يېشىڭنىڭ قەدرىگە...
    ھاياتلىققا قارشى ئىسيان تۇرسا غەم،
    قوللاپ ئۇنى، ئالاي دېمەي ھەپسىگە...


    زەھەر سۇنۇپ تۇرغان ئاچچىق ئەسلىمە
    بۇلىماقچى بەلكى مەندىن بۈگۈننى...
    ئىشەنچىم سەن بۇ ھاياتتا يېشىشكە،
    ئۆزۈم چىككەن كۆڭلۈمدىكى تۈگۈننى.

     

    ئاتام دەرتلىك ئۇھسىنىشتىن قالمىدى،
    ئانام مەندىن سېنىڭ ئۈچۈن ۋاھىم يەر...
    قەدەر نېمە؟ قەدىرىم نېمە؟ چۈشەندىم
    سەۋدالىرىم تۇرغاچ ماڭا دەر-بەدەر.

     

    تۇرمۇش بىزنى ئوراپ تۇرار چۈش دېسەك،
    ھېممەت بىرلە قىممەت ئىكەن ئويغۇنۇش..
    ئاللاھ ئىگەم يۈزلەشكۈچە بىز بىلەن
    نېسىپ بولسۇن ئاھ، تۆبەمدە چىڭ تۇرۇش...

     

    2010-يىل 3-ئاپرېل
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.