يۇلتۇز ۋە تەنھالىق(ئەنقا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-09 22:40:57

يۇلتۇز ۋە تەنھالىقئەنقائات كۆندۈرگۈچى ۋە قىزياۋايى ئاتسەن، ئات كۆندۈرگۈچىدۇرمەنسىلايمەن مۇھەببەت قولىدا تىنمايكالا بىلەن سوقۇشقۇچى كۈچتۈڭگور پالۋانمەن گوياكۈچ-قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تاشىدۇ، پاتما...

    يۇلتۇز ۋە تەنھالىق
    ئەنقا



    ئات كۆندۈرگۈچى ۋە قىز

    ياۋايى ئاتسەن، ئات كۆندۈرگۈچىدۇرمەن
    سىلايمەن مۇھەببەت قولىدا تىنماي
    كالا بىلەن سوقۇشقۇچى كۈچتۈڭگور پالۋانمەن گويا
    كۈچ-قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تاشىدۇ، پاتماي

    ئۆزىگە بەك ئىشەنگەن ئادەم
    تالانتىنى خورۇتالماي بولار ئاۋارە
    خۇددى شۇنىڭدەك
    چىقىرىپ تاشلىيالماي كۈچ-قۇۋۋىتىمنى
    قەلبىم يارا، دىلىم سەكپارە

    ئىچىم پۇشۇق
    ئىسپانىيىنىڭ بۇقىسى كەبى
    تاملارنى ئۈسسۈپ ئۆرۈگۈم كېلەر
    يول بويىدىكى رەت-رەت تېرەكنى
    بويا ئوخشاش يۇلۇۋەتكۈم كېلەر

    كۈچ-قۇۋۋىتىم جىسمىمنى تەشكەن
    ئىتتىك شەمشەر، شەمشەردۇر شەھۋەت
    ھەممە ئادەم قاچىدۇ مەندىن
    قورقۇپ شەمشەر، ئۆلۈشتىن پەقەت
    ھەممە ئادەم قاچىدۇ مەندىن
    مەندىكى ئېچىرقىغان سۆيگۈ-مۇھەببەت
    توپاندەك باستۇرۇپ كەلگەچكە دەھشەت.. .

    مۇھەببىتىمنىڭ ۋەيران قىلغۇچ كۈچىگە
    بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ ھەركىم
    (ئۆزگىلەر قېچىشى شۇنىڭدىن بەلكىم)
    ئاھ، خۇدا نېچۈك بەردىڭ سۆيگۈنى ماڭا
    ئايىماستىن سېخىيلىق بىلەن
    ئالەمدىن چوڭ، مىڭ پاتمان قىلىپ
    بىراق، سۆيگۈچىنى بەرمىدىڭ نېچۈن؟
    غېرىبلىق، ئېچىرقاش
    باغرىمنى كۈنۇ-تۈن ئۆتۈدۇ تىلىپ .

    ئاستىمدا ئات يوقتۇر مىنەي دېگەنگە
    قولۇمدا چۇلۋۇر يوق، تېزگىن سېرىشكە
    يالغۇزلۇق جېنىمغا پاتتى، مەن ئۆلەي
    بىراق، ھېچكىمىم يوق ئۆلۈپ بېرىشكە!.. .
    ئات كۆندۈرگۈچىمەن، يايلاق ئوغلانى
    شەھەردە ئات يوقتۇر، مەن ئەمدى نېتەي؟!
    غايىبانە ئېتىم يىراقتا
    قىيغىتىپ يۈرىدۇ چوقۇم خىرامان
    بولدىلا، «تالاشقان شەلىرىڭ قالدى»
    ناتونۇش جايلارغا سەرسان بوپ كېتەي!

    كومپيۇتېر تۇيغۇسى

    بەزەن
    كومپيۇتېرىم يالىڭاچلانغان قەلبىمدۇر مېنىڭ
    كۆرۈۋالمىسۇن ئۆزگىلەر دەپ
    يوشۇرۇپ، بېكىتىمەن مەخپى شىفىرنى
    ياشلىقىمدا مەخپى خاتىرەمگە قۇلۇپ سالغاندەك

    بەزەن
    باردۇر بىر كومپيۇتېردا قىرىق قىز ئىشقى
    ئاشىق بولارمەن، بېرىپ ھەممىنى
    بىراق، شوراپ قۇرۇتار يىلىكلىرىمنى

    بەزەن
    بېلگايتېسنى ئويلايمەن
    مەدەنىيەت قىيامىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن
    ھامان بىر كۈنى ئىنسانلار
    ئۇنىمۇ ھەم ئەيسادەك
    كىرستقا مىقلىشىپ ئۆلتۈرەرمۇ، دەپ

    بەزەن
    چېقىپ كومپيۇتېرىمنى
    كۈكۈم تالقان قىلىۋەتكۈم كېلەر
    ئون يىللاپ كېچە-كۈندۈز
    زېھنىمنى، ۋاقتىمنى، بارىمنى ھازازۇل خوتۇندەك
    ئۇنىڭ شوراپ تۈگەتكىنىنى ئويلىسام ئەگەر

    بەزەن
    كومپيۇتېردىن ئۆزگە سىردىشىم يوق
    يالغۇز ياتىقىمدا غېرىبلىق باسقاندا
    ئۇ ئايلىنىدۇ غايىبانە بىر قىزغا
    سىرلىرىمنى تۆكۈپ چىقىمەن تاڭ ئاتقۇچە
    گاھى قارت ئوينايمەن، روبرو ئولتۇرۇپ
    گاھى كۈلۈپ كېتىمەن، بەختىم ئۈچۈن ئۇ پال ئاچقاندا .

    بەزەن
    مېنىڭ غېرىبانە ھاياتىمدا سەن بىر قىز
    تەسەللى بېرىسەن يارا قەلبىمگە
    مۇڭداشسام، يەنە مۇڭداشقۇم كېلەر
    زېرىكمەيمەن سېنىڭدىن ھەرگىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.