پەلسەپە تۇيغۇلىرى

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-30 00:00:00

پەلسەپە تۇيغۇلىرىساداقەتجان ھاجى(1)ماكان بىلەن زامان پۈتۈندۇر،قۇشتىكى جۈپ قاناتقا ئوخشاش.ئەڭ ياخشى بىر زامان ئۈچۈندۇركېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ياشاش.ماكان بولۇپ زامان بولمىسا،ئۇنداق ماكان لەھەتتۇر ...

    پەلسەپە تۇيغۇلىرى
    ساداقەتجان ھاجى




    (1)



    ماكان بىلەن زامان پۈتۈندۇر،
    قۇشتىكى جۈپ قاناتقا ئوخشاش.
    ئەڭ ياخشى بىر زامان ئۈچۈندۇر
    كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ياشاش.
    ماكان بولۇپ زامان بولمىسا،
    ئۇنداق ماكان لەھەتتۇر يەنە.
    زامان بولۇپ ماكان بولمىسا،
    ئۇنداق زامان بەكمۇ بىمەنە.
    شۇڭا دەسسە زىمىنغا مەھكەم،
    يول ماڭغاندا مەزمۇت قەدەم باس.
    قاناتلىرى قاتمىغان بىغەم
    ئۆز بەختىنى قولغا ئالالماس.



    (2)



    سەن نىمىنى يوشۇرساڭ خەقتىن،
    دەل شۇنىڭغا ئىنتىلەر ئۇلار.
    سەن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ ھەقتىن،
    تاجۇ-تەختىڭ ئاخىر گۇم بولار.
    ياخشى دىسەڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ،
    ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ يامان.
    گۈزەل دىسەڭ سەتنىمۇ ماختاپ،
    گۈزەل بولماي قالىسەن ھامان.
    ئارزۇلىرىڭ كۆپۈك بولىدۇ،
    ئويغانمىساڭ ئۇيقۇدىن ئەگەر.
    مىۋىلىرىڭ شۆپۈك بولىدۇ،
    ئۈمىت كۈتسەڭ تۇيغۇدىن ئەگەر.
    تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسا،
    ئەلدىن ساڭا يانار ياخشىلىق.
    كاللاڭ رەزىل خىيالغا تولسا،
    ھامان بىر كۈن چانار ساختىلىق.



    (1989-يىل 10-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    (3)



    تىكلىيەلمەيسەن قەددىڭنى ئاخىر،
    ئەگەر يول قويۇپ ئېگىلىۋەرسەڭ.
    بولىدۇ قەدرىڭ يەر بىلەن يەكسان،
    بىپەرۋا قاراپ يېڭىلەرسەڭ.
    بىر چېكى بار ھەرقانداق ئىشنىڭ.
    سۇنى مۇۋاپىق باشلا ئېرىققا.
    بۇغداينى ياخشى پەرۋىش قىلمىساڭ
    مۇھتاج بولىسەن ئاخىر تېرىققا.
    ئېگىلسە مەيلى دوڭغاق سۆگەتلەر،
    تېرەكنىڭ تېرەك بولغىنى ياخشى.
    ياشىغان ئىكەن، ئادەم دىگەننىڭ
    بىر ئىشقا كېرەك بولغىنى ياخشى.




    (4)




    گۈزەللىك-شاتلىقتۇر، گۈزەللىك-قۇتتۇر.
    ئۇ گويا لاۋۇلداپ تۇرغان بىر ئوتتۇر.
    ۋە لېكىن جەلىپكار شەكلەن گۈزەللىك
    ئەقىلنى ئارماندا قويغان قۇرۇتتۇر.
    گۈلنى كۆر، ئۇ گۈزەل پۇرىقى بىلەن.
    كۈننى كۆر، ئۇ گۈزەل يورۇقى بىلەن.
    تەڭرىمۇ گۈزەلدۇر قىيامەت كۈنى
    ھەممىگە باراۋەر سورىقى بىلەن.
    گۈزەللىك-ئۇ، گۈزەل چىرايىڭ ئەمەس.
    گۈزەللىك-ئۇ، شىرىن خىيالىڭ ئەمەس.
    گۈزەللىك-ھەقىقەت، گۈزەللىك-سۆيگۈ،
    گۈزەللىك-ئۆلۈككە جان بەرگەن نەپەس.
    گۈزەللىك-ئەڭ ياخشى ھەرىكىتى بىلەن،
    ئىنساننى ئىنسانغا تونۇتقۇچىدۇر.
    گۈزەللىك-زۇلمەتتەك قاراڭغۇ روھنى
    تاڭدىكى قۇياشتەك يورۇتقۇچىدۇر!



    (5)



    يىقىلغاندا تۇرۇشنى ئۈگەن.
    مۇش يىگەندە ئۇرۇشنى ئۈگەن.
    بۇزماق بولساڭ ئۆيۈڭنى ئەگەر،
    ئاۋال قايتا قۇرۇشنى ئۈگەن.
    چۈشمىكى بار كۆككە ئۆرلەشنىڭ.
    زاۋالى بار ئىشتا گۈللەشنىڭ.
    خازانى بار كۈز بىلەن قىشتا،
    باھار بىلەن يازدا كۆكلەشنىڭ.
    ھەر نەرسىدە ئىككى تەرەپ بار.
    تەمكىنلىكتە چۇڭقۇر غەزەپ بار.
    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب بولغىنى بىلەن،
    رۇس مۇسۇلمان بار، كاپىر ئەرەپ بار.
    زەھەر زەھەرنى قايتۇرالايدۇ.
    ئۆلۈم ئۆلۈمنى ياندۇرۇلايدۇ.
    داناراق بولساڭ، ئاچچىق بىر ئەقىل
    تاتلىق ئارزۇنى قاندۇرالايدۇ.



    (1996-يىل 9-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭




    (6)




    ياشاشنىڭ يولىنى بىلمىگەن ئىنسان
    ھاياتنىڭ قەدرىنى قىلىدۇ يەكسان.
    قاناتسىز قۇشلارغا قىلمايدۇ نىسىپ
    سۆيۈملۈك ۋەسلىنى قۇياشلىق ئاسمان.
    ئەرزىمەس تاشلىقتۇر بەھەيۋەت تاغلار،
    چوققىغا چىقىشنى بىلمىگەنلەرگە.
    باياۋان كۆرۈنەر چىرايلىق باغلار،
    گۈلدىن زوق ئېلىشنى بىلمىگەنلەرگە.
    بىر تىلسىم ماكاندۇر دولقۇنلۇق دېڭىز،
    دەريادا ئېقىشنى بىلمىگەنلەرگە.
    تۇيۇلار ئۆگزىمۇ شۇقەدەر ئېگىز،
    يامىشىپ بېقىشنى بىلمىگەنلەرگە.
    شان-شەرەپ، غەلىبە باقمايدۇ كۈلۈپ،
    پەم بىلەن يېڭىشنى بىلمىگەنلەرگە.
    ئەي دوستۇم، ئەقلىڭنى بەرمىگىن بۆلۈپ،
    يېڭى يول ئېچىشنى بىلمىگەنلەرگە.




    (1997-يىلى 4-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    (7)

    ئاسان ئىكەن ئاچچىقىڭدا ئالايماق.
    ئاسان ئىكەن ئاق ئادەمگە قارايماق.
    بىراق شۇنچە قىيىن ئىكەن ئويلىسام،
    قارىلانساڭ ئاقايماق.
    كېسەل بولساڭ ساقايماق.
    ئاسان ئىكەن ئالداپ كېتىش باشلىقنى.
    ئاسان ئىكەن بوستان ئېتىش تاشلىقنى.
    بىراق شۇنچە قىيىن ئىكەن ئويلىسام،
    ساقلاپ قىلىش ئۆمۈرۋايەت ياشلىقنى.
    ئىزدەپ تېپىش غەمدىن خالى شاتلىقنى.
    ئاسان ئىكەن ئوڭ كۆز بىلەن قارالماق.
    شېئىر يېزىپ تۆتنىڭ بىرى سانالماق.
    بىراق شۇنچە قىيىن ئىكەن ئويلىسام،
    ئەل سۆيگىدەك شائىر بولۇپ ئاتالماق.
    ئەلنىڭ ئۈمىد بايرىقى بوپ قادالماق.

    (1997-يىل 8-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    (8)




    ماددىنى تولۇق بىل، ئاڭنى ئۇلۇغ بىل.
    ئۆزۈڭنى دۇنياغا ئېتىلغان ئوق بىل.
    تۇرقىدىن زۇلمەتكە ئوخشايدۇ بۇ تەن،
    ۋە لېكىن روھنى سەن مەڭگۈ يورۇق بىل.
    ھاياتىم كۆرمىسۇن دىسەڭ گەر زاۋال،
    ئەركىگە قويۇپ بەر روھىڭنى ئاۋال.
    قۇياشتىن نۇر تەلەپ قىلغۇچە ئۆزۈڭ
    قۇياشقا ئايلانغىن قىلىپ بىر ئامال.
    ھەممىدىن قىممەتلىك يورۇقلۇق دىگەن.
    ئۇنىڭسىز بولمايدۇ ئۇلۇغلۇق دىگەن.
    يورۇقلۇق تاپار ھەم ئۇلۇغلۇق تاپار،
    روھىنى چوغدانغا سېلىپ ئۆرتىگەن.


    (1997-يىل 4-ئاي. قەشقەر)

     


    ___________________________________________________
    (بۇ شېئىرلار «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 1996-يىللىق 10-سىنتەبىر ۋە 29-ئۆكتەبىر سانىدا، 1998-يىللىق 26-يانۋار سانىدا، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2001-يىللىق 12-ئىيۇن سانىدى ئېلان قىلىنغان)
    http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34687991.html

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.