تۇغۇلغان كۈنۈم-ئەھەدى

يوللىغۇچى : ahadi يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-22 12:21:00

تۇغۇلغان كۈنۈم ---ئەھەدى --- كىم بىلىدۇ ، قاچان تۇغۇلدۇم ؟ ئېسىمدە يوق توغۇلغان كۈنۈم . قىسمەتلەردە ئۇتتۇم ، ئۇتۇلدۇم ، گاھ بوۋاقتىن تالاشسام ئۇدۇم ،گاھ بوۋايدەك دەرمانسىز ئۈنۈم . . .بىر ئويلىس...

    تۇغۇلغان كۈنۈم
    ---ئەھەدى


    --- كىم بىلىدۇ ، قاچان تۇغۇلدۇم ؟
    ئېسىمدە يوق توغۇلغان كۈنۈم .
    قىسمەتلەردە ئۇتتۇم ، ئۇتۇلدۇم ،
    گاھ بوۋاقتىن تالاشسام ئۇدۇم ،
     گاھ بوۋايدەك دەرمانسىز ئۈنۈم . . .

     بىر ئويلىسام ، قىلىمەن گويا ،
    توغۇلغاندەك تېخى تۆنۈگۈن .
    ئايىغىممۇ چىققان ئەمدىلا ،
    قاچان يۈگرەپ ماڭسام ،شۇندىلا
    يىشىلەتتى بەلكىم بۇ تۈگۈن !

    بىر ئويلىسام ، تۇغۇلار گۇمان ،
    كۆرگىنىمگە ئەللىك تۆت باھار .
    <<يۈز باھارغا بولدۇڭ ئاشىيان ،
    نە يۈز باھار ، يۈز بىر زىمىستان ...>>
    دېسەڭ ، كەلمەس ھەرگىز ماڭا ئار .

    تەئەللۇقتۇر ئادەم ، ھاۋاغا ،
    ئۈستۈمدىكى زەيتۇنرەڭ تونۇم .
    قات - قات ياماق چۇشكەن ساماغا ،
    مەۋجۇتلۇغۇم سىڭسە ناۋادا ،
    شۇئان بولار تۇغۇلغان كۆنۈم !...

     ( ئاپتۇر : ئەھەدى 2007-يىل ماي )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:48:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شىئېر