ئېسىمدىكى ئېركى

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-05 23:56:21

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ئېسىمدىكى ئېركى٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ساداقەتجان ھاجى٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭(شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى (1927-1984) خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)(1)ئۇنتۇش گەرچە شاتلىق ئېلىپ كەلسىمۇ،مېنىڭ ئۈچۈن شاتلىق بىلە...



    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئېسىمدىكى ئېركى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ساداقەتجان ھاجى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    (شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى (1927-1984) خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)


    (1)
    ئۇنتۇش گەرچە شاتلىق ئېلىپ كەلسىمۇ،
    مېنىڭ ئۈچۈن شاتلىق بىلەن ئازاب بىر.
    «ئۇنتۇپ كەت» دەپ بىر كىم بۇيرۇق بەرسىمۇ،
    ئۇنتۇش ئۈچۈن سېغىنارمەن بەرىبىر.
    ئۇنتۇش مۈمكىن بولغان بىلەن بەختنى،
    مۈمكىن بولماس شائىرلارنى ئۇنتۇشقا.
    مەڭسىتمەسلىك مۈمكىن شاھلىق تەختىنى،
    بولماس سېنى مەڭسىتمەستىن تۇرۇشقا.
    چۈنكى سېنىڭ شېئىرلىرىڭ ھەقىقەت،
    بەخت دىگەن ھەقىقەتتىن تېپىلار.
    ياشىساڭمۇ ھاياتتا سەن چېكىپ دەرت،
    تىنىقىڭدىن يەنە سۆيگۈ ئېتىلار.

    (2)
    سەن بار چاغدا تېخى شائىر ئەمەستىم،
    شېئىر ئوقۇپ يۈرگەن بىلەن قىزىقىپ.
    بۈگۈنمۇ ھەم شائىر بولۇپ يۈرمەستىم،
    بالىلىقتا كەتكەن بولسام ئېزىقىپ.
    بىراق سېنىڭ شېئىرلىرىڭ يول باشلاپ
    تېپىپ بەردى يوللىرىمنى ئۇپۇقتىن.
    سەن كېلىسەن مېنى مەڭگۈ ھاپاشلاپ،
    كۆككە چىقىپ كەتسەممۇ شان- ئۇتۇقتىن.
    ھالقىسىدا ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ
    تارىخ شۇنداق ياشاپ كېلەر چېتىلىپ.
    ئارىسىدا ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ
    شائىر كېلەر ئەۋلاتلارغا قېتىلىپ.

    (3)
    كۆڭۈل تىلەر ئۆز ئەركىنى ھاياتتا،
    شېئىر ياتماس قەلبلەرگە سولۇنۇپ.
    قۇشمۇ تىنچ تۇرماس مەڭگۈ توزاقتا،
    كەتكەندىمۇ گەر پەيلىرى يۇلۇنۇپ.
    روھنى ئىزدەپ يۈرگەن كەبى پەرىشتە.
    شائىر ياشار ئەرك ئىزدەپ بىر ئۆمۈر.
    روھ دىگەن ئۇ يەردە ئەمەس، ئەرشتە.
    ئەرك دىسەڭ، شائىر كەبى ياشاپ كۆر!

    (4)
    بەلكىم شائىر غېرىپسىنىپ قالغاندۇر،
    قەبرىسىدە ئۈنمىگەندۇر گۈلمۇ ھەم.
    يۇلتۇزلارغا قاراپ كۆزى تالغاندۇر،
    روھى ئۈچۈن ئەرك ئىزدەپ مۇشۇ دەم.
    تۇر ناۋائى، بىر جام شاراب ئېلىپ كەل.
    بەلكىم شائىر تەشنالىقتا ياتقاندۇر.
    گەر بولسىمۇ ھايات چېغى شاراب تەل،
    شاراب ئەمەس، بەلكىم زەھەر يۇتقاندۇر.
    شائىر ئۈچۈن ئازاب بىلەن بەخت بىر.
    شائىر ئۈچۈن ئۆلۈم دىگەن ھاياتتۇر.
    مەيلى جەننەت، مەيلى دوزاخ، بەرىبىر.
    شائىر روھى ھەممە يەردە ئازاتتۇر!
    ئۇندىن دۈمچەك قەبرە قالدى دىمەڭلار.
    قالدى ئەرك ئىزدەپ يۈرگەن بىر يۈرەك.
    ئەي شائىرلار ئەركىنلىكنى كۈيلەڭلار!
    ئەركىنلىك ئۇ ئادا بولماس بىر تىلەك...

    (5)
    كىم سېغىنسا، كىم سېغىنسا ئېركىنى،
    شېئىرىنى كۆرگەنلەردىن ئىزدىسۇن.
    كىم ئېركىنىڭ ئارمىنىنى ئىزدىسە،
    ئەركىنلىك دەپ يۈرگەنلەردىن ئىزدىسۇن...
     
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 12-ئاي. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (كەتمەنباينىڭ ئىزاھاتى: بۇ شېئىرىمنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى «ئەركىنلىك ھەيكىلىگە بېغىشلىما» بولۇپ، بۇ شېئىرنى 1989-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا ئەۋەتسەم ئىلان قىلىنمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شېئىرنىڭ بەزى يەرلىرىنى تۈزەتكەن ئىدىم. لىكىن ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە، «قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇھەررىرى ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر» دىگەن مەرسىيەلەر توپلىمىدا بۇ شېئىرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى نۇسخىسى ئىلان قىلىنىپ قالدى. بۇ قىتىم شېئىرنىڭ ماۋزۇسىنى «ئېسىمدىكى ئېركى» دەپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە يەنە بەزى كۇپلىتلىرىنى قىسقارتىۋىتىپ تورغا تەييارلىدىم. بۇ نۇسخا - شېئىرىمنىڭ ئاخىرقى قىتىم بىكىتىلگەن نۇسخىسىدۇر.
    <2008-يىل>)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/logs/36522961.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.