شېئىرلار

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:53:05

شېئىرلاركەتبەك ئۇلۇغ بەختتە ئۆلۈپ كەتكەن كۈن ،تىڭشىدىم ناخشاڭنى ، كىردىم قەلبىڭگە .قارىغىن نەرىكەس توزۇپتۇ بىر-بىر ،تېز كەتكىن...!! سورىماي!! كەتكىن قەبرەڭگە .كەتكىن تېز... ئېزىقىش ئازابلار مېنى...

    شېئىرلار

    كەت

    بەك ئۇلۇغ بەختتە ئۆلۈپ كەتكەن كۈن ،
    تىڭشىدىم ناخشاڭنى ، كىردىم قەلبىڭگە .
    قارىغىن نەرىكەس توزۇپتۇ بىر-بىر ،
    تېز كەتكىن...!! سورىماي!! كەتكىن قەبرەڭگە .

    كەتكىن تېز... ئېزىقىش ئازابلار مېنى ،
    ئۇ كۈنى كۆيىدۇ لەختە-لەختە قان .
    مەن قالاي يىغلىغان يۈرىكىم بىلەن ،
    ئاققان ياش.. .
            ئاققان تەن.. .
               كۆيگەن ئۆتمۈشنىڭ.. .
    بەختىدە ياشاپتۇ دېگىنە مېنى .

    مەن قالاي يەنىلا تەنھا قەلبىمدە ،
    ئاق يىلان ئۈزگەن شۇ بۇلاق بويىدا .
    يۈرىكىمنى يىرتىمەن بىر-بىر ،
    مەن ھامان قايتىمەن قاچقان ئۆيۈمگە .

    كەت.. .
    تەنھالىق يەنىلا قىينىسۇن مېنى ،
    مەن يەنىلا قايتىمەن ئۆيگە .
    لەپىلدەپ چۈشكەن شۇ ناپاك قارلاردا.. .
    يەنىلا تىتىلىپ سېغىندىم سېنى ،
    يەنىلا سېغىندىم پەقەت ئۆزۈمنى .
    2000-يىل .


    تاش چېچەك
    ئازابنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كەت جېنىم ،
    بەختلىك كۈن پەسلى چىللار ئۆلۈمگە .
    شۇ كۈنى كۆزىگە ياش ئالغاندۇر كىم،؟
    بىز ئۈچۈن قىيامەت چۆلسىز مۇساپە .

    يول باسساق ئېگىز-پەس بولىدۇ تاتلىق ،
    ئېھ!! ھايات سېنىڭدىن تاش تىلەيمەن تاش .
    زەخمەك ئۇر ئازابىم يارنىڭ بېشىغا ،
    يۈرىكىم خۇن بولۇپ ئاقسۇن كۆزىدىن ياش .

    تىترىسۇن يەر-جاھان تاشنىڭ قىنىدا ،
    شۇ كۈنى دېسۇن يار ئەجەب ۋاپادار .
    سېنىڭدىن ئوت تىلەپ يۈرسەم ئەي دۇنيا ،
    سىنالسۇن ئاشىق دەپ قۇرۇپ قويدۇڭ دار .
    2003-يىل .


    قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ قالسام گەر

    قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كەتسەم گەر ،
    بىر قەدەھ ئازابنى تېتىپ بولۇپلا .
    «ساراڭ ئۇ» دەيسەن-دە شۈركىنىپ تۇرۇپ ،
    بىلمەيسەن ئۆلدۈم مەن بۈيۈك ئازابتا .

    قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كەتسەم گەر ،
    بىر قەدەھ بەختنى تېتىپ بولۇپلا .
    «ھاكاۋۇر» دەيسەن-دە ، تېتىلىپ تۇرۇپ ،
    بىلمەيسەن ئۆلدۈم مەن ساڭا ئاتاپلا .

    قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كەتسەم گەر ،
    ھېچ كىشى كۆرمىسە قاتتىق سوغۇقتا .
    سەن دەيسەن — «ئۇ شۇنداق مۆرىمەس بەندە» ،
    مەن شۇنداق ئۆلمەكچى ئاستا... بەك ئاستا .
    2004-يىل .



    مەستلىك مۇختار بوغرا
    «گىرت-گىرت»... كەستى قايچا تېنىمنى ،
    تىكتى يەنە كونا كەشنى تىككەندەك موزدۇز .
    ھايات نۇرى چاقنايدۇ سۇنۇق ئەينەكتە ،
    ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ياتىمەن يالغۇز .

    بىلدۈرۈپ قويغاندەك يۈرەكلىكىمنى ،
    ئىسقىرتىپ بارىمەن قەبرىستان ئارا .
    مەستلىكتىن يېشىلسەم ئېغىرلاپ قاپتۇ ،
    روھىمغا ئۈنگەن جاراھەت-يارا .
    2003-يىل 8-ئاي
    شەھىرى ئۈرۈمچى


    سۆيگۈسىز كوچا
    خۇرسىنمايدۇ كوچا چىرىغى ،
    ئاشىقلىققا تېپىلماس ئىسپات .
    خەرىتىدەك تۈپتۈز كوچىدا ،
    ئۆتۈۋاتقان تۈپتۈزلا ھايات .

    ئوخشاش بىنا ، ئوخشاش دەل-دەرەخ ،
    قەدەملەردە بىر خىللا رىتىم .
    تۇرمۇش ناملىق ئېگىز بانكىدا ،
    ئوخشاش كىرىم ئوخشاشلا چىقىم .

    ئىش تېپىلماس پايلاقچىلارغا ،
    بۇ كوچىنىڭ لۈكچەكلىرى يوق .
    دىۋانىلەر تاۋكا تۈزەلمەس ،
    باغچىلاردا بىكار ئورۇندۇق .

    بىر چاغدىكى غالجىر ئىتلارمۇ ،
    يول بويىدا ئالار شېرىن دەم .
    ۋىسال قۇچتۇق دەپ ئويلار دىللار ،
    ئۇچرىمايدۇ ئادەمدەك ئادەم .
    2003-يىل 9-ئاي
    شەھىرى ئۈرۈمچى


    ئەنسىرىمە
    (ئايالىم شاراپەتكە پىچىرلاش)
    قايتىپ كەلدىم سەكرات ئالدىدىن ،
    ھاياتلىققا قادالدىم مىختەك .
    دانە-دانە بولدۇڭ شاراپەت ،
    قېرىنداشلار سەرسان پايپېتەك .

    ئۇنتۇلغاندەك جىمىكى شادلىق ،
    ھەممە ئازاب ماڭا يېپىشتى .
    ئەمدى بوغرا ئۆلدى دېگەندەك ،
    رەقىبلىرىم قانات قېقىشتى .

    كۈن چۈشكەندە ئادەم بېشىغا ،
    دوست ، قېرىنداش ئىكەن بىرلا گەپ .
    يېقىن كەلسۇن ئابلىكىم كەلكۈن ،
    چاقچىقىنى سېغىندىم ئەجەب .

    رىزقىم بولغاچ قېرىنداش ھەم ،
    يەپ كەتمىدى تۈگمەن كويلىسى .
    ئەنسىرىمە ، جېنىم شاراپەت ،
    تاسقاپ قويدى ھايات چويلىسى .
    2003-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
    شەھىرى ئۈرۈمچى


    5-پەسىل
    ئالدايدۇ ھەممىنى ئەتىياز پەسلى ،
    كۆكۈش نۇر تارقىتىپ غىل-پال ناز بىلەن .
    باشقا زىرائەتلەر ئاپتاپپەرەسنى ،
    كۈنلەيدۇ چاتىغى بار دەپ ياز بىلەن .

    سالساق قىزىمىزنى كۈز ئاپتىپىغا ،
    كېلىنلەر ئاچچىقتىن كېتەر قارىيىپ .
    قىش ، ئاجىز تەنلەرگە سانجىيدۇ نەشتەر ،
    قاپاقتىن مۇز ياغدۇرۇپ ھەمدە ئالىيىپ .

    مۇھەببەت ، يېشىل نۇر ، يېشىل دۇنياغا ،
    ئەكېلەر ئېھتىمال يەنە بىر پەسىل .
    ئۈلۈشكۈن ، تۈنۈگۈن ، بۈگۈنمۇ ئۆتتى ،
    كۈتۈش مەۋسۇمى ئەلۋەتتە ئېسىل .
    2003-يىل 12-ئاي
    شەھىرى ئۈرۈمچى



    ئىككى شېئىر
    ئەخمەتجان تۇرۇپ (بەگتۈرك)
    ھاياتنى چۈشىنىش
    ھايات ئۇنچە ئەمەس مېھرىبان ،
    كۆز يېشىڭغا پۈتمەس ھېچقاچان .
    كېچەلمەيسەن لېكىن مېھرىدىن ،
    مېھرى ئۇنىڭ سۈپسۈزۈك ئوكيان .

    پەسىل ئۇۋا سېلىپ كۆزىگە ،
    لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلغان .
    چاقناپ تۇرغان زىبا تېنىدىن ،
    دەستە-دەستە نۇرلار چېچىلغان .

    ئاپئاق چاچلىق قىز بولسىمۇ ئۇ ،
    شوراپ سۆيگۈڭ كېلەر ھەر زامان ،
    ئىشەن دېسەڭ كۆز ياشقا ئەمما ،
    كۆمۈپ قويار روھىڭنى خازان .


    تاڭنى قۇچاقلاش
    قۇچاقلىساڭ تاڭنى شارابسىز ،
    قېنىڭ ئىچرە ھوۋلايدۇ بۆرە .
    قەلبىڭدىكى سۇنۇق ئەتىرگۈل ،
    مەتخۇشلۇقتىن بولىدۇ ئۆرە .

    ئوت چاچرىتىپ تۇياقلىرىدىن ،
    تومۇرۇڭدا چاپىدۇ ئاق ئات .
    بالىلىقنىڭ شەھىرىدە قالغان ،
    قۇشۇڭ كېلىپ بېرىدۇ سوۋغات .

    سەن ئۇنتۇغان قەدىمىي ئورمان ،
    توۋلايدۇ:
    «كەل ، كەلگىن بالىجان!»
    پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ ھەممە ،
    سېنىڭ بولۇپ قالىدۇ جاھان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.