ئايرىلىش(ئەدھەم ئىبراھىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-01 08:06:53

ئايرىلىشئەدھەم ئىبراھىممەنزىلگە يەتمەيلا قايرىلدى يوللار، يىراقتىن قارىمىز كۆرۈنگەن دەقىق. يۈرەكلەر ئېغىشىپ تۇرۇشسىمۇ گەر، ۋىجداننىڭ سوتىدا قىلىندى تەقىپ. ناۋادا دوقۇرۇپ قالساق دوقمۇشتا، تىترەيدۇ يۈزلەردە سارغايغان شادلىق. كېتىسەن، كېتىمەن قالى

    ئايرىلىش
    ئەدھەم ئىبراھىم


    مەنزىلگە يەتمەيلا قايرىلدى يوللار،
    يىراقتىن قارىمىز كۆرۈنگەن دەقىق.
    يۈرەكلەر ئېغىشىپ تۇرۇشسىمۇ گەر،
    ۋىجداننىڭ سوتىدا قىلىندى تەقىپ.

    ناۋادا دوقۇرۇپ قالساق دوقمۇشتا،
    تىترەيدۇ يۈزلەردە سارغايغان شادلىق.
    كېتىسەن،  كېتىمەن قالىدۇ دىلدا،
    ھىجران ئازابى خۇيلىنىپ تاتلىق.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.