ئانا تىلىم

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-20 19:07:00

ئانا تىلىم مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجىمنىڭ ("ۋەتەن مىنىڭ قەلبىمدە" تېمىسىدىكى شېئىر دىكلاماتسىيە يىغىنىدا ياشلارغا ئاتاپ ئوقۇلغان نەزمە) ئەي تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى، سەن ...

    ئانا تىلىم

     مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجىمنىڭ

    ("ۋەتەن مىنىڭ قەلبىمدە" تېمىسىدىكى شېئىر دىكلاماتسىيە يىغىنىدا ياشلارغا ئاتاپ ئوقۇلغان نەزمە)

    ئەي تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل، بارچە تىللار سەرخىلى.
    سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھۇزۇرۇم، تاتلىقىم،
    سەن يۇۋاش تىل ھەم ئاسان تىل سەندە نۇسرەت، شادلىقىم.

    ئەۋۋىلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
    كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
    سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
    سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.

    سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتنىڭ بىر ماددىسى،
    سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاخلىرىنىڭ قالدىسى.
    مىللىيەت مەۋجۇت "ياران" مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
    نەدە ئۇ مىللى شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.

    تىل دىگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار، رىشتە بىل،
    رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئىسىل ئۇز (چىرايلىق)كەشتە بىل.
    ئانا تىل-مىللى تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
    ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

    ئانا تىل-تىل غەلىبىسىدە قىلىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
    ئەرەبى، پارسى ھەم ئۆگەندىم، ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
    ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
    ئانا تىل- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.

    جان ياشاردى ئوز زۇۋانىم بىرلە بىر سوز ئاڭلىسام،
    قالدى ھەيران ھەق شۇ تىلدا ئوز ئىلىمنى داڭلىسام.
    چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل-يۇرت تىلى،
    ئۇشبۇ تىلدا پۇتتى داستان شائىرلىرىم-يۇرت بۇلبۇلى.

    ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۆپ زامان،
    ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇت خاس يۈسۈپ، مەھمۇت ھامان...
    ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلەر قاتار،
    بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئوزبەك ھەم قازاق، قىرغىز، تاتار.

    تىلغا ئەل ھەغدا، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلكىدىن،
    ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئىلى، تۇرپانۇ، قەشقەر، ئىلچىدىن.
    دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقنى ساقلا دەپ،
    تىل-يەزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.

    ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
    شىر ناۋائىدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
    كىم خۇشال بولمايدۇ، رۇھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
    ئانا تىل-بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا توھپە قات.

    ----------------------------


    بۇ شېئىر،"يېڭى قاشتېشى" ژورنىلىنىڭ 1994-يىل 2-سانىدىن ئېلىندى)

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-5-21 20:58:52]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا تىل